سەبرى
سەبرى بولسا سەبرى يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىپ قاتۇرۇلغان شىرنىسى بۇلۇپ ،جاراھەتلەرنى تازىلاش، چاچ ئۆستۈرۈش رولى بار .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەبرى بولسا گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، سەبرى يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىپ قاتۇرۇلغان شىرنىسى. ئاسان ئۇۋىلىدۇ، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلسا بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدۇ. قارا رەڭدە، كاللەك بولىدۇ.گۈلى ئېچىلىشتىن بۇرۇن يوپۇرمىقى ئۈزۈپ يېغۋىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ جەنۇب تەرىپىدە ئاز مىقداردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ ئەسلى شىمالىي ئافرىقىنىڭ مەھسۇلاتى، ھازىر جەنۇبىي ئامېرىكا، غەربىي ھىندى تاقىمئاراللىرى، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدە كەڭ كۆلەمدە تېرىپ ئۆستۈرۈلمەكتە.
غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى سۈرۈش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، ئىچنى سۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، مېڭە ۋە ئاشقازاننى تازىلاش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ھەيز ماڭدۇرۇش، سۈيدۈك كەلتۈرۈش، ئىششىق قايتۇرۇش،
جاراھەتلەرنى تازىلاش، چاچ ئۆستۈرۈش.
1. سەبرىدىن بەش گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازاندىكى ھۆللۈكنى سۈرۈپ، ئاشقازاننى تازىلايدۇ.
2. سەبرىنى مەستىكى رۇمى بىلەن قوشۇپ تالقانلاپ ئىچىپ بەرسە، مېڭىنى تازىلايدۇ.
3. سەبرىنى غارىقۇن بىلەن قوشۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ.
5. سەبرىنى تالقانلاپ، ئۇندەك قىلىپ كۆزەە سۈرمە قىلسا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ھەم كۆزنىڭ يىرىڭلاپ ۋە قىچىشىپ ئاغرىغىنىغا پايدا قىلىدۇ.
6. سەبرىنى ئاق توغرىغۇ ۋە تۇز بىلەن قوشۇپ باشقا چېپىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
7. سەبرىنى پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ كىچىك بالىنىڭ بېشىغا چاپسا، باشتىكى جاراھەتلەرنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتىدۇ ھەم پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا ۋە قۇلاققا تېمىتسا، بۇ ئورۇنلاردىكى جاراھەتلەرگە پايدا قىلىدۇ، قاپاقنىڭ تاتلىق ئۇرۇقى بىلەن قوشۇپ بۇرۇنغا چېپىلسىمۇ يۇقىرىقى تەسىرنى بېرىدۇ.
8. سەبرىنى ھەببۇلئاس شەربىتى بىلەن قوشۇپ باشقا چاپسا، پىتنى يوق قىلىدۇ، چاچنى ئۆستۈرىدۇ ۋە قارايتىدۇ.
ھەببى تانكار، ھەببى شەبيار، ھەببى سەبرى، ھەببى ئاپارەج
ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، تال ياللۇغى، كۆز ئاجىزلىقى، ھەيز توسۇلۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەر خىل جاراھەت، كۆيۈك يارىسى، سۇلۇق تەمرەتكە، بوغۇم ئاغرىقى، جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىكى توسۇلۇش، مالىخولىيا، مېڭە كېسەللىرى، ئۈچەيگە مەددە پەيدا بولۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.