ۋىتامىن K
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋىتامىن K يەنە قان ئۇيۇتقۇچى ۋىتامىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ياغدا ئېرىيدۇ. ئۇلار پۈتۈنلەي 2-مېتىل 1-، 4-نافتوكۇينىننىڭ تۇغۇندىلىرىدۇر. دائىم ئۇچرايدىغانلىرى K1M K2 ۋە K3 لەردىن ئەڭ مۇھىمى K3 بولۇپ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولىدۇ. K2 ئادەمنىڭ ئۈچىيىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ مېتابولىزمىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
ۋىتامىن K نى مۇھىم فىزىئولوگىيەلىك فۇنكىسىيەسى شۇكى، جىگەر دەسلەپكى قان ئۇيۇتقۇچى ئېنزىم يەنى قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورنىڭ سىنتېزلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، ئۇ يەنە قان ئۇيۇتقۇچى فاكتور Ⅵ، Ⅸ، ۋەⅩ لەرنىڭ سىنتېزلىنىشىنى تەڭشەيدۇ.
ۋىتامىن K كەمچىل بولغاندا بۇ بىر قانچە خىل قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورلار قاندا ئازىيىپ كېتىپ، قاننىڭ ئۇيۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ، ھەمدە تېرە ئاستىدىكى مۇسكۇل ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى قانايدۇ. ۋىتامىن K ئېلېكترولىت سۈپىتىدە يۆتكىلىدۇ ۋە ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىشىش سىستېمىسىنىڭ كوئېنزىمى، نەپەس زەنجىرىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ، سېرىق ئېنزىملار بىلەن ھۈجەيرە پىگمېنتنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېلېكترون يەتكۈزۈش ۋە ئوكسىدلىنىش-فوسفاتلىنىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ. كەمچىل بولغاندا مۇسكۇلدىكى ATP ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقى كۆرنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ۋىتامىن Kۋىتامىن K ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش فۇنكىسىيىسىنى كۈچەيتىدۇ، جىگەردە قەنتلىك پوستلاق گورمونىنى داۋاملىق پارچىلايدۇ ۋىتامىن K ئۇزۇن مەزگىل ئوكۇل قىلىنسا، قالقان بېزىنىڭ ئچىكى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.