سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىر

سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىر

سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرى بازار ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مەخسۇس يۇقىرى سەۋىيىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار، كەسپىي دېرىكتورلار ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىر
چەتئەلچە نامى Master Of Business Administration
خەنزۇچە نامى 工商管理硕士
قىسقارتىلغان نامى MBA

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سوداسانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرMBA ئىنگلىز تىلىدىكى Master Of Business Administration دېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ قىسقارتىلىمىسى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ياۋرۇ-ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دېرىكتورلار تەربىيىلىنىدىغان كەسپىي ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى كۆرسىتىدۇ. سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرى بازار ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مەخسۇس يۇقىرى سەۋىيىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار، كەسپىي دېرىكتورلار ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدۇ.

  سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرىنى سودا ساھەسىدىكىلەر بىردەك باشقۇرۇش قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرىشتىكى شوتا دەپ قارايدۇ. ئۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى، كارخانىدا رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرىدىغان ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش، مالىيە، پۇل-مۇئامىلە، تىجارەت، ئىقتىسادىي قانۇن، خەلقئارا سودا ئىشلىرى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە مول بىلىملەر بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، ئىستىراتېگىيىلىك نەزەر ۋە ئۆتكۈر كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.

سوداسانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرسودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرى، نەزىرىيىۋىي بىلىمنى ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئەمەلىي قابىلىيەتكە ئىگە، ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەشكە، نەزىرىيىنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىدىن كۆپرەك تاكتىكا ئۆگىتىش ۋە تەپەككۇرىنى ئېچىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئۇ تەتقىقاتقىلا كۈچەيدىغان باشقۇرغۇچىلارنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي جەڭدە ئۆز قابىلىيىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلالايدىغان سەركەردىلەرنى تەربىيىلەيدۇ. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بەلگىلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دەرسلىكنىڭ مەزمۇنى باشقۇرۇش ئىلمى، ئىقتىسادشۇناسلىق، پۇل-مۇئامىلە، مالىيە، قانۇن قاتارلىق ساھەلەرگە، قابىلىيەت مەشىقى بولسا تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە نۇتۇق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش، ئىسىتىراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈش، ھۆكۈم قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرلىقى ئاۋۋال ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاندىن تەربىيىلىنىدىغان ئۇنۋان. [0]

تەربىيىلىنىش مەقسىتى

سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرى تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، سودا-سانائەت كارخانىلىرى ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلىي ئىش بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان،قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى  خادىملاردىن بولالايدۇ. باشقا ماگىستىرلار تەربىيىلىنىش جەريانىدا مول بولغان نەزەرىيە ئاساسقا ۋە ئىلمىي تەتقىقات ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە خادىملاردىن بولۇپ چىقىدۇ.

تەربىيىلەش ئوبيېكتى

سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرىدا تەربىيىلىنىدىغانلار ئادەتتە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان كەسپىي ئورگان خادىملىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى تەتقىقاتچى خادىملاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. سودا-سانائەت ماگىسىتىرى ئەسلى ماھىيىتىدىن قارىغاندا، بىر تۈرلۈك كەسپىي مەشىق پائالىيىتىدۇر. ئۇنىڭدا ئاساسلىق ئەمەلىي مىسال تەھلىلى، ئەمەلىي تاكتىكىلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۇ ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ، خاسلىقىنى يېتىلدۈرىدۇ.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#