قوي تۆگە
قوي تۆگە ئاچا تۇياقلىقلار ئەتىرتى، تۆگە ئائىلىسىدىكى ھايۋان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى 55-65 كىلوگرام، باش گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200-2250 مىللىمېتىر. تاشقى كۆرۈنۈشى قويغا ئوخشايدۇ، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتە ياشايدۇ. ھەر بىر توپىدا 10 نەچچىسى ياكى ئونى بولىدۇ، بىر قاۋۇل ئەركەك تۆگە باشچىلىق قىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قوي تۆگە ئاچا تۇياقلىقلار ئەتىرتى، تۆگە ئائىلىسىدىكى ھايۋان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى 55-65 كىلوگرام، باش گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200-2250 مىللىمېتىر. تاشقى كۆرۈنۈشى قويغا ئوخشايدۇ، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتە ياشايدۇ. ھەر بىر توپىدا 10 نەچچىسى ياكى ئونى بولىدۇ، بىر قاۋۇل ئەركەك تۆگە باشچىلىق قىلىدۇ. ئېگىز تاغدىكى تىكەنلىك ئۆسۈملۈكنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. كۈيلەش مەزگىلىدە جورا تالىشىشى ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، ھەر بىر توپتا پەقەت بىرلا ئەركەك تۆگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. چىشى تۆگىنىڭ بوغازلىق مەزگىلى 11.5 ئاي بولىدۇ، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ. ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە كۆپىيىدۇ.
قوي تۆگە مۇلايىم، چېچەن، ياۋا تىپىدىن باشقا يەنە خېلى كۆپ ساندىكى كۆنگەن خىلى بار، ئىندىيانلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە يۈك توشۇش قورالى قىلىنغان، قوتاندا بېقىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇھىم ھايۋانلار بىرى. قوي تۆگىنىڭ يۇڭى قوي يۇڭىدىن ئۇزۇن، پارقىراق ھەم ئىلاستىكىلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، ئالىي دەرىجىلىك يۇڭ توقۇلمىلارنى توقۇشقا بولىدۇ. دۇنيادا ھازىر تەخمىنەن 3 مىليون دانە ئەتراپىدا بولۇپ، تەخمىنەن %90 تىن كۆپرەكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پېرو ۋە چىلى ئېگىزلىكىدە ياشايدۇ، باشقىلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شىتاتى ۋە يېڭى جەنۇبىي ۋېلىش شتاتىغا تارقالغان.
بەدەن ئېغىرلىقى 55-65 كىلوگرام، باش ۋە بەدەن ئۇزۇنلۇقى 1200-2250 مىللىمېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 150-250 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى 900-1300 مىللىمېتىر. بويى زىلۋا، بوينى ئۇزۇن. بېشى كىچىك، قۇلىقى چوڭ ھەم ئۇچلۇق. تۈكى تەكشى ياكى كۆپ رەڭلىك. قوي تۆگىنىڭ كۆپ بولغاندا 22 خىل رەڭلىك بولىدۇ، ئاساسلىقى ئاق، قارا ۋە قوڭۇر رەڭ. ياش قۇرامىغا يەتكەن ئەركىكىنىڭ ئاستى-ئۈستى ئۇدۇل چىشى ۋە قوزۇق چىشى تەرەققىي قىلغان، كۈرە چىش ۋە ئۇچلۇق چىشنىڭ ئۇزۇنلىقى 3 سانتىمېتىر بولىدۇ. چىشىسىنىڭ تۈزۈلۈش پەرقى ئېنىق ئەمەس.
قوي تۆگە تۆگىگە ئوخشايدۇ، تۆگە لوكىسى يوق. قوي تۆگە يۇڭ تالاسى ئۇزۇن ھەم يۆگىمەچ، تۈكىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20-40 سانتىمېتىر بولىدۇ، ئىنچىكىلىك دەرىجىسى 15-20 مىكرومېتىرغىچە بولىدۇ، ھەم پارقىراق، ھەم توم بولىدۇ، قوي تۆگىنىڭ قۇيرۇق قىسمىدا روشەن ئالاھىدىلىكى تۆگە قوينىڭ قۇيرۇقى تۆگىنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ، لېكىن كۆپىنچىسىنىڭ قۇيرىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، قوي تۆگە تېنى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، يېتىلگەن ئەركەك قوي تۆگىسىنىڭ مۈرە ئېگىزلىكى 90-100 سانتىمېتىر، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 200 سانتىمېتىر. ئەركەك قوي تۆگىسى بەدەن ئېغىرلىقى 75 كىلوگرام ئەتراپىدا، چىشى قوي تۆگىنىڭ 65 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ.
سۇللى قوي تۆگىسى، ۋاكايا قوي تۆگىسى ۋە باشقا تۈرلىرى بار.
قوي تۆگىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئامازون دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن 6500 مېتىرغىچە بولغان ئەندىرىس تاغ باغرىدىكى پېرۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كەڭ تارقالغان. تىروپىك بەلباغ دېڭىز قىرغىقى سوغۇق تاغلىق رايوندا، ئادەم بارلىكى يەردە قوي تۆگىسى بار. ئىنتايىن ناچار تەبىئىي مۇھىت ۋە يوشۇرۇنىدىغان جايى يوق دالىدا قوي تۆگە ناھايىتى كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن ۋە يىرىك بېقىشقا چىداملىق، ئادەتتە چۆللۈكلەردىمۇ ياشىيالايدۇ، ℃22 تىن ℃18 بولغان تېمپېراتۇرا مۇھىتىدا، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتە ياشايدۇ، ئېگىز تاغدىكى تىكەنلىك ئۆسۈملۈكنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ۋە قۇرغاق قۇملۇق رايونلاردا قوتاز ۋە تۆگىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى ماسلىشىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.