ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻦ
ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻦ بولسا ﻳﺎﻧﺘﺎﻗﻨﯩﯔ ﻳﻮﭘﯘرﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻦﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺷﯧﻜﻪر داﻧﭽﯩﻠﯩﺮى بۇلۇپ،ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﻪدەﻧﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪش، ﺑﻪدەﻧﻨﻰ ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﺶ، ﺟﺎراﮬﻪت ﭘﯜﺗﺘﯜرۈش رولى بار .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻦ بولسا ﻳﺎﻧﺘﺎﻗﻨﯩﯔ ﻳﻮﭘﯘرﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻦﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺷﯧﻜﻪر داﻧﭽﯩﻠﯩﺮى بۇلۇپ،
ﭘﯘرﭼﺎق ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚپ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﺎﺗﻘﺎل ﺳﺎﻣﺎن ﻏﻮﻟﻠﯘق ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜككە تەۋە. ﻳﺎش ﺗﺎﻣﭽﯩﺴﯩﻤﺎن ﻳﺎﻛﻰ داﻧﭽﯩﺴﯩﻤﺎن ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە، رەﯕﮕﻰ ﺳﯘس ﺳﺎرﻏﯘچ رەﯕﺪە،ﭘﯘرﯨﻘﻰ ﺳﯘس، ﺳﯘدا ﺋﺎﺳﺎن ﺋﯧﺮﯨﻴﺪۇ.ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ،ﺷﯩﻨﺠﺎڭ، ﭼﯩﯖﯩﻪي، ﺋﯩﭽﻜﻰﻣﻮﯕﻐﯘﻟﺪﯨﻦ ﮬﻪم ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎن، رۇﺳﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳـلاردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ.
ﻳﺎﻧﺘﺎق ﺷﯧﻜﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﺗﯜﭘﻰﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﺪە ﺋﺎﺗﺴﯩﺪوم، ﺋﻮرﺳـﻮﻟـﯩـﻜـﻮم (Ursolisiacid)، ۋﯨـﺘـﺎﻣﯩـﻦ C,B ۋەK ، ﻛﺎروﺗـﯩـﻦ (Carotin)، ﻓـلاۋون (Flavonol) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلار ﺑﺎر.
1. 500 ﮔﺮام، ﺳﯚﺋﻠﻪپ 50 ﮔﺮام، ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻦ 300 ﮔﺮام، ﺷﯧﻜﻪر 500 ﮔﺮام، ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ داۋاﺋﻰ ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻦﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﺪۇ، ﺳﯜت، ﻣﻪﻧﯩﻲ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
2. ﺳﺎﻧﺎ، ﺑﻪدﯨﻴﺎن، ﮔﯜﻟﺒﯩﻨﻪﭘﺸﻪ، ﺷﻮﺧـلا ﮬﻪر ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 10 ﮔﺮاﻣﺪﯨﻦ، ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻨﺪﯨﻦ 20 ﮔﺮام ﺋﯧﻠﯩﭗ دەﻣﻠﻪپ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﺋﯜﭼﻪي ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
3. ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻦ، ﺑﻪدﯨﻴﺎن، ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜت ﺋﯘرۇﻗﻰ ( ﻗﻮﺷﯘپ)، دورﯨـلارﻧﻰ ﺳﻮﻗﯘپ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘدا دەﻣﻠﻪپ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩـلاردﯨﻜﻰ ﻗﻮرﺳﺎق ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺗﻪرەﺗﻨﻰ راۋان ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
4. ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻨﺪﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖﻣﯩﻘﺪاردا ﺋﯧﻠﯩﭗ زﯨﺮى ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻛﯩﺰﯨﻜﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﻮرﺳﺎق ﺋﺎﻏﺮﯨﺸﻘﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
داۋاﺋﻰ ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻦ، مەتبوخ تەرەنجىبىن
ﺑﻪدەن ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺑﺎھ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻳﯚﺗﻪل، ﻗﻪۋزﯨﻴﻪت، ﻣﻪﻧﯩﻲ ﻳﯜرۈپ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎزان، ﺋﯜﭼﻪي ﺟﺎراﮬﻪﺗﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.