جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى» 1991–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1991–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国水土保持法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó shuǐ tǔ bǎo chí fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2010–يىلى 12–ئاينىڭ 25–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى» سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ، تۇپراق بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، قۇم–بوران ئاپىتىنى يېنىكلىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (39-نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى» 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى» ئېلان قىلىندى، 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2010-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى» 1991–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010–يىلى 12–ئاينىڭ 25–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن.

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ، تۇپراق بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، قۇم-بوران ئاپىتىنى يېنىكلىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە سۇ، تۇپراقنى ساقلاشتا مۇشۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تەبىئىي ئامىل ۋە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى پەيدا قىلغان سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىغا قوللىنىلغان ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلمىي باشقۇرۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرگە قاراپ، مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە يولغا قويۇشى كېرەك.

دۆلەت سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە تىزگىنلىنىدىغان نۇقتىلىق رايونلاردا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش نىشانى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە باھالاش، مۇكاپاتلاش، جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى (تۆۋەندە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دېيىلىدۇ) باشقۇرۇش تەۋەسىدە، سۇ، تۇپراق ساقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، زېمىن بايلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى سۇ، تۇپراق ساقلاشقا دائىر تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، سۇ، تۇپراق ساقلاشقا دائىر بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇشى، جامائەتنىڭ سۇ، تۇپراق ساقلاش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

7-ماددا دۆلەت سۇ، تۇپراق ساقلاش پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىدۇ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.

8-ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ، تۇپراق بايلىقىنى ئاسراش، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە سۇ، تۇپراق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

9-ماددا دۆلەت جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب يىرىك پىلان

10-ماددا سۇ، تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىنى سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنىڭدەك سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە تىزگىنلىنىدىغان نۇقتىلىق رايوننىڭ بېكىتىلىشى ئاساسىدا، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، تۈر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە تۈزۈش كېرەك.

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنى تەكشۈرۈشكە قەرەللىك تەشكىللىشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ، ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە تىزگىنلىنىدىغان نۇقتىلىق رايوننى سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ بېكىتىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىش يوشۇرۇن خەۋپى ئېغىرراق رايوننى سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان نۇقتىلىق رايون قىلىپ بېكىتىش كېرەك؛ سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولغان رايوننى سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى تىزگىنلىنىدىغان نۇقتىلىق رايون قىلىپ بېكىتىش كېرەك.

13-ماددا سۇ، تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىدا سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىدىغان رايون، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرى قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك.

سۇ، تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى ۋادى ياكى رايوندا سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ھەققىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى شۇنىڭدەك ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن قىلىنغان سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتى ياكى مۇئەييەن رايوندا سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەققىدىكى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۇ، تۇپراق ساقلاش يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، سۇ بايلىقى يىرىك پىلانى، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى ۋە مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى قاتارلىق يىرىك پىلانلار بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

سۇ، تۇپراق ساقلاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە مۇتەخەسىسسلەر ۋە جامائەتتىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىلەن بىرلىكتە سۇ، تۇپراق ساقلاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يولغا قويىدۇ.

سۇ، تۇپراق ساقلاش يىرىك پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن قەتئى ئىجرا قىلىش كېرەك؛ تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، يىرىك پىلان تۈزۈش تەرتىپى بويىچە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.

15-ماددا ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قېزىلما بايلىق ئېچىش، شەھەر–بازار قۇرۇلۇشى، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا دائىر يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، يىرىك پىلاننى تۈزگۈچى ئورگان يىرىك پىلاندا سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە يىرىك پىلاننى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

3-باب ئالدىنى ئېلىش

16-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ، تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى بويىچە، دائىرىلەپ قوغداش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنى كۆچەت تىكىش، ئوت-چۆپ تېرىشقا تەشكىللەپ، ئورماننىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سۇ مەنبەسىنى كۆپەيتىپ، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى يېنىكلىتىشى كېرەك.

17-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى توپا، شېغىل، تاش ئېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى يېنىكلىتىشى كېرەك.

گۈمۈرۈلىدىغان، سىيرىلىدىغان خەتەرلىك جايلار ۋە ئاسانلا لاتقا ئاقىدىغان جايلاردىن توپا، شېغىل، تاش ئېلىپ، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. گۈمۈرۈلىدىغان، سىيرىلىدىغان خەتەرلىك جاي ۋە ئاسانلا لاتقا ئاقىدىغان جاينىڭ دائىرىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. گۈمۈرۈلىدىغان، سىيرىلىدىغان خەتەرلىك جاي ۋە ئاسانلا لاتقا ئاقىدىغان جاينى بېكىتىشتە، گېئو ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن گېئو ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان جاي ۋە نۇقتىلىق ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە تىزگىنلىنىدىغان جاي بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

18-ماددا سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولغان جاي ۋە ئېكولوگىيەسى ئاجىز جايلاردا سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇپ ياكى ئۇنى مەنئى قىلىپ، ئۆسۈملۈك، قۇم پوستى، يەر پوستى ۋە يېپىنچا قەۋەتلەرنى قاتتىق ئاسراش كېرەك.

يەر ئىگىسى، ئىشلىتىش ھوقۇقدارى ياكى ئالاقىدار باشقۇرغۇچى ئورۇنلار سۇ يالاپ كەتكەن جىلغىنىڭ ياقىسى، قىرغىقى، ئېقىننىڭ ئىككى ياقىسى شۇنىڭدەك كۆل، سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا ئۆسۈملۈك ئىھاتە بەلبېغى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئۆسۈملۈك ئىھاتە بەلبېغىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.

19-ماددا سۇ، تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسىنىڭ ئىگىسى ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقدارى سۇ، تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسىنى باشقۇرۇش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش، ئاسراش جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

20-ماددا 25 گىرادۇستىن يۇقىرى يانتۇلۇقنى ئېچىپ زىرائەت تېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. 25 گىرادۇستىن يۇقىرى يانتۇلۇقتا ئىقتىسادىي ئورمان بىنا قىلىدىغانلار دەرەخ تۈرىنى ئىلمىي تاللاپ، كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، 25 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان ئېچىش مەنئى قىلىنغان يانتۇلۇق ئۆلچىمىنى بەلگىلىسە بولىدۇ. ئېچىش مەنئى قىلىنغان يانتۇلۇقنىڭ دائىرىسىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

21-ماددا ئورماننى، ئوت-چۆپنى ۋەيران قىلىپ بوز يەر ئېچىش ۋە قارا يۈسۈن يىغىش مەنئى قىلىنىدۇ. سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە تىزگىنلىنىدىغان نۇقتىلىق رايوندا ئوت-چۆپلەرنى، كۆتەكلەرنى كولاش ياكى قۇرۇت ئوت، چۈچۈكبۇيا ۋە چاكاندا قاتارلىقلارنى كەلسە-كەلمەس كولاش مەنئى قىلىنىدۇ.

22-ماددا دەل-دەرەخ كېسىشتە مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ، ھەممىنى كېسىۋېتىشىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك؛ سۇ مەنبە ئورمىنى، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش ئورمىنى ۋە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاندۇرۇش ئورمىنى قاتارلىق ئىھاتە ئورماننى يېتىشتۈرۈش ۋە يېڭىلاش خاراكتېرىدە كېسىشكىلا بولىدۇ؛ دەرەخ كېسىش رايونى ۋە ماتېرىيال توپلاش رايونىدا سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھەمدە كەسكەندىن كېيىن ۋاقتىدا يېڭىدىن ئورمان بىنا قىلىش كېرەك.

ئورمانچىلىق رايونىدا دەل-دەرەخ كېسىدىغانلارنىڭ كېسىش لايىھەسىدە سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرى بولۇشى كېرەك. كېسىش لايىھەسىنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ يولغا قويىدۇ.

23-ماددا بەش گىرادۇستىن يۇقىرى يانتۇلۇقتا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشتا، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

ئېچىش مەنئى قىلىنغان يانتۇلۇق ئۆلچىمىدىن تۆۋەن، بەش گىرادۇستىن يۇقىرى قاقاس يانتۇلۇقنى ئېچىپ زىرائەت تېرىشتا، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.

24-ماددا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىگە ئورۇن ۋە لىنىيە تاللاشتا، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە تىزگىنلىنىدىغان نۇقتىلىق رايوندىن چەتلەش كېرەك؛ چەتلىگىلى بولمىسا، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلىش ھۈنىرىنى ياخشىلاپ، يەر يۈزى بوشىشىپ كېتىش ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىش ئېھتىمالىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش كېرەك.

25-ماددا تاغلىق رايون، ئېدىرلىق، قۇم-بورانلىق جايلار شۇنىڭدەك سۇ، تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىدا سۇ، تۇپراقنىڭ ئاسانلا ئېقىپ كېتىدىغانلىقى بېكىتىلگەن باشقا جايلاردا سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشتا، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ، تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى تۈزۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە تەستىقلانغان سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسى بويىچە، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسى تۈزۈشكە قۇربى يەتمەيدىغانلار مۇناسىپ تېخنىكا شارائىتى ھازىرلىغان ئاپپاراتقا تۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسىدە سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىرىسى، نىشانى، تەدبىرى ۋە سېلىنما قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمىدە زور ئۆزگىرىش بولسا، سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنى تولۇقلاش ياكى تۈزىتىش ھەمدە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك. سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنى يولغا قويۇش داۋامىدا سۇ، تۇپراق ساقلاش تەدبىرىنى بەك چوڭ ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.

سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

26-ماددا قانۇن بويىچە سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسى تەييارلايدىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنى تەييارلىمىغان ياكى سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتمىغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

27-ماددا قانۇن بويىچە سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسى تەييارلايدىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سۇ، تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسىنى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، سۇ، تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسىنىمۇ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك؛ سۇ تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولسا، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

28-ماددا قانۇن بويىچە سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسى تەييارلىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پائالىيىتىدە چىقىرىلغان قۇم، تاش، توپا، تاشلىق كۆمۈر، قالدۇق رۇدا، داشقال قاتارلىقلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش كېرەك؛ ھەر تەرەپلىمە پايدىلانغىلى بولماي، تاشلىۋېتىشكە توغرا كەلسە، سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن جايغا دۆۋىلەپ قويۇش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ يېڭى خەۋپ پەيدا بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سۇ، تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىزلاپ تەكشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

4-باب تىزگىنلەش

30-ماددا دۆلەت سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە تىزگىنلىنىدىغان نۇقتىلىق رايونلاردىكى يانتۇ تېرىلغۇ يەردە پەلەمپەي ئېتىز بەرپا قىلىش، قايما توسمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق سۇ، تۇپراق ساقلاش قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نۇقتىلىق سۇ، تۇپراق ساقلاش قۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنى باشقۇرۇش-ئاسراش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

31-ماددا دۆلەت دەريا بېشى رايونى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى ۋە سۇ مەنبە رايونىدىكى سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يوللار بىلەن مەبلەغ غەملەپ، سۇ، تۇپراق ساقلاشنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم تولۇقلىمىسىنى دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم تولۇقلىمىسى تۈزۈمىگە كىرگۈزىدۇ.

32-ماددا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە تۇتۇش قىلىپ ياكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى قىلىپ، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار تىزگىنلىشى كېرەك.

تاغلىق رايون، ئېدىرلىق، قۇم بورانلىق جايلاردا شۇنىڭدەك سۇ، تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن سۇ، تۇپراق ئاسان ئېقىپ كېتىدىغان باشقا رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە تۇتۇش قىلىش ياكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى قىلىشتا، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش ئەسلىھەسى، يەر يۈزىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئەسلىدىكى سۇ، تۇپراقنى ساقلاش فۇنكسىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەنلەر سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تولۇقلىما ھەققى تاپشۇرۇپ، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكىلا ئىشلىتىشى كېرەك. سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ. سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تولۇقلىما ھەققىنى ئېلىش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ۋە باھا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا سەرپ قىلىنغان سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىراجىتى دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش مالىيە بوغالتىرلىق تۈزۈمى بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

33-ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى بويىچە سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەم مەبلەغ، تېخنىكا، باج قاتارلىق جەھەتتە يۆلەك بولىدۇ.

34-ماددا دۆلەت قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساھىللارنى ھۆددە ئېلىپ تىزگىنلەپ، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ ۋە ياخشىلاپ، يەر بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ ھەم يەر ھۆددىگەرلىك توختامىدىكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساھىللارنى ھۆددە ئېلىپ تىزگىنلەيدىغان ۋە سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر رايونلاردىكى يېزا يەرلىرىنى ھۆددە ئالىدىغانلار قانۇن بويىچە تۈزگەن يەر ھۆددىگەرلىك توختامىدا سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جاۋابكارلىقىغا ئائىت مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

35-ماددا سۇ يالاپ كەتكەن جايلارنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەشكىللەپ، تەبىئىي جىلغا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى تاغ باغرىدا شەكىللەنگەن كىچىك ئېقىنلارنى بىرلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش تەدبىرى، ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش تەدبىرى ۋە قوغداش خاراكتېرلىك تېرىقچىلىق تەدبىرى قاتارلىق تەدبىرلەرنى شارائىتىغا يارىشا قوللىنىپ، يانتۇ تېرىلغۇ يەر ۋە جىرالارنى سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىش جەھەتتە ھەرتەرەپلىمە تىزگىنلىشى كېرەك.

بوران يالاپ كەتكەن جايلاردا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەشكىللەپ، ئوتلاقنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ دائىرىلەش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش، كۆچەت تىكىش ۋە ئوت-چۆپ تېرىش، سۈنئىي قۇم توسۇقى ۋە كاتەكچە ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلىش تەدبىرى قاتارلىق تەدبىرلەرنى شارائىتىغا قاراپ قوللىنىپ، بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش مۇداپىئە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

گىراۋىتاتسىيەلىك يالانغان جايلاردا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەشكىللەپ، كۆزىتىش، ئېقىننى راۋانلاشتۇرۇش، يانتۇلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ بېسىمنى ئازايتىش، تىرەك قويۇپ يانتۇلۇقنى مۇستەھكەملەش، توسۇق ياساش قۇرۇلۇشى قىلىش تەدبىرى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆزىتىش، مەلۇمات بېرىش، سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

36-ماددا ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قوغدىلىدىغان جايلاردا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەشكىللەپ، ئالدىنى ئېلىش، قوغداش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەرتەرەپلىمە تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۆسۈملۈك سۈزگۈچ بەلبېغىنى يانداش بەرپا قىلىپ، پاتقاق گازىنى پائال كېڭەيتىپ، پاكىز كىچىك ئېقىن قۇرۇلۇشى قىلىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىش سەۋەبلىك مەنبەدىن بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغدىشى كېرەك.

37-ماددا ئېچىش مەنئى قىلىنغان يانتۇلۇق ۋە تىك يانتۇلۇقلاردا بوز يەر ئېچىپ زىرائەت تېرىيدىغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تېرىلغۇدىن قايتۇرۇپ كۆچەت تىكىشى، ئوت-چۆپ تېرىشى، تېرىلغۇ يېرى قىس بولغانلار، تېرىلغۇدىن قايتۇرۇش تەس بولغانلار پەلەمپەي ئېتىز بەرپا قىلىشى ياكى باشقا سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

ئېچىش مەنئى قىلىنغان يانتۇلۇق گىرادۇسىدىن تۆۋەن يانتۇ تېرىلغۇ يەرنى ئېچىپ زىرائەت تېرىيدىغانلارئەھۋالىغا قاراپ، پەلەمپەي ئېتىز ياساش، يانتۇلۇقتىكى سۇ سىستېمىسىنى تىزگىنلەش، سۇ يىغىپ تۇپراقنى ساقلاپ تېرىقچىلىق قىلىش ياكى تېرىلغۇدىن قايتۇرۇش تەدبىرى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.

38-ماددا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىدە ئىگىلەنگەن يەرنىڭ توپىسىنى قاتلىمى بويىچە ئېلىپ، ساقلاپ ۋە ئىشلىتىپ، توپا، تاش ئېلىنغان يەرنى تىندۇرۇپ، يەر يۈزىنىڭ بوشاپ كېتىش دائىرىسىنى كىچىكلىتىش كېرەك؛ تاشلاندۇق شېغىل، تاش، توپا، تاشلىق كۆمۈر، قالدۇق رۇدا، داشقال قاتارلىقلارنى قويىدىغان جايلاردا، توسۇق قويۇش، يانتۇلۇق يۈزىنى مۇستەھكەملەش، كەلكۈن سۈيىنى راۋانلاشتۇرۇش تەدبىرى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، توپا ئالغان، قازغان جاي ۋە قويغان جايدىكى ئوچۇق يەردە ئوت-چۆپ تېرىش، يېپىنچىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، تاقالغان قۇيرۇق كانلارنى تىندۇرۇپ يەر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

قۇرغاق، سۇ قىس جايلاردا ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش پائالىيىتى قىلىشتا، شامال يالاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھۆل-يىغىن يىغىش، سىڭدۈرۈش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىپ، ھۆل-يېغىن بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.

39-ماددا دۆلەت تاغلىق رايون، ئېدىرلىق، قۇم-بورانلىق جايلار، شۇنىڭدەك سۇ، تۇپراق ئاسان ئېقىپ كېتىدىغان باشقا رايونلاردا سۇ، تۇپراقنى ساقلاشقا پايدىلىق تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ:

(1) ئاقتاما قىلىش، تەڭ ئېگىزلىكتە تېرىقچىلىق قىلىش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىش، ئوت-چۆپ بىلەن زىرائەتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، كىرىشتۈرۈپ تېرىش قاتارلىقلار؛

(2) دائىرىلەپ ئۆستۈرۈش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ دائىرىلەپ چارۋا بېقىش، قوتاندا بېقىش؛

(3) پاتقاق گازى ئوچىقى، تېجەشلىك ئوچاقنى كۆپەيتىش، قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى ۋە سۇ ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش، كۆمۈر، توك ۋە گازنى ئوتۇن ئورنىدا ئىشلىتىش قاتارلىقلار؛

(4) ئاھالىنى ئېكولوگىيەسى ئاجىز جايدىن باشقا جايغا كۆچۈرۈش؛

(5) سۇ، تۇپراق ساقلاشقا پايدىلىق باشقا تەدبىرلەر.

5-باب كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش

40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ، تۇپراق ساقلاشنى كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سۇ، تۇپراق ساقلاشنى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە جامائەت مۇلازىمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ، تۇپراق ساقلاشنى كۆزىتىش خىزمىتى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ سۇ، تۇپراق ساقلاشنى كۆزىتىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ھەرىكەتچان كۆزىتىشى كېرەك.

41-ماددا سۇ، تۇپراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېقىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان چوڭ-ئوتتۇرا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا پەيدا بولغان سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۆزى كۆزىتىشى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشلەپچىقارغۇچى، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار ئۆزى ياكى سۇ، تۇپراق ساقلاشنى كۆزىتىش ساپاسىغا ئىگە ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىشى ھەم كۆزىتىش ئەھۋالىنى شۇ جايدىكى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

سۇ، تۇپراق ساقلاشنى كۆزىتىشتە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچىمى، قائىدىسى ۋە تەرتىپىگە رىئايە قىلىپ، كۆزىتىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

42-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ، تۇپراق ساقلاشنى كۆزىتىش ئەھۋالىغا قاراپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك:

(1) سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ تىپى، كۆلىمى، سىجىللىقى، جايلىشىش ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالى؛

(2) سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان زىيان؛

(3) سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالى.

43-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ، تۇپراق ساقلاش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ۋادى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.

44-ماددا سۇچىلىقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچى خادىملار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ئالاقىدار ھۆججەت، گۇۋاھنامە، ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلىش؛

(2) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(3) نەق مەيدانغا كىرىپ تەكشۈرۈش، ئىسپات ئېلىش.

تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەردىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختاتماي، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېقىپ كېتىشىنى پەيدا قىلغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن قورال ۋە ماشىنا، ئۈسكۈنىلىرىنى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن پېچەتلىسە، تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

45-ماددا سۇچىلىقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچى خادىملار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندا، قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەر سۇ، تۇپراق ساقلاشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىشى، ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى، ئالاقىدار ھۆججەت، گۇۋاھنامە، ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك؛ سۇچىلىقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشقا ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

46-ماددا ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئارىسىدىكى سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىش ماجىراسىنى كېلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ كېلىشەلمىسە، ئورتاق قارايدىغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىدۇ.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

47-ماددا سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان باشقا تارماقلاردىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت قارارى ياكى تەستىق ھۆججىتى چىقارمىغانلىرى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بىۋاسىتە پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلىرى ۋە ياكى مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلمىغان باشقا قىلمىشى بارلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

48-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۈمۈرۈلىدىغان، سىيرىلىدىغان خەتەرلىك جايلاردا ياكى لاي-لاتقا ئاسان ئاقىدىغان جايلاردا توپا، شېغىل، تاش ئېلىش قاتارلىق سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار ئىشلارنى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، شەخسكە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

49-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېچىش مەنئى قىلىنغان يانتۇلۇق ئۆلچىمىدىن يۇقىرى تىك يانتۇلۇقلارنى ئېچىپ زىرائەت تېرىغان ياكى ئۆزلەشتۈرۈش، ئېچىش چەكلەنگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈك قوغدىلىدىغان جاينى ئۆزلەشتۈرگەن، ئاچقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، تېرىلغۇدىن قايتۇرۇش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئۆزلەشتۈرۈش ياكى ئېچىش كۆلىمىگە قاراپ، شەخسكە ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە ئىككى يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، ئورۇنغا ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە ئون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

50-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورماننى، ئوت-چۆپنى نابۇت قىلىپ بوز يەر ئاچقانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

51-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قارا يۈسۈن يىغىش ياكى سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە تىزگىنلىنىدىغان نۇقتىلىق رايوندا ئوت-چۆپلەرنى، كۆتەكلەرنى كولىغان، قۇرت ئوت، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا قاتارلىقلارنى كەلسە–كەلمەس كولىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

ئوتلاق رايونىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

52-ماددا ئورمانچىلىق رايونىدا دەل-دەرەخ كېسىشتە، قانۇن بويىچە سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرى قوللانمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى، سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە، قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېقىپ كەتكەن سۇ، تۇپراق كۆلىمىگە قاراپ، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا ئىككى يۈەندىن يۇقىرى، ئون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

53-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، رەسمىيەتلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تولۇقلاشقا بۇيرۇيدۇ؛ رەسمىيەتلىرىنى مۆھلەت ئۆتكىچە تولۇقلىمىغانلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) قانۇن بويىچە سۇ، تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى تەييارلىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىدە سۇ، تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى تەييارلىمىغان ياكى سۇ، تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئىش باشلىغانلار؛

(2) ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئورنى، كۆلىمىدە زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى تولۇقلىمىغان، تۈزەتمىگەنلەر ياكى تولۇقلىغان، تۈزەتكەن سۇ، تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى ئەسلىي تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلاتمىغانلار؛

(3) سۇ، تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى يولغا قويۇش داۋامىدا ئەسلىي تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرىنى بەك چوڭ ئۆزگەرتكەنلەر.

54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش ئەسلىھەسىنى تەكشۈرتمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلەرگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى ياكى ئىشلىتىشنى لاياقەتلىك بولغۇچە توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن مەخسۇس جايدىن باشقا جايغا قۇم، تاش، توپا، تاشلىق كۆمۈر، قالدۇق رۇدا، داشقال تۆككەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تازىلاشقا بۇيرۇيدۇ، تۆككەن مىقدارىغا قاراپ ھەر كىۋادرات مېتىرىغا ئون يۈەندىن يۇقىرى، 20 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تازىلىمىسا، تازىلاپ بېرىشكە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تازىلاش ئىقتىدارى بار ئورۇننى بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىگە تۇتۇش قىلغان ياكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پائالىيىتى قىلغاندا سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تىزگىنلىمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تىزگىنلەشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تىزگىنلىمىسە، تىزگىنلەپ بېرىشكە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بار ئورۇننى بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تولۇقلىما ھەققىنى تاپشۇرمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تاپشۇرمىغانلاردىن كېچىكتۈرگەن كۈندىن باشلاپ كېچىكتۈرگەن قىسمىنىڭ 10 مىڭدە 5 ى بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئالىدۇ، تاپشۇرىدىغان سۇ، تۇپراقنى ساقلاش تولۇقلىما ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

58-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

59-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، بېكىتكەن سۇ، تۇپراق ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپارات مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ سۇ، تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

60-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/28981.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#