ئوردېن بېرىش تۈزۈمى

ئوردېن دۆلەتنىڭ تۆھپىكارلارغا بېرىدىغان ئالىي مۇكاپاتى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوردېن دۆلەتنىڭ تۆھپىكارلارغا بېرىدىغان ئالىي مۇكاپاتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە1-، 2-، 3-دەرىجىلىك دەپ ئايرىلىدىغان، 1-ئاۋغۇست ئوردېنى، مۇستەقىللىق-ئەركىنلىك ئوردېنى ۋە ئازادلىق ئوردېنىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوردېن بەرگەن. 1-ئاۋغۇست ئوردېنى يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە ئىنقىلابقا ئىزچىل قاتنىشىپ، زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەنلەرگە؛ مۇستەقىللىق-ئەركىنلىك ئوردېنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىنقىلابقا قاتنىشىپ تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە؛ ئازادلىق ئوردېنى ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىنقىلابقا قاتنىشىپ تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە بېرىلگەن.

1988 -يىلى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ «ئارمىيىدىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارغا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئوردېنى بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» دە، ئوردېننىڭ تۈرى، مەنىسى، ئوردېن بېرىش شەرتى ئېنىق بەلگىلەنگەن.

 ئوردېن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قىزىل يۇلتۇز ئوردېنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى مۇستەقىللىق ئوردېنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى غالىبىيەت ئوردېنى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. قىزىل يۇلتۇز بىلەن ئۇچقۇننىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن بىرىنچى خىلدىكى ئوردېن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي ئوتىنىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقانلىقى؛ سەددىچىن سېپىلىنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ئىككىنچى خىلدىكى ئوردېن جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مۇستەھكەم سېپىل ھاسىل قىلغانلىقى؛ تيەنئەنمېن بىلەن بايراقلارنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ئۈچىنچى خىلدىكى ئوردېن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ غەلىبە تەنتەنىسى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#