پەي توپ

پەي توپ

19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ھازىرقى زامان پەي توپ ھەرىكىتى ئەنگلىيىدە پەيدا بولغاندا، توپ مەيدانى قاپاقسىمان بولۇپ، ئىككى بېشى كەڭ، ئوتتۇرىسى تار بولغان، 1901-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن تىك تۆتبۇلۇڭ ھالىتىگە كەلگەن. ھازىرقى ئۆلچەملىك مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى 40.13 مېتىر، يەككە ئويناش مەيدانىنىڭ كەڭلىكى 18.5 مېتىر، جۈپ ئويناش مەيدانىنىڭ كەڭلىكى 10.6 مېتىر بولىدۇ. مۇسابىقە نومۇرىنى ھېسابلاشتا، ئاياللارنىڭ يەككە ئوينىشىدا 11 نومۇر ھېسابلانغاندىن سىرت، قالغان تۈرلەردە كىم ئاۋۋال 15 نومۇر ئالسا شۇ غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پەي توپ
خەنزۇچە نامى 羽毛球

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پەي توپ مۇسابىقىسىبۈگۈنكى كۈندە ئەڭ مۇھىم دۇنيا پەي توپ مۇسابىقىسىدىن تۆۋەندىكىلەر بار: «تومىس لوڭقىسى» مۇسابىقىسى(ئەرلەر كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى) ، 1948-يىلىدىن باشلاپ ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ «ۋېبېر لوڭقىسى» مۇسابىقىسى(ئاياللار كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى) ، 1956-يىلىدىن باشلاپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى(يەككىلەر مۇسابىقىسى) ، 1977-يىلىدىن باشلاپ 1989-يىلىغىچە ئالتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن؛ ئەنگلىيە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى(رەسمىي بولمىغان ئەنئەنىۋى يەككىلەر مۇسابىقىسى) ، 1899-يىلىدىن باشلىنىپ ئارىلىقتا 1915-يىلىدىن 1919-يىلىغىچە ۋە 1940-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك توختاپ قالغاندىن باشقا، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. بۇ بىرنەچچە چوڭ مۇسابىقە خەلقئارا پەي توپ بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پەي توپ ھەرىكىتىئېلىمىزدە  50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېيىن پەي توپ ھەرىكىتى تەدرىجىي ھالدا شەھەرلەردە قانات يېيىشقا باشلاپ، سەۋىيىسىمۇ تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 1963-يىلى ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى بىلەن دۇنيا چېمپىيونى ھىندۇنېزىيە كوماندىسىنى يەڭگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇقنى تارتىۋالغان. ئۇنىڭ ئىچىدە، 1982-يىلى ۋە 1988-يىلى جۇڭگو ئەرلەر كوماندىسى ئىككى قېتىم تومىس لوڭقىسىنى، 1985-يىلى، 1988-يىلى ۋە 1991-يىلى ئاياللار كوماندىسى ئۈچ قېتىم ۋېيبېر لوڭقىسىنى ئالغان. 1987-يىلى دۇنيا پەي توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرلىرى بارلىق بەش يەككە تۈرنىڭ ئالتۇن مېدالىنى ئالغان. بۇ نەتىجىلەر ئېلىمىزنىڭ پەي توپ ھەرىكىتىدە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىپلا قالماي، ئىختىساسلىقلارنىمۇ كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئەر تەنھەرىكەتچىلەردىن ياڭ ياڭ، جاۋ جەنخۇالار دۇنيا پەي توپ سەھنىسىدە «تۆت چوڭ پادىشاھ» سېپىگە كىرگەن. ئايال تەنھەرىكەتچى لى لىڭۋېي دۇنيا «پەي توپ خانىشى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#