تاغ كەرەپشە ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تاغ كەرەپشە ئۇرۇقىتاغ كەرەپشە ئۇرۇقى بولسا پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاغ چىڭسىيى(پەتەر ئاسالىيۇن) بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى پەتەر ئاسالىيۇن ياكى تاغ كەرەپشە ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇق قارا، ئۇزۇنچاق بولۇپ، جۇۋىنىغا ئوخشايدۇ،خۇش پۇراق، پۇرىقى ئۆتكۈرتەمى ئاچچىق كېلىدۇ. كۈز پەسلىدە ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىنىدۇ،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاغلىرىدىن چىقىدۇ.
ئۈنۈملۈك تەركىبى
ئۇرۇقى تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولۇپ، %2-%6نى ئىگەلـلـەيدۇ. ئاسـلـىق تەركـبى ئاپىـئوسـى (Apiosi) ، چىـڭسـەي كـىسـلاتاسـى (Apiolic Acid)، بېرگانتىـن ( berganten) ،كـوۇمارىن (coumarin) قاتارلـىقـلار بار. مېۋىسى تەركىبىدە ماي %22 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىئوسمارىن (Diosmarin) ،ئاپپـىئـىن (Appiin)،نارىـنگىـنىـن ۋە ئاپـپىـگىنـىن( Apigenin) قاتارلىقلار بار.
تاغ كەرەپشە ئۇرۇقى1. تاغ كىرەپشە ئۇرۇقىدىن7 گرام، سۆرۈنجاندىن 10 گرام، بەدىياندىن 15 گرام ئېلىپ قائىدە بويىنچە قاينىتىپ ئىچسە بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ.
2. تاغ كىرەپشە ئۇرۇقىدىن 10 گرام، قىچادىن 7 گرام، چاققاق ئوت ئۇرۇقىدىن 10 گرام ئېلىپ، دورىلارنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە ئاق كېسەلگە مەنپەت قىلىدۇ
بۇزۇرى شەربىتى ،ھەببى پىتىر ئاسالىيۇن.
كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، جىگەر توسۇلۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش، كىندىك ۋە بېقىندىكى ئاغرىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.