قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12-15 سانتىمىتىر، ئىككى قانات ئۇچىنىڭ ئارىلىقى 20-22 سانتېمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 16-22 گرام، ئۆمرى 15 يىل. بۇ خىل كىچىك قۇشنى ئاسانلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ يۈز قىسمى كۆكرەك قىسمى قىزغۇچ سېرىق، تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئاق رەڭلىك بولۇپ روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى. قانىتى ۋە قۇيرۇق ئۈستى يېرىم قىسمى قوڭۇر يېشىل زەيتۇن رەڭلىك. كونۇسسىمان قۇش تۇمشۇقى، تۇمشۇق ئاساسى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك. قارا كۆزى ئىنچىكە بولۇپ، پاچىقى ۋە پۇتى سۇس قوڭۇر رەڭلىك .
قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل ئورماندا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، شورلۇق، ئورمانلىق، باغچا، گۈللۈك مەيلى شەھەر ياكى نىسبىتى بىر قەدەر چەت رايونلاردىمۇ ياشايدۇ. قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل ئورمانلىقتا ياشايدۇ، دائىم يەر يۈزىگە چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، باشقا قۇشلار پەقەتلا مېڭىشنى ياكى سەكرەشنى بىلىدۇ، لېكىن قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل بولسا ئىككىسىنىلا قىلالايدۇ.
ھەريىلى 3-ئايدا ئىللىق باھار پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئامېرىكا مېكسىكىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدا توپ-توپ قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇللارنى كۆرگىلى بولىدۇ. سانى ئون نەچچە مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇچۇپ بىر تەرەپتىن يېقىملىق سايرايدۇ. بۇنداق ئەھۋال بىر نەچچە ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئىككى يولغا ئايرىلىپ ئۇچىدۇ، بىر توپى غەرپكە تۈزلەڭلىك، ئېدىرلىقلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كانادا، ئالياسكاغا قاراپ، بىر توپى شەرىققە - ئوخېئو دەريا ئېقىنىنى بويلاپ شەرقى شىمالغا ئۇچۇپ، كانادا چېگرىسىغا كىرىدۇ. ئۇلار كۈنىگە 30-50 كىلومېتىرغىچە ئۇچىيالايدۇ. پات-پات توختاپ ئېتىزلىقلاردىن يېمەكلىك تېپىپ يەيدۇ.
ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي، پۈتكۈل ياۋروپا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شىمالىي تىروپىك سىزىقىنىڭ شىمالىدىكى ئافرىقا رايونى، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ھىمالايا تېغى توغرىسىغا كېسىلگەن تاغ تىزمىلىرى مىنشەن-چىنلىڭ-خۇەيخې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى ئاسىيا رايونىنى قاپلىدى. ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي، جۈملىدىن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى، سەھرايى كەبىر قۇملۇقى، پۈتكۈل ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى، جۇڭگو قاتارلىق رايۇنلارغا تارقالغان.
قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل كۆپىيىش پەسلىدە ئەتىگەن-كەچتە سايرايدۇ ، ھەتتا كېچىدىمۇ سايرايدۇ. قىش پەسلىدە چىشى قۇشلار باشقا ئۇۋىلاردا تۇخۇم تۇغىدۇ، ئەركەك قۇش بولسا كونا ئۇۋىسىنى تونۇيدۇ، بىر يىلدا ئوخشاش بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. يوچۇق ياكى كىچىك تۆشۈك ھەتتا سۈنئىي ماتېرىياللار، مەسىلەن ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ياكى باشقا ئىمارەتلەرنىڭ جازا ئۈستىگە ئۇۋا سالىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئوكيان قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.