جاڭ ۋېنيۈ

جاڭ ۋېنيۈ

جاڭ ۋېنيۈ  (1910 −1992) μ مېزون (ميۇمېزون) لارنىڭ كۈچسىز ئۆزئارا تەسىرلىشىدىغان زەرەتلەر ئىكەنلىكىنى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىسپاتلىغان ئالىم؛ ئۇ يەنە مەنپىي زەرەتلىك ئاستا μ مېزون ئاتوم يادروسى بىلەن تەسىرلەشكەندە، ميۇئونىك ئاتوم شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، ميۇئونىك ئاتوم «جاڭ ئاتومى»، ئۇنىڭ رادىئاتسىيەسى «جاڭ رادىئاتسىيەسى» دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاڭ ۋېنيۈ
باشقا نامى 张少岳
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1910-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
كەسپى فىزىكا ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 张文裕
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى فۇجيەن
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1992-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاڭ ۋېنيۈجاڭ ۋېنيۈ فۇجيەننىڭ خۇيئەن ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ئەمگەك قىلغاچ ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە جاپاغا چىداش روھى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرى تەييارلاپ بەرگەن 20 يۈەن يول خىراجىتىنى ئېلىپ يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كېلىدۇ. ئۇ قورساق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۈندۈزى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزىدا ئىشلەيدۇ، كېچىدە دەرسىنى تەكرارلايدۇ. دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا مۈگدەپ قالسا بارماقلىرى قان يۇقى بولۇپ كەتكۈچە يىڭنە سانجىيدۇ. ئۇ مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن دۇنياغا مەشھۇر كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاسپىرانتلىققا كىرىدۇ، 1938-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

 1954-يىلى، جاڭ ۋېنيۈ نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىق ۋە مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ .

 1956-يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، چيەن سەنچياڭنىڭ ئاساسىي زەررىچە تەتقىقاتى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ. ئۇ يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۇنيا بىرلەشمە يادرو تەتقىقات ئورنى جۇڭگو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ نەچچە 10 يىلدىن بۇيان ۋەتەننىڭ ئاتوم فىزىكىسى، ئالەم نۇرى نەزەرىيەسى، زەررىچە فىزىكىسى تەتقىقاتىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/138999.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#