شۈجۇ
شۈجۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ياۋ بۇ يەرنى پىڭزۇغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەچكە، داپىڭ بەگلىكى دەپ ئاتالغان، ئەمىنىيە دەۋرىدە پېڭچىڭ شەھىرى قىلىپ قۇرۇلۇپ، يېغىلىق دەۋرىدە سۇڭ بەگلىكىنىڭ پايتەختى قىلىنغان .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شۈجۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ياۋ بۇ يەرنى پىڭزۇغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەچكە، داپىڭ بەگلىكى دەپ ئاتالغان، ئەمىنىيە دەۋرىدە پېڭچىڭ شەھىرى قىلىپ قۇرۇلۇپ، يېغىلىق دەۋرىدە سۇڭ بەگلىكىنىڭ پايتەختى قىلىنغان، شياڭ يۈمۇ بۇ يەردە پايتەخت قۇرغان، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە شۈجۇ ئايمىقى بولغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋىلايەت بولغان. قەدىمدىن تارتىپ ھەربىي سەركەردىلەر تالىشىدىغان ھەربىي ئىشلار بويىچە ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىماتەي خارابىسى، شىڭخۇا ئىبادەتخانىسى، داشى قىياسى، خۇەيخەي ئۇرۇشى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى بار. يەنە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىرمۇنچە قەبرىستانلىقلار بار بولۇپ، ئۇلاردىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسىملىك تاشلار، لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى، كۈمۈش بېزەكلىك كىيىم قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان، شۈيجۇغا قاراشلىق بېيجۇ ناھىيىسىدە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئويۇلغان ليۇ باڭنىڭ «بوران قوشىقى» دېگەن تاش ئابىدە بار.
جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا يۈنلۇڭ تېغى، يۈنلۇڭ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.