خوسې رىزال

خۇسې رىزال

خوسې رىزال (1896-1861)، فىلىپپىننىڭ 19 ـ ئەسىردىكى ئەڭ ئاتاقلىق مىللىي شائىرى، تارىخچىسى ۋە يازغۇچىسى شۇنداقلا فىلىپپىن دۆلەت ئاتىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇسې رىزال
باشقا نامى رىزال
تۇغۇلغان ۋاقتى 1861-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
كەسپى شائىر، تارىخچى، يازغۇچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 何塞·黎刹
دۆلەت تەۋەلىكى فىلىپپىن
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى مادرىد ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوسې رىزال (1896-1861)، فىلىپپىننىڭ 19 ـ ئەسىردىكى ئەڭ ئاتاقلىق مىللىي شائىرى، تارىخچىسى ۋە يازغۇچىسى شۇنداقلا فىلىپپىن دۆلەت ئاتىسى.

رىزال فىلىپپىن پايتەختى مانىلا ئەتراپىدىكى لاگونا ئۆلكىسىنىڭ كالامبا شەھىرىدە بىر پومىشىچىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاتا تەرەپ ئەجدادى جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرگە، ئانا تەرەپ ئەجدادى ياپونىيەلىك كۆچمەنلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. 

خۇسې رىزالخوسې رىزالخوسې رىزال باياشات ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ ئۇ چوڭ بولغان چاغلار فىلىپپىن ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ نەچچە يۈز يىل بولغان، فىلىپپىنلىقلار گەرچە ئىسپانلارنىڭ دىن، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاللىبۇرۇن ئىسپانلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايدىغان ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما فىلىپپىننىڭ نامرات ۋە قالاق ھالىتى، ئىسپانلارنىڭ فىلىپپىنلىقلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسىتى ئاللىبۇرۇن فىلىپپىندا بىر بۆلۈك ۋەتەنپەرۋەرلەرنى يېتىشتۈرگەن چاغلار ئىدى. كىچىكىدىنلا كۈچلۈك فىلىپپىن ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ تەسىرىگە يولۇققان خوسې رىزال تېخى 9 ياش چېغىدىلا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتىغا تولغان «بىزنىڭ ئانا تىلىمىز» ناملىق داستانى بىلەن كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغان.

خۇسې رىزال1876 ـ يىلى، رىزال مانىلادا ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتى ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا مىللىي  ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىجتىمائىي ـ سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا باشلايدۇ. 1879-يىلى، ئۇ مانىلادىكى سېنت فوما ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، بىر قاتار ئىلغار شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن «فىلىپپىن ياشلىرىغا» دېگەن شېئىرى شۇ زاماندىكى زىيالىلار ئارىسىدا ناھايىتى زور ئىنكاس پەيدا قىلغان. رىزالنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئىدىيىۋىلىگى ۋە يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيى پائالىيەتلىرى مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئازاتلىق ھەرىكەتلەر بىلەن چەمبەرچەس باغلانغاچقا، ئۇ ئۆمۈر بويى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ كەلگەن. 1882 ـ يىلى، فىلىپپىندىكى ئىسپان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قاتمۇقات نازارەت ۋە سوراقلىرىدىن بىزار بولغان رىزال ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ، ياۋروپاغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە مادرىد ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېدىتسىنا ۋە پەلسەپە ساھەسى بويىچە ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ مەزگىلدە ۋەتىنىدىن يىراق جايلاردا يۈرسىمۇ، لېكىن فىلىپپىن خەلقىنىڭ كۈرىشىنى ۋە مىللىي تەقدىرىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىدىن چىقارمايدۇ، ئۇ مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى سۆكىدۇ، مۇناستىرلارنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ۋە فىلىپپىن مىللەتلىرىنىڭ ئىپتىخارىنى ئىزھار قىلىدۇ. تەشۋىقات تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ھارماي ـ تالماي شۇغۇللىنىدۇ.

رىزال ئەسەرلىرى1887-يىلى ئۇنىڭ «ماڭا چېقىلىشما» دېگەن تۇنجى رومانى بېرلىندا دۇنياغا تونۇلىدۇ. مىللىي ئازاتلىق ئىدىيىسىنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان بۇ ئەسەر ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىكى قاتتىق شىكايەت ئىدى. 

1892 ـ يىلى، رىزالنىڭ «ئىسيانكار» ناملىق ئىككىنچى رومانى بېلگىيەدە نەشر قىلىنغان. بۇ رومان «ماڭا چېقىلىشما» نىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ روماندا ئىۋالانىڭ ئىسمىنى سېيمونغا ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىن قايتىپ كەلگەنلىگى، «جانغا جان، قانغا قان» ئېلىش ئۈچۈن، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىغمۇ ـ تىغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا بەل باغلىغانلىقى، لېكىن، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرمىگەنلىگى ئۈچۈن، بىر نەچچە قېتىملىق تېرورلۇق ھەرىكەتلەردە مەغلۇپ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى قاقاس دېڭىز ساھىلىدا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.

خۇسې رىزالفىلىپپىن خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى ۋە يازغۇچىسى رىزال گەرچە دۇنيادىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ قەلبىدە ھايات. فىلىپپىن خەلقى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ھەر يىلى رىزال ۋاپات بولغان بۇ كۈننى «رىزال كۈنى» قىلىپ مەملىكەت بويىچە مۇھىم بايرام سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ. فىلىپپىنىڭ پۇلىدا رىزالنىڭ سۈرىتى بار. فىلىپپىننىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرستېتمۇ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش زۆرۈر بولغان كىتاپلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. رىزال قەدەم قويغان فىلىپپىندىن تارتىپ، سىنگاپور ۋە پېروغا قەدەر بولغان جايلاردا ئۇنىڭ ھەيكىلى بار.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#