چارپاقا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چارپاقا ___ بۇ پاقا ئائىلىسىدىكى ھايۋانات چار پاقىنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن تېنىدىن ئىبارەت بولۇپ، چارپاقا نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
چارپاقا زەھەر قايتۇرۇش ۋە جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈشكە، پىچاق، يىڭنە، قىلىچ كىرگەن جايغا پاقىنىڭ قارنى يېرىلىپ تېڭىلىدۇ ياكى قۇرۇتۇلغان پاقا سۇفۇب قىلىنىپ سېپىلىدۇ. قان توختىتىشقا، بەدەننىڭ سىرتىدىن قان كەلگەندە پاقا سۇفۇپى يالۇز ياكى مۇناسىپ دورىلار بىلەن تېڭىلىدۇ، جاراھەتلەرنى ياخشىلاش، ئىششىقنى قايتۇرۇش، قىزىرىشنى تۈگىتىشكە پاقا سۇفۇپى سېپىلىدۇ ياكى سىركە قوشۇپ تېڭىلىدۇ.
ئىششىق قايتۇرۇشقا مۇناسىپ دورىلار بىلەن مەلھەم تەييارلاپ سىرتتىن چېپىلىدۇ ياكى زىمات قىلىنىدۇ. پاقىنى ئېزىپ ئۈستىدىن ياغ قوشۇپ دۇغىنى چىقىرىپ جاراھەتكە سىرتتىن سۈركىلىدۇ.
چىش ئاغرىقىغا پاقا قارنى يېرىلىپ قاينىتىلىپ سۈيى بىلەن ئېغىز چايقىلىدۇ.
قان توختىتىش ۋە جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش ۋە ھاشارەت چاققان زەھەرلەرنى قايتۇرۇشقا پاقىنى كۆيدۈرۈپ كۈلىدە سۇفۇپ تەييارلاپ چېپىلىدۇ. چۈشۈپ كەتكەن چاچنى چىقىرىشقا سەۋرى دەرىخىنىڭ يېلىمى بىلەن قوشۇپ باشقا چېپىلىدۇ. چىشنى ئاغرىماستىن تارتىپ چىقرىشتا پاقىنى كۆيدۈرۈپ چىشقا بېسىلىدۇ ياكى ئىسپىرتقا چىلاپ تەككۈزۈلىدۇ. بوۋاسىر قېىنىنى توختىتىشقا پاقىنىڭ پۇت-قوللىرىنى كېسىپ تاشلاپ، ئىچ ئەزاسىنى تازلىۋېتىپ، بۆرەك يېغىدا ئوبدان پىشۇرۇپ، يېغى چىقىرىلىپ سىرتتىن ياغلىنىدۇ، بەدەندىكى ئىچكى زەخمەت قانلىرىنى توختىتىشقا كۆيدۈرۈلگەن پاقا مېڭىسى سىرتتىن سېپىلىدۇ ياكى بۇرۇنغا پۈركۈلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.