جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى 2013–يىلى 6-ئاينىڭ 29–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2013–يىلى 6-ئاينىڭ 29–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国特种设备安全法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó tè zhǒng shè bèi ān quán fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنىبۇ قانۇن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (4–نومۇرلۇق)   

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى» 2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2014–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش (جۈملىدىن لايىھەلەش، ياساش، قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش)، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئالاھىدە ئۈسكۈنە جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە چوڭراق خەتىرى بولغان پار قازان، بېسىملىق قاچا (گاز تۇڭى)، بېسىملىق تۇرۇبا، لېفىت، كىران، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن–تاماشا ئەسلىھەسى، مەيدان ئىچىدىكى مەخسۇس موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مۇشۇ قانۇننىڭ تەتبىقلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەت ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى مۇندەرىجە بويىچە باشقۇرىدۇ. ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

3–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە بىخەتەرلىكنى 1–ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

4–ماددا دۆلەت ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى بىخەتەرلىك جەھەتتىن تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

5–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

6–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك.

7-ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئېنېرگىيە تېجەش تەلىپىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

8–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەشتە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە ئائىت تېخنىكا قائىدىسى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىش كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى چىقىرىدۇ.

9–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ساھە جەمئىيىتى ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشى، ساھە سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

10–ماددا دۆلەت ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە ئائىت پەن–تېخنىكا تەتقىقاتىغا مەدەت بېرىدۇ، ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

11–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە دائىر تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىشى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

12–ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخس ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

2–باب ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش

1–پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

13–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار بولىدۇ.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلار، ئۆلچىگۈچىلەر ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىلىرىنى سەپلىشى ھەمدە ئۇلارغا زۆرۈر بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشى ۋە ئۇلارنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىشى كېرەك.

14–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلار، ئۆلچىگۈچىلەر ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرغۇچىلار، ئۆلچىگۈچىلەر ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىلىرى بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

15–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئۆلچىشى ۋە ئاسرىشى، دۆلەت تەكشۈرۈشنى بەلگىلىگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەكشۈرتۈشى كېرەك.

16–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلىتىلگەن يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ھۈنەر بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بىلەن بىردەك بولماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدە تەلەپ قويۇلماي، بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا زور تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىش، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىخەتەرلىك تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتىغا ياكى ئالاقىدار كەسپىي ئاپپاراتقا ۋاقتىدا باھالىتىشى كېرەك، باھالاش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەرگە قويۇلغان مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا تەلىپىنى بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈشى كېرەك.

17–ماددا دۆلەت ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

2–پاراگراف ئىشلەپچىقىرىش

18–ماددا دۆلەت تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك:

(1) ئىشلەپچىقىرىشقا لايىق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇش؛

(2) ئىشلەپچىقىرىشقا لايىق ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسى ۋە ئىش سورۇنى بولۇش؛

(3) مۇكەممەل سۈپەت كاپالەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملىرى بولۇش.

19–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئۆلچەمدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىشلەپچىقارغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك، بىخەتەرلىك ئىقتىدارى تەلىپىگە ۋە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شۇنىڭدەك دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا يول قويۇلمايدۇ.

20–ماددا پار قازان، گاز تۇڭى، ئوكسېگىن ئۆيى، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن–تاماشا ئەسلىھەسىنىڭ لايىھە ھۆججىتىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتى باھالىغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ئۈسكۈنە ياساش كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەھسۇلاتى، زاپچاسلىرى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىناق قىلىپ ياسالغان يېڭى مەھسۇلاتى، يېڭى زاپچاسلىرى شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلىتىلگەن يېڭى ماتېرىياللاردىن بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە تىپ تەجرىبىسى ئارقىلىق، بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلىدىغانلىرىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغان ئاپپارات تىپ تەجرىبىسى قىلىشى كېرەك.

21–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى زاۋۇتتىن چىقارغاندا، بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدە تەلەپ قىلىنغان لايىھە ھۆججىتى، مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەت ئىسپاتى، قۇراشتۇرۇش شۇنىڭدەك ئىشلىتىش، ئاسراش چۈشەندۈرمىسى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە ھۆججەتلىرىنى قوشۇپ قويۇش ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە مەھسۇلات ماركىسى، بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرمىسىنى چاپلاپ قويۇش كېرەك.

22–ماددا لېفىتنى لېفىت ياسىغان ئورۇن ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان، قانۇن بويىچە مۇناسىپ ئىجازەت ئالغان ئورۇن قۇراشتۇرۇشى، ئۆزگەرتىشى ۋە رېمونت قىلىشى شەرت. لېفىت ياسىغۇچى ئورۇنلاردىن لېفىتنى قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىشنى باشقا ئورۇنغا ھاۋالە قىلغانلىرى ئۇلارنىڭ قۇراشتۇرۇشى، ئۆزگەرتىشى ۋە رېمونت قىلىشىغا بىخەتەرلىك جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشى ھەمدە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە تەكشۈرۈشى ۋە تەڭشىشى كېرەك. لېفىت ياسىغۇچى ئورۇن لېفىتنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا جاۋابكار بولىدۇ.

23–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان ئورۇنلار ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

24–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى قۇراشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ، رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قۇراشتۇرغان، ئۆزگەرتكەن، رېمونت قىلغان ئورۇن ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە ھۆججەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنى شۇ ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئارخىپىغا سېلىشى كېرەك.

25–ماددا پار قازان، بېسىملىق قاچا، بېسىملىق تۇرۇبا زاپچاسلىرى قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ياساش جەريانى ۋە پار قازان، بېسىملىق قاچا، بېسىملىق تۇرۇبا، لېفىت، كىران، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن–تاماشا ئەسلىھەسىنى قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، چوڭ رېمونت قىلىش جەريانىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈلمىگەن ياكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى زاۋۇتتىن چىقىرىشقا ياكى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

26–ماددا دۆلەت چاتىقى بار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قايتۇرۇۋېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردىن ئىشلەپچىقىرىش سەۋەبى بىلەن، بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئوخشاش چاتاق بارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن دەرھال توختىتىشى، ئۆزلۈكىدىن قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قايتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قايتۇرۇۋالمىغان ئەھۋالنى بايقىغاندا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇننى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇشى كېرەك.

3–پاراگراف تىجارەت قىلىش

27–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ساتقۇچى ئورۇنلار ساتقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئالاقىدار ئۆلچەمدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى، لايىھە ھۆججىتى، مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەت ئىسپاتى، قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش، ئاسراش چۈشەندۈرمىسى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە ھۆججەتلىرى تولۇق بولۇشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ساتقۇچى ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ۋە سېتىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى بولمىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، تەكشۈرۈلمىگەن ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ياكى دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ۋە بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

28–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىجارە بەرگۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى بولمىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ياكى دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ۋە بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئاسرالمىغان ۋە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىجارە بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

29–ماددا ئىجارە بېرىلگەن مەزگىلدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، ئاسراش مەجبۇرىيىتىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىجارە بەرگەن ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

30–ماددا ئىمپورت قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا دۆلىتىمىزنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئىجازەت ئېلىش كېرەك.

ئىمپورت قىلغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېخنىكا ماتېرىيالى ۋە ھۆججىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 21–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، قۇراشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش، ئاسراش چۈشەندۈرمىسى، مەھسۇلات ماركىسى، بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرمىسىدە جۇڭگو يېزىقىنى قوللىنىش كېرەك.

ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى پىرىيوم قىلىشتا ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش كېرەك.

31–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلىشتا، ئىمپورت قىلىنىدىغان جايدىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئاۋۋال ئۇقتۇرۇش كېرەك.

4–پاراگراف ئىشلىتىش

32–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ئالغان ھەمدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشى كېرەك.

دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ۋە بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

33–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ياكى ئىشكەتكەندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىشلىتىشنى تىزىملىتىپ، ئىشلىتىش تىزىم گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك. تىزىم بەلگىسىنى شۇ ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئورنىتىشى كېرەك.

34–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمى قاتارلىق بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەشغۇلات قائىدىسى چىقىرىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

35–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. بىخەتەرلىك تېخنىكا ئارخىپىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى لايىھەلەش ھۆججىتى، مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەت ئىسپاتى، قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش، ئاسراش چۈشەندۈرمىسى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىيالى ۋە ھۆججىتى؛

(2) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قەرەللىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە ئۆزى قەرەللىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

(3) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى كۈندىلىك ئىشلىتىش خاتىرىسى؛

(4) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسۋابلىرىنى ئاسراش خاتىرىسى؛

(5) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردىكى كاشىلا ۋە ھادىسە خاتىرىسى.

36–ماددا لېفىت، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن–تاماشا ئەسلىھەسى قاتارلىق جامائەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار بولۇشى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىم قويۇشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىدىغان باشقا ئورۇنلار ئەھۋالغا قاراپ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس ۋە قوشۇمچە باشقۇرىدىغان خادىم قويۇشى كېرەك.

37–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتە بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىك ئارىلىقى، بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرى بولۇشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىمارەت، قوشۇمچە ئەسلىھەلەر ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

38–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئورتاق ئىگىدارلىقتا بولسا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى باشقۇرۇشنى خوجىلىق مۇلازىمەت ئورنىغا ياكى باشقا باشقۇرغۇچىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، ھاۋالە قىلىنغۇچى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ھاۋالە قىلمىغان بولسا، باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى ئەمەلىي باشقۇرغۇچى ئادا قىلىدۇ، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

39–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلىتىۋاتقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى دائىملىق ئاسراپ تۇرۇشى ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلىتىۋاتقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىك قوشۇمچە زاپچاسلىرى، بىخەتەرلىك قوغداش قۇرۇلمىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، رېمونت قىلىپ تۇرۇشى ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

40-ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە، لاياقەتلىك مۇددىتى توشۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن قەرەللىك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتى قەرەللىك تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك. ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن قەرەللىك تەكشۈرگەنلىك بەلگىسىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئورنىتىپ قويۇشى كېرەك.

قەرەللىك تەكشۈرتۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

41-ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى دائىملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ ئەھۋال جىددىي بولسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ ھەمدە شۇ ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ.

ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىلىرى مەشغۇلات جەريانىدا ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپنى ياكى باشقا بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى بايقىغان ھامان، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچى خادىمغا ۋە ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئۈسكۈنە نورمال ئىشلىمەي قالسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىسى مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

42–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە كاشىلا كۆرۈلسە ياكى باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلسە، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشى كېرەك.

43–ماددا ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن–تاماشا ئەسلىھەسىنى تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ھەر كۈنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن سىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىنى دائىملىق تەكشۈرۈشى ھەمدە بىخەتەرلىك قوشۇمچە زاپچاسلىرى ۋە بىخەتەرلىك قوغداش قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

لېفىت، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن – تاماشا ئەسلىھەسىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار شۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسى، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە ئاگاھ بەلگىسىنى ئۇنىڭغا چىققۇچىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

جامائەت لېفىت، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن – تاماشا ئەسلىھەسىگە چىققاندا ياكى مەشغۇلات قىلغاندا، بىخەتەر ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسى ۋە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا دائىر تەلەپكە رىئايە قىلىشى، ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملارنىڭ باشقۇرۇشى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك؛ باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلگەندە، بىخەتەرلىك كۆرسەتمىسى بويىچە تەرتىپلىك چېكىنىشى كېرەك.

44–ماددا پار قازان ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار پار قازان سۈيىنى بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئوبدان تەڭشىشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.

پار قازان تازىلىغۇچىلار بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە تازىلىشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

45–ماددا لېفىتنى لېفىت ياسىغۇچى ئورۇن ياكى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئىجازەت ئېلىپ قۇراشتۇرىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان ئورۇن ئاسرىشى كېرەك.

لېفىتنى ئاسرىغۇچى ئورۇنلار ئاسراش جەريانىدا بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، ئاسرىغان لېفىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە نەق مەيداندا بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

لېفىتنى ئاسرايدىغان ئورۇن ئاسرىغان لېفىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك؛ كاشىلا كۆرۈلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان نەق مەيدانغا بېرىشى ھەمدە زۆرۈر بولغان جىددىي ئوڭشاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

46–ماددا لېفىت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، لېفىت ياسىغۇچى ئورۇن ياسىغان لېفىتنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئىزلاپ تەكشۈرۈشى ۋە ئىگىلىشى، لېفىتنى ئاسرىغۇچى ئورۇنلار ياكى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئاسراش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە تۈزىتىش تەكلىپى بېرىشى ھەمدە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشى كېرەك؛ لېفىتتا ئېغىر ھادىسە يۇشۇرۇن خەۋپى بايقالسا، لېفىت ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. لېفىت ياسىغۇچى ئورۇن تەكشۈرگەن ۋە ئىگىلىگەن ئەھۋالنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

47–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئۆزگەرتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان، بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىش تىزىمىنى ئۆزگەرتىدىغانلار تىزىم ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ.

48–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى كۆرۈلۈپ، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش قىممىتى قالمىسا ياكى ئۇ بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن بىراك قىلىش شەرتىگە چۈشۈپ قالسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىراك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شۇ ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىشى ھەمدە ئەسلىي تىزىملىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا بېرىپ ئىشلىتىش تىزىم گۇۋاھنامىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرگۈزۈشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بىراك قىلىش شەرتىگە توشقاندىن باشقا لايىھەلەش، ئىشلىتىش يىل چېكىگە يېتىپ، داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرىنى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپ بويىچە تەكشۈرتۈش ياكى بىخەتەرلىكىنى باھالىتىش ھەمدە ئىشلىتىش تىزىم گۇۋاھنامىسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىش كېرەك. داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرىدا تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

49–ماددا كۆچمە بېسىملىق قاچىغا، تۇڭغا قاچىلىغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ قاچىلىشى كېرەك:

(1) قاچىلاش ۋە باشقۇرۇشقا ماس كېلىدىغان باشقۇرغۇچى خادىمى ۋە تېخنىكا خادىمى بولۇش؛

(2) قاچىلاش ۋە باشقۇرۇشقا لايىق قاچىلاش ئەسلىھەسى، ئۆلچەش ۋاسىتىسى، مەيدانى، زاۋۇت ئۆيلىرى، جابدۇقى، بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى بولۇش؛

(3) مۇكەممەل بولغان قاچىلاشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى بولۇش.

قاچىلىغۇچى ئورۇن قاچىلاشنىڭ ئالدى–كەينىدە تەكشۈرۈش، خاتىرىلەش تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك، بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆچمە بېسىملىق قاچىغا ۋە تۇڭغا گاز قاچىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

تۇڭغا گاز قاچىلىغۇچى ئورۇن گاز ئىشلەتكۈچىگە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە لايىق تۇڭ بېرىشى، گاز ئىشلەتكۈچىنىڭ تۇڭنى بىخەتەر ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە گاز تۇڭىنى ئىشلىتىشنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بېرىشى، ۋاقتىدا قەرەللىك تەكشۈرتۈشى كېرەك.

3–باب تەكشۈرۈش، ئۆلچەش

50–ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىغان، قەرەللىك تەكشۈرىدىغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتى شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆلچەش مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئۆلچەش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈش، ئۆلچەش خىزمىتىنى تەستىق بىلەن قىلىشى كېرەك:

(1) تەكشۈرۈش، ئۆلچەش خىزمىتىگە لايىق تەكشۈرۈش، ئۆلچەش خادىمى بولۇش؛

(2) تەكشۈرۈش، ئۆلچەش خىزمىتىگە لايىق تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(3) تەكشۈرۈش، ئۆلچەشكە ئائىت مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بولۇش.

51–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى خادىملىرى باھالاشتىن ئۆتۈپ، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش خادىمىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى خادىملىرى بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىدا ئىشلىسە بولمايدۇ؛ ئىش ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

52–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش خىزمىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ھەمدە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى خادىملىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا قانۇن بويىچە بىخەتەر، ئىشەنچلىك، قولايلىق، سەمىمىي بولغان تەكشۈرۈش–ئۆلچەش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

53–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى خادىملىرى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش دوكلاتىنى ئەينەن، ئادىل، ۋاقتىدا چىقىرىپ بېرىشى ھەمدە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسى ۋە باھالاش يەكۈنىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى خادىملىرى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش جەريانىدا ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىسا، ئالاقىدار ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسى ۋە باھالاش يەكۈنىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى، لېكىن، تەكرار ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

54–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى خادىملىرىغا ئالاھىدە ئۈسكۈنىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىشى ۋە زۆرۈر تەكشۈرۈش، ئۆلچەش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ھەمدە ماتېرىيالىنىڭ چىنلىقىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

55–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈش، ئۆلچەش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى خادىملىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرگە ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ. ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تونۇشتۇرسا، ياساتسا، ساتقۇزسا بولمايدۇ.

56–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇننى قەستەن تەڭقىسلىقتا قويسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

4–باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

57–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇننى ۋە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەكتەپ، يەسلى شۇنىڭدەك دوختۇرخانا، بېكەت، ۋوگزال، پىرىستان، سودا سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى، كۆرگەزمىخانا، باغچە قاتارلىق جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلاردىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

58–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجازەت بېرىش خىزمىتىنى ئىشلەشتە، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك؛ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىگە ئىجازەت بەرسە بولمايدۇ.

59–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنى بېرىشتە، قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش، ئىجازەت بېرىش تەرتىپىنى جەزمەن ئاشكارىلىشى ھەمدە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىجازەت بېرىش ياكى بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىشى؛ ئىجازەت بېرىلمىگەن بولسا، سەۋەبىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

60–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە تىزىملاتقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن مۇكەممەل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارخىپى ۋە ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك؛ بىراك قىلىش شەرتىگە چۈشكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇن بويىچە بىراك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

61–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:

(1) نەق مەيدانغا كىرىپ تەكشۈرۈش، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش؛

(2) پاش قىلىش ماتېرىيالى ياكى قولغا چۈشۈرگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەلىل–ئىسپاتقا ئاساسەن، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار توختامى، تالونى، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛

(3) بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ياكى ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بار ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛

(4) بازارغا كىرگەن، بىراك قىلىش شەرتىگە توشقان ياكى بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛

(5) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشقا مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىش.

62–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش جەريانىدا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە خىلاپ قىلمىشنى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە ساقلانغان ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش توغرىسىدا يازما بۇيرۇق چىقىرىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىشكە ياكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك، جىددىي ئەھۋالدا، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىش تەلەپ قىلىنغان بولسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش بۇيرۇقىنى كېيىن تولۇقلاپ چىقارسا بولىدۇ.

63–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىش ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە ساقلانغان ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىسا، ئالاقىدار ئورۇننى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا، تەدبىر قوللىنىپ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى، ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر تەرەپ قىلىشتا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى، ماسلىشىشىغا توغرا كەلسە، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىشى ھەمدە باشقا ئالاقىدار تارماققا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماق زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

64–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، باشقا جايدا ئىجازەت ئالغان ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇندىن تەكرار ئىجازەت ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، باشقا جايدا تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكرار تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

65–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچى خادىملىرى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، مۇناسىپ كەسپىي بىلىم ۋە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە دائىر مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسى ئالغان بولۇشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار ئىككىدىن ئارتۇق كىشىنى ئەۋەتىشى ھەمدە ئۇلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە دائىر كۈچكە ئىگە بولغان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

66–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ۋە تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ئاپپاراتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، ھەر قېتىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەزمۇنىنى، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى ھەمدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋە تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئارخىپقا سېلىشى كېرەك. تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئىمزا قويۇشقا ئۇنىمىغان بولسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار ئەھۋالنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

67–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تونۇشتۇرسا ياكى ياساتسا، ساتقۇزسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

68–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

5–باب ھادىسىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش

69–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە كۆرۈلگەن چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈشكە قانۇن بويىچە تەشكىللەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە كۆرۈلگەن ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈشكە قانۇن بويىچە تەشكىللەپ، مۇناسىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشى ياكى ئۇنى شۇ سىستېمىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنە ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە قەرەللىك ھالدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

70–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە ھادىسە كۆرۈلگەندىن كېيىن، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن تەدبىر قوللىنىپ، قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تالاپەتنى ۋە مال–مۈلۈك زىيىنىنى ئازايتىشى، ھادىسە نەق مەيدانىنى ۋە ئالاقىدار دەلىل–ئىسپاتلارنى قوغدىشى ھەمدە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى دەرھال ئېنىقلاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە دەرىجىمۇدەرىجە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ھادىسە ئەھۋالىنى دەرىجە ئاتلاپ مەلۇم قىلسا بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسە، چوڭ ھادىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەنگە دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

ھادىسىگە ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە خادىملار ھادىسە ئەھۋالىنى كېچىكىپ مەلۇم قىلسا، يالغان مەلۇم قىلسا ياكى يوشۇرسا بولمايدۇ، ئالاقىدار دەلىل–ئىسپاتلارنى يوشۇرسا، يوق قىلىۋەتسە ياكى ھادىسە نەق مەيدانىنى قەستەن بۇزۇۋەتسە بولمايدۇ.

71–ماددا ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.

72–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسە يۈز بەرگەندە، گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئالاقىدار تارماق ھادىسە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرىدۇ.

چوڭ ھادىسە يۈز بەرگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرىدۇ.

چوڭراق ھادىسە يۈز بەرگەندە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرىدۇ.

ئادەتتىكى ھادىسە يۈز بەرگەندە، رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرىدۇ.

ھادىسە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قانۇن بويىچە، مۇستەقىل، ئادىل تەكشۈرۈپ، ھادىسە تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلىشى كېرەك.

73–ماددا ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىگۈچى تارماق ھادىسە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھادىسىدە جاۋابكارلىقى بار ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

ھادىسىدە جاۋابكارلىقى بار ئورۇن تۈزەش تەدبىرىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوخشاش ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، ھادىسىدە زىيان پەيدا بولغان بولسا، ھادىسىدە جاۋابكارلىقى بار ئورۇن قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

74–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغانلار ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ياسىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قۇراشتۇرغان، ئۆزگەرتكەن، رېمونت قىلغانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلىدۇ ياكى ئىجازەت ئالغان ئورۇن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتا قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

75–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ لايىھە ھۆججىتىنى باھالاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسىغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ياسىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

76–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىپ تەجرىبىسى قىلمىغانلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

77–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنە زاۋۇتتىن چىققاندا ئالاقىدار تېخنىكىلىق ماتېرىيال ۋە ھۆججەتلەرنى قوشۇمچە قىلىشتا بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىگە ئەمەل قىلمىغانلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ياساش، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

78–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان ئورۇنلاردىن ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى يازما خەۋەرلەندۈرمەيلا ئىش باشلىغانلىرى ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ 30 كۈنگىچە ئالاقىدار تېخنىكىلىق ماتېرىيال ۋە ھۆججەتلەرنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

79–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، چوڭ رېمونت قىلىش شۇنىڭدەك پارقازاننى تازىلاش جەريانىدا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمىگەنلەر بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

80–ماددا لېفىت ياسىغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىنى قايرىپ قويۇپ، لېفىتنى تەكشۈرگەن، سىنىغانلار؛

(2) لېفىتنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئىزلاپ تەكشۈرگەن ۋە ئىگىلىگەندە، ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى سەزگەن تۇرۇقلۇق لېفىت ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغان ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلمىغانلار.

81–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ:

(1) ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قالغان، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن تۇرۇپ ئىشلەپچىقارغان ياكى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئىشلەپچىقارغانلار؛

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىشلىتىشكە تاپشۇرغانلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىشلىتىشكە تاپشۇرغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىۋالغان، ھايىنىغا ساتقان، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

82–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ساتقان، ئىجارە بەرگەن، تەكشۈرتمىگەن ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلەر؛

(2) دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن، بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ساتقان، ئىجارە بەرگەنلەر ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراشتا بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئەمەل قىلمىغانلار.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ساتقۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە سېتىش خاتىرىسى تۈزۈمىنى ئورناتمىغانلىرى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلىشتا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلاردىن تەكشۈرتمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ساتقان، ئىشلىتىشكە تاپشۇرغانلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ 1–تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

83–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتە بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاتمىغانلار؛

(2) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئارخىپىنى تۇرغۇزمىغان ياكى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئارخىپى بەلگىلىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەن ۋە ياكى ئىشلىتىشنى تىزىملاش بەلگىسىنى ۋە قەرەللىك تەكشۈرتۈش بەلگىسىنى ئورنىتىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى دائىملىق ئاسرىمىغان ۋە قەرەللىك تەكشۈرمىگەن ياكى ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىك قوشۇمچە زاپچاسلىرى، بىخەتەرلىكنى قوغداش قۇرۇلمىلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرتمىگەن، رېمونت قىلمىغان ھەمدە خاتىرىلىمىگەنلەر؛

(4) بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان ھەمدە تەكشۈرتمىگەنلەر؛

(5) بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە پارقازاننىڭ سۈيىنى تەڭشىمىگەنلەر؛

(6) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە كۆرۈلگەن ھادىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس لايىھەسى تۈزمىگەنلەر.

84–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ئىجازەتسىز ئىشلەپچىقىرىلغان، تەكشۈرتۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن ياكى دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن، بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەنلەر؛

(2) ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە كاشىلا كۆرۈلگەن ياكى بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتمەي، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ئىشلىتىۋەرگەنلەر؛

(3) ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش قىممىتى قالمىغان ياكى بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن بىراك قىلىش شەرتلىرىگە چۈشۈپ قالغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى بىراك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان ھەمدە ئىشلىتىش تىزىم گۇۋاھنامىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى ئۆتىمىگەنلىرى.

85–ماددا كۆچمە بېسىملىق قاچىغا، تۇڭغا گاز قاچىلىغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ قاچىلاش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ:

(1) قاچىلاشنىڭ ئالدى–كەينىدە تەكشۈرۈش، خاتىرىلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆچمە بېسىملىق قاچىغا ۋە تۇڭغا گاز قاچىلىغانلار.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ كۆچمە بېسىملىق قاچىغا ۋە تۇڭغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن گاز قاچىلىغانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ گاز قاچىلىغان تۇڭى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

86–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ياكى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) مۇناسىپ ساپا ھازىرلىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچى، ئۆلچىگۈچى ۋە مەشغۇلات قىلغۇچى خادىم قويمىغانلار؛

(2) مۇناسىپ ساپا ھازىرلىمىغان خادىملارنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا، ئۆلچەشكە ۋە ئىشلىتىشكە قويغانلىرى؛

(3) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچى، ئۆلچىگۈچى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلىمىگەن، ماھارەت جەھەتتىن يېتىشتۈرمىگەنلەر.

87–ماددا لېفىت، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن–تاماشا ئەسلىھەلىرى تىجارىتى قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ياكى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قۇرمىغان ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس خادىم قويمىغانلار؛

(2) ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن–تاماشا ئەسلىھەلىرىنى ھەر كۈنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى سىناپ باقمىغان ۋە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرمىگەن، بىخەتەرلىك قوشۇمچە زاپچاسلىرى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرمىگەنلەر؛

(3) لېفىت، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن – تاماشا ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسى، بىخەتەرلىكتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە ئاگاھ بەلگىسىنى چىققۇچىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويمىغانلار.

88–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن لېفىت رېمونت قىلغانلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

لېفىت ئاسرىغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئىش قىلماي، لېفىت رېمونت قىلىش، ئاسراش مەشغۇلاتى قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

89–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە ھادىسە يۈز بېرىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئورۇنغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئاساسلىق مەسئۇلىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئاساسلىق مەسئۇلى دۆلەت خادىمى بولسا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە ھادىسە يۈز بەرگەندە قۇتقۇزۇشقا دەرھال تەشكىللىمىگەن ياكى ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئىش ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلغان ياكى قېچىپ كەتكەن بولسا؛

(2) ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە كۆرۈلگەن ھادىسىنى كېچىكىپ مەلۇم قىلغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى يوشۇرغان بولسا.

90–ماددا ھادىسە يۈز بەرگەندە، جاۋابكارلىقى بار ئورۇندىن قانۇن بويىچە مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ئادەتتىكى ھادىسە كۆرۈلسە، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(2) چوڭراق ھادىسە كۆرۈلسە، 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(3) چوڭ ھادىسە كۆرۈلسە، 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

91–ماددا ھادىسىدە جاۋابكارلىقى بار ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان بولسا ياكى ئۇنىڭ رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بولسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەت خادىمى بولسا، قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) ئادەتتىكى ھادىسە كۆرۈلسە، ئالدىنقى يىللىق كىرىمىنىڭ %30ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(2) چوڭراق ھادىسە كۆرۈلسە، ئالدىنقى يىللىق كىرىمىنىڭ %40ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(3) چوڭ ھادىسە كۆرۈلسە، ئالدىنقى يىللىق كىرىمىنىڭ %60ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

92–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلار، ئۆلچىگۈچىلەر ۋە مەشغۇلات قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، مەشغۇلات قائىدىسىگە ۋە بىخەتەرلىككە دائىر قائىدە–تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھادىسە پەيدا قىلغان ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

93–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى، ئۆلچىگۈچى خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاپپاراتقا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئاپپارات ساپاسى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ:

(1) مۇناسىپ سالاھىيىتى يوقلارنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ياكى تەستىق دائىرىسىدىن ھالقىپ، تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش ئىشلىرىغا سالغانلار؛

(2) تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەشتە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپنى قايرىپ قويغانلار؛

(3) ساختا تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسى ۋە باھالاش يەكۈنى چىقارغان ياكى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسى ۋە باھالاش يەكۈنى ئەمەلىيەتكە زادىلا ئۇيغۇن كەلمىگەنلەر؛

(4) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ بارلىقىنى بايقاپ تۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلمىغانلار؛

(5) تەكشۈرۈش، ئۆلچەش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىغانلار؛

(6) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغانلار؛

(7) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تونۇشتۇرغان ياكى ياساتقان، ساتقۇزغانلار؛

(8) تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار تارماقلارنى قەستەن قىينىغانلار؛

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىدىكى تەكشۈرگۈچىلەر ۋە ئۆلچىگۈچىلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىككىدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىدا بىر ۋاقىتتا ئىشلىگەنلىرىگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

94–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) ئىجازەت بېرىشتە قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرت، تەرتىپكە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغانلىقى، ئىشلەتكەنلىكى ياكى تەكشۈرگەنلىكى، ئۆلچىگەنلىكىنى بايقاپ تۇرۇپ، بىكار قىلمىغان ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(3) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشماي قالغانلىقىنى بايقاپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلمىغان ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقاپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(4) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەستىقىنى بىكار قىلمىغان ياكى ئۇلارغا ساختا تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسى ۋە باھالاش يەكۈنى چىقىرىپ بەرگەن ۋە ياكى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسى ۋە باھالاش يەكۈنى ئەمەلىيەتكە زادىلا ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(5) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە خىلاپ قىلمىشنى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقاپ تۇرۇپ دەرھال بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(6) قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىش ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقاپ تۇرۇپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماققا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلار ياكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلاردىن دەرھال بىر تەرەپ قىلمىغانلىرى؛

(7) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقا جايدا ئىجازەت ئالغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدىن قايتا ئىجازەت ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقا جايدا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قايتا تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلغانلار؛

(8) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تونۇشتۇرغان ياكى ياساتقان، ساتقۇزغانلار؛

(9) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(10) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر كۆرۈلگەن ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال مەلۇم قىلمىغان ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلمىغانلار؛

(11) ھادىسىنى كېچىكىپ مەلۇم قىلغان، چالا مەلۇم قىلغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى يوشۇرغانلار؛

(12) ھادىسىدىن قۇتقۇزۇشقا ياكى ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كاشىلا قىلغانلار؛

(13) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

95–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ياكى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ياكى ئۇنىڭ مۇھىم زاپچاسلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەن، ئالماشتۇرغان، يۆتكىگەن، بۇزۇۋەتكەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش تىزىم گۇۋاھنامىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

96–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئىجازەتنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا ئىجازەت بېرىش ئىلتىماسىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قوبۇل قىلمايدۇ.

97–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي ۋە مال–مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان، جەرىمانە ۋە ئىشتىراف تاپشۇرىدىغانلارنىڭ مال–مۈلكى بىرلا ۋاقىتتا تۆلەشكە چىقىش قىلمىسا، ئالدى بىلەن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

98–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

 7–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

99–ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرگە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ھەققى، تەكشۈرۈش ھەققى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېلىنىدۇ.

100–ماددا ھەربىي قورال–ياراغلار، يادرو ئەسلىھەلىرى، ئاۋىياتسىيە، ئالەم ۋاسىتىلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

پاراۋۇز، دېڭىز ئۈستى ئەسلىھەلىرى ۋە كېمە–پاراخوت، كان قۇدۇقى ئاستىدا ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر شۇنىڭدەك پۇقرالار ئايرودۇرۇمىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى، ئۆي–ئىمارەت قۇرۇلۇش مەيدانى، شەھەر قۇرۇلۇشى مەيدانىدا ئىشلىتىلىدىغان كىران ۋە مەيداندا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان موتورلۇق ۋاسىتىلەرنى قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئالاقىدار تارماقلار مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

101–ماددا بۇ قانۇن 2014–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/9282884.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#