لاس پالماس
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى كانار تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر چوڭ كانار ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى كانار تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر چوڭ كانار ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 377,600 (2003-يىلى). بۇ جاي 1478-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ پونكىتى بولغان. ھازىر ئىسپانىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسىنىڭ مەكرىزىي شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل، مەنزىرىسى گۈزەل، ئەتراپىدا ئۆچكەن يانار تاغلار، قارلىق چوققىلار بار.
ئارالدىكى خەلق بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، سانائىتىمۇ بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاراق، كېمىسازلىق، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىمۇ بار.
شەھەرنىڭ ھاۋا، دېڭىز قاتنىشى، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرى ئارا قاتنايدىغان پاراخوت ھەم ئايروپىلانلار بۇ جايدا توختاپ يېقىلغۇ قاچىلاپ يولغا چىقىدۇ. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ساياھەتچىلەر بۇ جايغا كېلىپ دەم ئېلىپ قايتىدۇ. ساياھەتچىلىك كىرىمى مۇھىم تاشقى پېرېۋوت مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلى ساياھەتچىلىك بەك راۋاج تاپقان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.