مالتوس

1798-يىلى، توماس، روبېرت. مالتوس ئىسىملىك ئانچە نامى چىقمىغان بىر كىشى «نوپۇس نەزەرىيىسى» ناملىق بىر كىتابچىنى ئېلان قىلىپ زور تەسىر قوزغىدى. مالتوس نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرى: نوپۇسنىڭ ئېىشىشى مەڭگۈ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مالتوس
باشقا نامى Thomas Robert Malthus
تۇغۇلغان ۋاقتى 1766-يىلى
كەسپى نوپۇسشۇناس
خەنزۇچە ئىسمى 托马斯·罗伯特·马尔萨斯
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1834-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مالتوس1798-يىلى، توماس، روبېرت. مالتوس ئىسىملىك ئانچە نامى چىقمىغان بىر كىشى «نوپۇس نەزەرىيىسى» ناملىق بىر كىتابچىنى ئېلان قىلىپ زور تەسىر قوزغىدى. مالتوس نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرى: نوپۇسنىڭ ئېىشىشى مەڭگۈ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ. ئەگەر تىزگىنلەنمىسە، نوپۇس چوقۇم گېئومېترىك پروگرېسسىيە يەنى 1، 2، 4، 8، 16. . . . . بويىچە ئېشىپ بارىدۇ؛ تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسا پەقەت ئارىفمېتكىلىق پروگرېسسىيە يەنى 1، 2، 3، 4، 5. . . . . بويىچە ئېشىپ بارىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. مالتوس قىلچىمۇ رەھىم قىلماي بۇ ئىنسانلار كەلگۈسىدە نامراتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تېخنىكا ۋاستىلىرى بۇ خىل ئاقىۋەتتىن ساقلاپ قالالمايدۇ. چۈنكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئېىشىش مۇمكىنچىلىكى چەكلىك بولىدۇ، نوپۇسنىڭ پارتلاش كۈچى بولسا يەر شارىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن قامداش ئىختىدارىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.

نوپۇسنىڭ پارتىلىشىنى تىزگىنلەيدىغان بىرەر چارە يوقمۇ؟ چارە بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەل ۋە باشقا كېسەللىكلەر ئارقىلىق نوپۇسنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەمما، ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل بەختسىزلىك كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ۋاستىلەر ئارقىلىق نوپۇسنى كېمەيتىدىغان ۋاقىتلىق تەدبىردىنلا ئىبارەت، خالاس. 

مالتوسمالتوس «ئەدەب-ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچى» تەدبىرىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بەردى. مەسىلەن، نىكاھلىنىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش، نىكاھلىنىشتىن قېچىش، جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار. لېكىن ئۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى قوللانمايدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، يەنە مۇنداق يەكۈن چىقارغانىدى:نوپۇسنىڭ پارتىلىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر بالايىئاپەت، نامراتلىق ئىنسانلار قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان قىسمەتتۇر. بۇ نەقەدەر ئۈمىدسىزلىك بىلەن چىقىرىلغان يەكۈن-ھە! 

مالتوس ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ تۈپ ئىديىسىنىڭ تەبىئىي يەكۈنى. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش پىكرىنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئىسلاھاتچى فرانىسىس. بارراس(1771-1854) ئىدى. بارراس مالتوسنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. 1822-يىلى، ئۇ بىر كىتاب يېزىپ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشىچلار سىنىپى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، تۇغۇت چەكلەشنى مۇراجىئەت قىلىدى. 

مالتوسنىڭ تەلىماتى ئىقتىسادىي نەزەرىيىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. ئىقتىسادشۇناسلار: نورمال ئەھۋال ئاستىدا نوپۇسنىڭ ئېشىشى ئىش ھەققىنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقاردى. ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس داۋىد. رىكاردو(ئۇ مالتوسنىڭ دوستى ئىدى) ئەمگەك قىممىتى ئىنسانىيەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئىشچىلارنىڭ ئەقەللىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ھەم كۆپىيىپ كەتمەسلىكى ھەم ئازىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قىممەتتۇر دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. 

بۇ نەزەرىيە «تۆمۈر ئىش ھەققى قانۇنى» دەپ ئاتالدى ۋە ماركىس تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى. شۇڭا ئۇ ماركىسنىڭ «قوشۇمچە قىممەت نەزەرىيىسى» دە تەنقىد قىلىنغان ئاساسلىق ئوبيېكىت بولۇپ قالغانىدى. 

مالتوسنىڭ كۆز قارىشى ھاياتلىقلار ئىلمىنىڭ تەتقىقاتلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى، دارۋىن مالتوسنىڭ «نوپۇس نەزەرىيىسى» نى ئوقۇغانلىقىنى، بۇ پرىنسىپنىڭ ئۆزىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ۋە تەبىئىي تاللىنىش تەلىماتىنى بىر مۇھىم ھالقا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. 

مالتوسمالتوس 1766-يىلى ئەنگلىيە نىڭ سىرى ئۆلكىسىنىڭ تورگ شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر جايدا تۇغۇلدى. 1778-يىلى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خرسىۋىس ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى پاستورلىققا تەيىنلەندى. 

ئۇنىڭ مەشھۇر كىتابچىسىنىڭ بىرىنچى نەشرى ئىمزاسىز ئېلان قىلىندى. بىراق، بۇ كىتاب ناھايىتى تېز تارقىلىپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردى. بەش يىلدىن كېيىن ئۇ بۇ كىتابتىكى ماقالىلەرنى ئايرىم كىتابچە قىلىپ ئېلان قىلدى كېيىن كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش ۋە تولۇقلاش ئارقىىق 1826-يىلىغا كەلگەندە بۇ كىتاب 6-قېتىم نەشىر قىلىندى. 

مالتوس 1804-يىلى 38 يېشىدا توي قىلغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادقا ئائىت بىر قانچە كىتاب يازغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى «سىياسىي ئىقتىساد پرىنسىپلىرى» بولۇپ، بۇ كىتاب 20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس كېنزگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى. مالتوس ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەرنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇ 1834-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ باس شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر جايدا 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#