جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيەلەر كەسىپ ئەخلاقى ئاساسىي مىزانى

سودىيەلەر كەسىپ ئەخلاقى ئاساسىي مىزانى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيەلەر كەسىپ ئەخلاقى ئاساسىي مىزانى (2001-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تارقاتقان).

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيەلەر كەسىپ ئەخلاقى ئاساسىي مىزانى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国法官职业道德基本准则

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، كەسىپتە پىششىق، ئىستىلى ياخشى، پاك-دىيانەتلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك سودىيەلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى، شۇنداقلا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سودىيەلەرنىڭ ياخشى كەسىپ ئەخلاقىغا ئىگە قىلىش ئەدلىيە ئادىللىقىنى ساقلاش، دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مىزان سودىيەلەرنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىيەلەرنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، سودىيەلەر ۋە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيەلەر قانۇنى» ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

1-باب ئەدلىيە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش

1-ماددا سودىيەلەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، سۇبستانسىيە قانۇنىدا ئادىل بولۇش ۋە تەرتىپ قانۇنىدا ئادىل بولۇشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇشى ھەمدە سوتخانىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى سۆز-ھەرىكىتى بىلەن ئادىللىقنى نامايان قىلىپ، ئامما ئارىسىدا ئەدلىيە ئادىللىقىغا قارىتا ئورۇنلۇق گۇمان پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

2-ماددا سودىيەلەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا سادىق بولۇپ، سوت ئىشلىرىنى مۇستەقىل ئېىپ بېرىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ھەرقانداق مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىماسلىقى، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردىن سىرت، باشقا تەرەپلەردىن كەلگەن تەسىرلەرگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

3-ماددا سودىيەلەر سوت پائالىيىتىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن چەتلەپ تۇرۇش تۈزۈمىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغاندىن سىرت، مەلۇم دېلونى سوت قىلسا، شۇ دېلو ئۈستىدە ئادىل ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىشقا قارىتا ئاممىنىڭ ئورۇنلۇق گۇمانىنى پەيدا قىلىپ قويۇشۇم مۇمكىن دەپ قارىسا، شۇ دېلونى سوت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

4-ماددا سودىيەلەر دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسى ياكى دېلو سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى سالاچىلىقتىن پايدىلىنىشىنى توسۇشى ھەمدە ئۇلارنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

5-ماددا سودىيەلەر دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، نامۇۋاپىق ۋاسىتىلەر بىلەن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋادىن كېچىشكە ياكى مۇرەسسەنى قوبۇل قىلىشقا زورلاشقا بولمايدۇ.

6-ماددا سودىيەلەر دېلونى ئاشكارا ھەمدە ئوبېيكتىپ ھالدا سوت قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. قانۇندا ئوچۇق سوت قىلىشقا بولمايدۇ ياكى ئوچۇق سوت قىلمىسىمۇ بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

7-ماددا سودىيەلەر سوت پائالىيىتىدە مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشى، توغرا پىكىردە چىڭ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك.

8-ماددا سودىيەلەر سوت پائالىيىتىدە، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا يالغۇز كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ.

9-ماددا سودىيەلەر سوت پائالىيىتىدە، سۇبيېكتىپ، پىكىردە چىڭ تۇرۇۋېلىش، ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىش ۋە قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىققا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

10-ماددا سودىيەلەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتراكچىلىرىغا باراۋەر ئاساستا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدە ھەرقانداق كەمىسىتىشنى ئىپادىلەشكە بولمايدۇ، دەۋا ئىشتراكچىلىرى ۋە باشقا خادىملارنىڭ ھەرقانداق كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى سۆز-ھەرىكىتىنى توسۇش مەجبۇرىيىتى بار.

سودىيەلەر دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتراكچىلىرىنىڭ مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، دىنىي ئېتىقادى، تەربىيە كۆرۈش دەرىجىسى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان پەرققە تولۇق دىققەت قىلىپ، دەۋالىشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى ۋە ئەمەلىي ھوقۇقىنى باراۋەر، تولۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

11-ماددا سودىيەلەر دېلو بېجىرىشتە لىللا بولۇشى كېرەك.

سودىيەلەر ھۆكۈم ئېلان قىلشىتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھۆكۈم-كېسىم نەتىجىسىگە بولغان قارشى  ياكى پوزىتسىيىسىنى سۆزى، چىرايى ياكى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

سودىيەلەر دېلو ئۈستىدىكى مۇرەسسەنى قانۇن بويىچە قىلىشى ھەمدە سۆز-ھەرىكىتىدە ئېھتىياتچان بولۇشقا دىققەت قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتراكچىلىرىدا ئۇنىڭ ئادىللىقىغا ئورۇنلۇق گۇمان پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

12-ماددا سودىيەلەر دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سۇبستانسىيە ھوقۇقى ۋە دەۋا ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەدبىر ۋە ھۆكۈم-كېسىملەرگە قارىتا ئاساسىنى قانۇن بويىچە چۈشەندۈرۈپ، سۇبيېكتىپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا يەكۈن چىقىرىش ياكى تەدبىر قوللىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

13-ماددا سودىيەلەر باشقا سودىيەلەرنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىگە ھۆرمەت قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكىلەرنى ئىشلا ئاشۇرۇشى كېرەك:

(1) سوت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان ياكى مۇۋاپىق تەرتىپ قوللىنىلغانلىرىدىن سىرت، باشقا سودىيەلەر سوت قىلىۋاتقان دېلولاردا پى كىر بايان قىلىشقا بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان دېلو ئۈستىدە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى ۋە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولمايدۇ؛

(2) تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىۋاتقان دېلونى ئۆز مەيلىچە سۈرۈشتۈرۈشكە ياكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىشقا بولمايدۇ؛

(3) يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوت قىلىدىغان دېلو ئۈستىدە ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى ۋە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولمايدۇ.

14-ماددا سودىيەلەر سوت قىلىش مەسئۇلىيىتى ياكى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن سىرت، باشقا سودىيەلەر بېجىرىۋاتقان دېلونىڭ سوت قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ.

سودىيەلەر دەۋالاشقۇچىلار ياكى ئۇالرنىڭ ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسىغا ئالاقىدار دېلونىڭ سوت قىلىنىش ئەھۋالى، دېلو بېجىرىۋاتقان سودىيە بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا ياكى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسىغا دېلو بېجىرگۈچى سودىيىنى ئۇقۇشۇپ بېرىشكە  ياكى تونۇشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

15-ماددا سودىيەلەر دېلو سوت قىلىش جەريانىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ نامۇۋاپىق تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

16-ماددا سودىيەلەر ئاممىۋى سورۇن ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىملەرنىڭ قەتئىيەتلىكىگە ۋە نوپۇزىغا زىيانلىق بولغان پىكرىنى بايان قىلىشقا بولمايدۇ. كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىملەردە ياكى سوت خىزمىتىدە مەسىلە بار دەپ قارىسا، شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقىغا دوكلات قىلا ياكى ئالاقىدار سوت مەھكىمىسىگە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

17-ماددا سودىيەلەر ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسەن، باشقا سودىيەلەرنىڭ كەسىپ ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى ياكى كەسىپ ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ياكى باشقا قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئەدلىيە ئادىللىقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلىسە، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ياكى ئالاقىدار ئورگانلارغا ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

2-باب ئەدلىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

18-ماددا سودىيەلەر تىرىشچانلىق بىلەن كەسىپنى سۆيۈشى، مەسئۇلىيىتىنى جان-دىل بىلەن ئادا قىلىشى لازىم. ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ياكى باشقا ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن  مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

19-ماددا سودىيەلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا سۈرۈكىگە رىئايە قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە تېزدىن دېلو ئېچىشى، سوت قىلىشى، ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.

20-ماددا سودىيەلەر بىپەرۋالىق قىلىش سەۋەبىدىن كەينىگە تارتىش، خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشىنى توسۇشى، ئۆز خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئورۇندىشى ھەمدە تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك:

(1) تۈرلۈك سوت ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەۋا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛

(2) تۈرلۈك ئەدىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش، ئۆزى بېجىرىدىغان دېلولارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېتىبار بېرىش ھەمدە مۇۋاپىق، يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىش؛

(3) سوت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسىنىڭ ۋاقتىنى تېجەپ، باشقا سودىيە ۋە باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق ئىشىنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش.

21-ماددا سودىيەلەر سوت پائالىيىتىدە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا تەرتىپى ۋە سۈرۈك توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىنى نازارەت قىلىپ، دەۋا ئىشتراكچىلىرىنىڭ سەۋەبىدىن نامۇۋاپىق ياكى زۆرۈر بولمىغان كېچىكتۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

22-ماددا سودىيەلەر كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئىجرا قىلغاندا، قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىجرانى تېز ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك.

3-باب پاك-دىيانەتلىك بولۇش

23-ماددا سودىيەلەر خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، ۋەزىپىسى ۋە ئورنىدىكى قۇلايلىقتىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك پايدىلىنىپ، ھەرقانداق نامۇۋاپىق مەنپەئەت ئېلىشقا بولمايدۇ.

24-ماددا سودىيەلەر دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسىنىڭ ئادەمگەرچىلىكى، نەرسە-كېرىكى ۋە باشقا مەنپەئەتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

25-ماددا سودىيەلەر ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ پاك-دىيانەتلىك ئوبرازىغا ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان سودا پائالىيىتى ۋە باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ.

26-ماددا سودىيەلەر  ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ سودىيىلىك سالاھىيىتىنى قەستەن ئاشكارىلشقا بولمايدۇ؛ سودىيەلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى باشقىلار ئۈچۈن شەخسىي مەنپەئەت ئېلىشقا بولمايدۇ.

27-ماددا سودىيەلەر  ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمى ئۇلارنى ئورنى ۋە كىرىمىگە ماس كېلىشى كېرەك.

28-ماددا سودىيەلەر ئادۋوكاتلىق، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش قاتالرىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتۈشىگە بولمايدۇ؛ تېخى ئاياغلاشمىغان دېلولاردا دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسىغا مەسلىھەت بېرىش ۋە قانۇن جەھەتتىن پىكىر بېرىشكە بولمايدۇ.

29-ماددا سودىيەلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مال-مۈلكىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

30-ماددا سودىيەلەر ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سودىيەلەرنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى ۋە كەسىپ ئەخلاقى تەلىپىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلماسلىقىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

4-باب ئەدلىيىلىك قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش

31-ماددا سودىيەلەر تۈرلۈك ئەدلىيىلىك قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، تەقى-تۇرقى ياخشى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى مەدەنىي بولۇپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە سودىيەلەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ساقلىشى لازىم.

32-ماددا سودىيەلەر دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتركچىلىرىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم:

(1)  دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتراكچىلىرىنىڭ قىلغان پىكرىنى ئەستايىدىل، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىشى كېرەك؛ سوتخانىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش ۋە سوتتا تەكشۈرۈشنىڭ ئېھتىياجىدىن سىرت، سوت ئېچىۋاتقاندا دەۋالاشقۇچىلار ۋە دەۋا ئىشتراكچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئۈزۈۋېتىشكە ياكى ئۇلارنى توسۇشقا بولمايدۇ؛

(2) قېلىپلاشقان، توغرا، مەدەنىي سۆز-ئىبارىلەرنى قوللىنىش كېرەك، دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتراكچىلىرىغا تەنبىھ بېرىشكە، نامۇۋاپىق سۆز-ھەرىكەتلىرىدە بولۇشقا بولمايدۇ.

33-ماددا سودىيەلەر سوت ئاچقاندا سوتىانا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى ھەمدە سوتخانىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ سوتخانا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىنى نازارەت قىلىشى، سوتخانىنىڭ سۈرىنى ساقلىشى ھەمدە تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم:

(1) مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگتە ئاساسەن سودىيەلەر تونى ياكى سودىيەلەر فورمىسى كىيىشى، سوت ئىزنىكى تاقىشى ھەمدە رەتلىك-پاكىز بولۇشى لازىم؛

(2) سوتقا ۋاقتىدا چىقىشى، قاتناشماي قويماسلىقى، كېچىكمەسلىكى، بالدۇر چىقىپ كەتمەسلىكى، خالىغانچە كىرىپ-چىقماسلىقى لازىم.

(3) زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشى، پۈتۈن دىققىتىنى سوت ئېچىشقا قارىتىشى، سوت پائالىيىتى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم.

5-باب ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش

34-ماددا سودىيەلەر تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى سىياسىي، كەسپىي ساپا ۋە ياخشى پەزىلەت ھازىرلىشى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

35-ماددا سودىيەلەر  مول ئىجتىمائىي تەجرىبە ھاسىل قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنى چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك.

سودىيەلەر ئۆز كەسپىگە سادىق بولۇش، دېلونى ئادىل بېجىرىش، قەيسەر ھەم ھەققانىيەتچىل بولۇش، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتماسلىقتەك غايىنى ھازىرلىشى، يامانلارنى جازالاپ، ياخشىلارنى تەشۋىق قىلىپ، توغرا كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى، دۇرۇس، سەمىمىي، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، ياخشى ئىناۋەت تىكلىشى كېرەك.

36-ماددا سودىيەلەر تەلىم-تەربىيىنى قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلى تىكلەپ، قانۇن-قائىدىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەپ، سوتقا رىياسەتچىلىك قىلىش، ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرىنى تەييارلاش قاتارلىق تۈرلۈك ئەدلىيە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، سوت خىزمىتىگە زۆرۈر بولغان بىلىمى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.

37-ماددا سودىيەلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا، قاتتىق ئىنتىزامچان بولۇپ، ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، ئالىيجاناب، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ۋە ئائىلە ئەخلاقىغا رىئايە قىلىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

6-باب كەسىپتىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى چەكلەش

38-ماددا سودىيەلەر ۋەزىپىسىدىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا ئاممىنىڭ سودىيەلەرنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئاىدل بولۇشى ۋە پاك-دىيانەتلىك بولۇشىغا قارىتا ئورۇنلۇق گۇمان قىلىشىدىن ساقلىنىشى، سودىيىلىك ۋەزىپىسىنى نورمال يۈرگۈزۈشكە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىشى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يامان تەسىرگە ئۇچراشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

39-ماددا سودىيەلەر جامائەت مەنپەئىتىگە، جامائەت تەرتىپىگە، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاققا ۋە ياخشى ئادەتلەرگە زىت بولغان، سودىيەلەرنىڭ ئوبرازىغا ۋە ۋەزىپىسىنى ئادىل ئادا قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەت ۋە ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

40-ماددا سودىيەلەر ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىغا كىرىپ چىقىشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، دەۋالاشقۇچىلار، ئادۋوكاتلار ۋە سودىيىلىك ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋە بېرىش-كېلىش قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئامما ئارىسىدا ئادىل بولمىغان ياكى پاك بولمىغان ئوبراز شەكىللەندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغاندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كاشىلا ۋە ئوسال ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

41-ماددا سودىيەلەر بىدئەت خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ.

42-ماددا سودىيەلەر  ۋەزىپىسىدىن سىرتقى پائالىيەتلەردە، ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان سوت ئۇچۇرى ۋە سوت جەريانىدا ئېرىشكەن سودا مەخپىيىتى، شەخسلەرنىڭ سىرى، شۇنداقلا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان باشقا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

43-ماددا سودىيەلەر پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى سودىيەلەرگە تەسىر يەتكۈزىدىغان پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ.

44-ماددا سودىيەلەر قانۇنلۇق قۇرۇلۇش ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتىغا پايدىلىق بولغان ئىلمىي تەتقىقات ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولىدۇ. بىراق، بۇ پائالىيەتلەر قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئەدلىيە ئادىللىقىغا ۋە ئەدلىيە نوپۇزىنى قوغداشقا توسقۇنلۇق پەيدا قىلماسلىقى، سوت خىزمىتىنى ئالدىنقى شەرت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

45-ماددا سودىيەلەر ماقالە ئېلان قىلىش ياكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتا، كەمتەر پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك. كونكرېت دېلو ۋە دەۋالاشقۇچىلارغا نامۇۋاپىق باھا بېرىشىگە بولمايدۇ، ئورۇنسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەدلىيە ئادىللىقىغا قارىتا ئورۇنلۇق گۇمانىنى پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

46-ماددا سودىيەلەر پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئورۇنسىز سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئەدلىيە ئادىللىقىغا قارىتا ئورۇنلۇق گۇمانىنى پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

47-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز مەھكىمىسىدىكى سودىيەلەرنىڭ مۇشۇ مىزانغا رىئايە قىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

48-ماددا خەلق زاسېداتىللىرى قانۇن بويىچە سوت قىلىش ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، مۇشۇ مىزانغا رىئايە قىلىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەمۇرىي خادىملىرى ۋە قانۇن ساقچىلىرى، مۇشۇ مىزاننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدىن ۋەزىپە ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

49-ماددا بۇ مىزاننى چۈشەندۈرۈشكە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.

50-ماددا بۇ مىزان ئېلان  قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#