تېمىريازېۋ

تېمىريازېۋ رۇسىيە بىئولوگى. ئۇ 1843-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى پېتىربۇرگدا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تېمىريازېۋ
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1843-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
كەسپى بىئولوگ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克里孟特·阿加狄也维奇·季米里亚捷夫
يۇرتى روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ماتېماتىكا-فىزىكا ئىنىستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېمىريازېۋ رۇسىيە بىئولوگى. ئۇ 1843-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى پېتېربۇرگدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئاقسۆڭەك بولسىمۇ، لېكىن چارىزىمغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. ئانىسى تەربىيە كۆرگەن ئايال بولۇپ، بالىنىڭ باشلانغۇچ تەربىيىسى ئانىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن. ئاكىسى بولسا ئۇنىڭ خىمىيە ۋە بوتانىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1861-يىلى تېمىريازېۋ ماتېماتىكا-فىزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاسارى-ئەتىقە فاكۇلتىتىغا كىرىپ 6 يىل بېرىلىپ ئۆگىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ماگىستىر دېگەن ئۇنۋانغا ۋە ئالتۇن مېدالغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە بولغاچقا، ئىنستىتۇت ئۇنى ئىككى يىللىق چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن، ئۇ چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ بوتانىكا لېكتورى بولغان. بىر يىلدىن كېيىن بوتانىكا پروفېسسورلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. كېيىن يەنە رۇسىيە ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئاناتومىيىسى جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلانغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى بار ئىدى. تېمىريازېۋ چار پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى دەۋىرىدە 20 يىل پروفېسسور بولغان. مۇشۇ ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە، ئۇ جانلىق مەۋجۇداتلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى پەقەت توختاتمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە چارپادىشاھغا: «تېمىريازېۋ ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاشىنى ئېلىپ تۇرۇپ خۇدانى تەبىئەت دۇنياسىدىن قوغلاپ چىقاردى» دەپ دەۋا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پروفېسسورلۇق خىزمىتىدىن بوشىتىلىپ، مائارىپ ساھەسىدىن قوغلانغان.

تىمىريازېۋ 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋاپات بولغان. شۇ يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ «پەن ۋە دېموكراتىيە» دېگەن ئاخىرقى ئەسىرىنى نەشىردىن چىقارغان.

ئۆكتەبىر ئىنقىلابى تېمىريازېۋنىڭ ئىلىم-پەن ھاياتىنى قۇتقۇزغان. پارتىيە ئۇنى ئىلىمىي تەتقىقات ئورنىغا ئەۋەتىپ مەخسۇس جانلىق مەۋجۇداتلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قويغان. تېمىريازېۋ دارۋىن تەلىماتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى. دارۋىننىڭ جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش توغرىسىدىكى تەلىماتى روسىيگە ئەمدىلا يېتىپ كەلگەندە، تۈرلۈك بوھتانغا ۋە قارشىلىققا ئۇچرىغان. تېمىريازېۋ بۇنىڭغا دەلمۇ-دەل قارشى ھالدا، 1865-يىلى «دارۋىن تەلىماتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» دېگەن كىتاپنى يېزىپ، دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى تەلىماتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ دارۋىن تەلىماتىنى تەشۋىق قىلىش بىلەنلا قالماي، نەچچە ئون يىللىق ئەمىلىيەت ئارقىلىق دارۋىن تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇ جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى مۇپەسسەل تەھلىل قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تۈر ئۆزگىرىشى جانلىق مەۋجۇداتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئەمەس، بەلكى پەرقىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى»، تېمىريازېۋ كائىنات ئۆزگەرمەيدۇ، خۇدا ھەممىنى ياراتقان دەيدىغان ئەكسىيەتچىل كۆز قاراشنى دارۋىن تەلىماتى ئارقىلىق بۇزۇپ تاشلىغان. شۇ چاغدا بەزىلەر ئىغۋا تېرىپ، ھەممىنى شالغۇتلاشتۇرىۋېتىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئادەم دېسە ئادەم ئەمەس، جىن دېسە جىن ئەمەس بىر نېمە بولۇپ چىقىدۇ، دېيىشكەن. تېمىريازېۋ ئۇلارغا رەدىيە بېرىپ: «تۈرلەر نىسبىي ھالدا ئۆزگەرمەيدۇ، ئات ھامان تايچاق تۇغىدۇ، كالا ھامان موزاي تۇغىدۇ، بۇغداي ئۇرۇقىدىن جەزمەن بۇغداي مايسىسى ئۈنۈپ چىقىدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، تېمىريازېۋ يەنە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېزلىق رولىنى، يەنى يېشىللىق ماددىسىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى قانداق ئالىدىغانلىقى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينەك قاچىدىكى يېشىل يوپۇرماقنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ كېلىۋاتقىنىمغا توپتوغرا 35 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى، قۇياش نۇرىنى يىغىپ ساقلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈن بويى قاتتىق باش قاتۇرۇپ كەلدىم». ئاخىرىدا ئۇ: «كۆمۈر ماددىسىنى ئېلىش جەريانى ئەينى ۋاقىتتا قۇياش نۇرىنى ئېلىش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ » دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. تېمىريازېۋنىڭ بىئولوگىيە ئۈستىدە ئۆمۈرۋايەت ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇكى، يېڭى تۈرلەرنى يارىتىش تامامەن مۇمكىن، لېكىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىشىنى ۋە تەرەققىياتىنى چۈشىنىش كېرەك، يەنى ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسىنى داۋاملىق تەتقىق قىلغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/6582959.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#