كىيىم-كېچىكى ئەڭ ياخشى ئايال

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىندسۇر گېرتسوگ خانىم (1896-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان) 1938-يىلدىن 1953-يىلىغىچە 15 يىل ئارىلىقىدا «دۇنيا بويىچە كىيىم-كېچىكى ئەڭ ياخشى ئايال» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1959-يىلى 1-ئايدا نيۇيورك تىكى كىيىم-كېچەك تەتقىقات ئورنى ۋىندسۇر خانىم بىلەن ۋىللىئام پالېينى خانىملارغا «داڭلىق ئاياللارنىڭ مۇقەددەس قەسىرى» دېگەن نام بەرگەن. ئۇلار بۇ نامغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىككىسى كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشمىسىمۇ بولىدىكەن.

كننېدى ئوناسسىمۇ (1929-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكىنىڭ سوسئە نپورۇندا تۇغۇلغان) بىر نەچچە يىل كېيىن يۇقىرقىغا ئوخشاش نامغا ئېرىشكەن. 

دۇنيا بويىچە كىيىم-كېچىكى ئەڭ ياخشى ئاياللاردىن يەنە ۋىن ستون گۇئېست خانىم، پالېيى خانىم، گىلورىئاگۇننېسىس خانىملار ھەر يىلى كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىش، تىكتۈرۈش ئۈچۈن 500 مىڭ فرانكتىن ئارتۇق پۇل ئىشلىتىدىكەن (تېرە ماللار ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

1960-يىلى 1-ئايدا كىيىم-كېچەك تەتقىقات ئورنى 12 نەپەر ئەڭ كېلىشكەن ئايالنىڭ فامىلىسىنى، چىراي-شەكلىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇشنى قارار قىلغان، بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر جانلىق بولىدىكەن. ئەمما 1966-يىلىغا كەلگەندە، ئەھۋال يەنە ئەسلىگە قايتقان. چۈنكى 22 ياشلىق ئاماندا كاتېربۇردېن 1966-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى «ئەڭ ياش تاجى كەيگۈچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئەسلىدە ئۇ ۋىللىئام پالېي خانىمنىڭ كېلىنى ئىدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#