جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى

خەلق بانكىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى

تېخىمۇ ياخشى بولغان ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەرز، قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى قائىدىسى «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئوقۇش ياردەم كىرېدىتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قوشۇمچە پىكىرىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ۋە «جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى» غا ئاساسەن «خەلق بانكىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بېكىتىلگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى
ئېلان قىلغان ئۇرۇن گوۋۇيۈەن
خاراكتېرى ھۆكۈمەت خەت-ئالاقىسى
خەنزۇچە نامى 中国人民银行助学贷款管理办法
ئالاقىدار ھۆججەت [2000] 7-نومۇرلۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى» تېخىمۇ ياخشى بولغان ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەرز، قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى قائىدىسى «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئوقۇش ياردەم كىرېدىتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قوشۇمچە پىكىرىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ۋە «جۇڭگو خەلق بانكىسى نىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى» غا ئاساسەن «خەلق بانكىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بېكىتىلگەن. 

جۇڭگو خەلق بانكىسى نىڭ تيەنجىن، شېنياڭ،شاڭخەي، نەنجىڭ، جىنەن، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، چىڭدۇ، شىئەن شۆبە بانكىسى، تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمى (بېيجىڭ)، چۇڭچىڭ تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمى، مەركىزىي تارماق بانكىسى (پايتەخت) ھەرقايسى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى، ھەر قايسى جايلار، شتات، شەھەرلىك مەركىزي تارماق بانكىلىرى، ھەرقايسى ناھىيە (ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر) لىك تارماق بانكا  ئىچىدە قالىدۇ؛ 

جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى، جۇڭشىن تىجارەت بانكىسى، جۇڭگو گۇاڭدا بانكىسى، خۇاشىيا بانكىسى،  جۇڭگو خەلق تۇرمۇشى بانكىسى، خېرىدار چاقىرىش بانكىسى، گۇۋاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، شېنجېن راۋاج بانكىسى، فۇجيەن گۈللەندۈرۈش بانكىسى، شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى ئۈرۈمچى تارماق بانكىسى. [0]

1-ماددا مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشترۈش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، سودا بانكىلىرى ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرى ( تۆۋەندە «قەرز پۇل بەرگۈچىلەر» دېيىلىدۇ ) «قەرز پۇل ئومۇمىي قائىدىسى»گە بىنائەن، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇل كەسپىنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويسا بولىدۇ.

2-ماددا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشتە كېپىلسىز ( ئىناۋەتلىك) ئوقۇش ياردەم قەرز پۇل بېرىش ۋە كېپىللىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ.

3-ماددا قەرز پۇل بەرگۈچىلەر ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ( جۈملىدىن مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلار، تۆۋەندە «قەرز پۇل ئالغۇچىلار» دېيىلىدۇ ) غا كېپىلسىز ( ئىناۋەتلىك ) ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشتە ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەىيلىرى ( تۆۋەندە «قەرز پۇل ئالغۇچىلار» دېيىلىدۇ ) گە كېپىلسىز ( ئىناۋەتلىك ) ئوقۇش ياردەمقەرز پۇلى ۋە كېپىلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بەرسە بولىدۇ.

4-ماددا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا مۇنۇ ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم: مەكتەپكە كىرىش ئۇقتۇرۇشى ياكى ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى، كۈچكە ئىگە كىملىكى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلر ياكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىيلەننىڭ ئۇنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى ئىسپاتى.

5-ماددا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلر ئوقۇ شياردەمقەرز پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا بەلگىلىمە بويىچە قەرز پۇل توختامىنى تولدۇرۇشى، سۈرۈشتۈرشكە ئاساسن بولسۇن ئۈچۈن، مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن قەرز پۇل بەرگۈچىگە خىزمەت ئورنىنى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى دەپ بېرىدىغانلىقى، قەرز پۇلنى قەرەلى ئۆتۈپ بىر يىلغىچە قايتۇرمىسا، يەنە كېلىپ قەرەلنى ئۇزارتىشنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، قەرز پۇل بەرگۈچى ئۇ ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپتە ياكى مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى، كىملىك نومۇرىنى ئېلان قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشى لازىم.

6-ماددا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى شۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇشلۇق مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىدىن ئاشمايدۇ.

7-ماددا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ قەرەلى ئومۇمەن سەككىز يىلدىن ئاشمايدۇ، قەرەلنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى قەرز بەرگۈچى بىلەن ئالغۇچى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ.

8-ماددا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى جۇگڭ خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن قەرەلدىكى قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە بولىدۇ، ئۆستۈرۈۋېلىنمايدۇ.

9-ماددا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرىنىقۇايتۇرۇش، ئۆسۈمىنى تۆلەشتە جانلىق ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ. قەرز پۇل قەرەلدىن بۇرۇنقايتۇرۇلسىمۇ ياكى ئۆسۈمى دىرى بىلەن تۆلەنسىمۇ ۋە ياكى نەچچىگە بۆلۈپ يىل-پەسىل ياكى ئاي بويىچە قايتۇرۇلسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، كونكرېت ئۇسۇلنى قەرز پۇل بەرگۈچى بىلەنئالغۇچى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ ھەمدە توختامغا يازىدۇ. قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى قەرەلدىن بۇرۇن قايتۇرۇلسا، بۇ قىسمىدىن توختامدا پۈتۈشكەن ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئەمەلىي ئىشلەتكەن ۋاقتى بويىچە ھېسابلاپ ئۆسۈم ئېلىنىدۇ؛ ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇلمىسا، قەرز پۇل بەرگۈچى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە ئۆسۈم ئالىدۇ.

10-ماددا ھەر دەرىقىلك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەرقايسى ساھەدىكىلەر قەرز پۇل ئالغۇچىغا كېپىللىك ياكى ئۆسۈم ياردەم پۇلى بېرىدىغان بولسا، ئۆسۈم ياردەم پۇلىنىڭ نىسبىتى، ۋاقتىنى قەرز پۇل بەرگۈچى ياكى قەرز پۇل ئالغۇچى تۇرۇشلۇق مەكتەپ بىلەن ئۆسۈم ياردەم پۇلى بەرگۈچى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ.

11-ماددا قەرز پۇل ئالغۇچى ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشى لازىم، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپتىن ئايرىلغاندا، قەرز پۇل بەرگۈچىگە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئورنىنى ئۆزلۈكىدىن خەۋەر قىلىپ، قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ۋە قەرز پۇل بەرگۈچىىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى بېرىش، يىغىۋېلىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ھامكارلىشىشى لازىم. قەرز پۇل ئالغۇچىلار مەكتەپتىكى مەزگىلدە باشقا مەكتەپكە ئلامىشىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش، چېكىنىش، تالاپەتكە ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللر تۇغۇلسا، قەرز پۇل ئالغۇچى تۇرۇشلۇق مەكتەپنىڭ قەرز پۇل بەرگۈچىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

13-ماددا قەرز پۇل بەرگۈچى كونكرېت يولغا قويۇش قائىدىسىنى مۇشۇ چارىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى بېرىش ۋە يىغىۋېلىشنى كۈچەيتىشى، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#