شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق مەكتىپى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق مەكتىپى، يەنى شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى، شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە جايلاشقان. تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىگە تەۋە، 1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان، بىر بولغاچقا ، ئورمانچىلىق كەسپىي ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپ. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق مەكتىپى
قىسقاتىلغان نامى شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۈرۈمچى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区林业学校
قۇرۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1955-يىلى ئۈرۈمچى شەھەر ليۇداۋانغا قۇرۇلغان. 1957-يىلى ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەكتىپى. سۇچىلىق مەكتىپى، چارۋىچىلىق مەكتىپى، ھاۋارايى مەكتىپى قاتارلىق بەش مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەكتىپى دەپ ئاتالغان. بىرلەشكەندىن كېيىنكى خىزمەتلەر ياخشى ھەمكارلىشالماسلىق سەۋەبىدىن 1960-يىلى شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى چاپچال ناھىيىسىدە قايتا مەكتەپ قۇرغان. 1963-يىلى ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن مەكتەپ تاقىۋېتىلگەن. 1965-يىلى مەكتەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە چاپچال ناھىيىسىدىن ماناس ناھىيىسىنىڭ پىڭيۈەن ئورمانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلگەن. 1970-يىلى يازدا ماناس ناھىيىلىك شىيۈەن ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئورمانچىلىق فاكولتېتىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1978-يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى مۇستەقىل مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1986-يىلى 7-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەكتەپ ماناس ناھىيىسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن ھەم شىنجاڭ ئورمانچىلىق كادىرلار مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ قۇرغان. 1988-يىلى شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى غەربى خېنەن يولى 16-نومۇرغا كۆچۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئورمانچىلىق كادىرلار مەكتىپى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ مەكتەپ بىرلەشكەن» مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان، يەنى بىر رەھبەرلىك كوللىكتىپى، ئۈچ ۋىۋىسكا شەكىللەنگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىگە قارايدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 76872 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 23000 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ شتاتى 222 نەپەر. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 97 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1344 نەپەر.

بىناكارلىق بېزەكچىلىك كەسپى 

كەسپىي يۆنىلىشى : بىناكارلىق بېزەش 

يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى : يېتىشتۈرۈش ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش بىرىنچى سېپىنىڭ ئېھتىياجىغا، بىناكارلىق بېزەكچىلىك قۇرۇلۇشىدا لايىھىلەش، ئىشلىمەك، خام چوتى ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇقىرى ساپالىق قابىليەتلىك ئىختىساسلىقلار. 

ئاساسلىق دەرسلەر: ئۆي بېزەش خەرىتىسىنى سىزىش، بىناكارلىق بېزەك ماتېرىيالى، بىناكارلىق بېزەش ئۈنۈمى خەرىتىسى ئىپادىلەش ماھارىتى، بىناكارلىق بېزەكچىلىك، كومپيۇتېر، بىناكارلىق بېزەكچىلىك قۇرۇلۇش قىلىش تۈرىنى باشقۇرۇش، بىناكارلىق بېزەك تەخمىن چوت، خام چوت، قۇرۇلۇش بېزەكچىلىك لايىھەلەش، بىناكارلىق بېزەش قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدى. 

كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى : بېزەش ئىشچىسى، خام چوت خادىمى، ماتېرىيالچى، لايىھىلەش خادىمى، چېرتيوژچى، قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچى، نازارەتچى قاتارلىقلار.  

ئورمان بايلىقىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش كەسپىي 

يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى : ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىدىغان، بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال كەسپىي ئىقتىدارنى تەربىيلەش، ئورمان قوغداش ۋە ئېكولوگىيىلىك ساياھەت مەنبەسى، تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش، ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت، يۇقىرى ساپالىق قابىليەتلىك ئىختىساسلىقلار. 

ئاساسلىق دەرسلىكلەر : ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەرقلەندۈرۈش ۋە قوغداش، ئورمان تەكشۈرۈش تېخنىكىسى ئورمان يېتىشتۈرۈش، ئورمانچىلىق سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزام، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى تەكشۈرۈش بىلەن باشقۇرۇش، ياۋايى ھايۋانلارنى تونۇش ۋە قوغداش، ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش، دورىلىق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدى . 

كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى : ئورمان باشقۇرۇش ئىشچىسى، كۆچەت تىكىش ئىشچىسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى چارلاش، كۆزىتىش خادىملىرى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، ياۋايى ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش خادىمى قاتارلىقلار. 

مېۋە، كۆكتات، گۈل - گىياھ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى كەسپى 

يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى : تەربىيلەش ۋە ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىدىغان، بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال كەسپىي ئىقتىدارى، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش، گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش، ئەسلىھەلىك باغۋەنچىلىك، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش، ئىشلەش، سېتىش قاتارلىق باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سەپتە خىزمەت، يۇقىرى ساپالىق قابىليەتلىك ئىختىساسلىقلار. 

ئاساسلىق دەرسلىكلەر : باغ ئۆسۈملۈكلىرى كۆچەت يېتىشتۈرۈش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش، گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش، ئەسلىھەلىك باغۋەنچىلىك ئۆستۈرۈش، باغۋەنچىلىك، ئۆسۈملۈك ئاسراش، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، باغۋەنچىلىك مەھسۇلات تەھلىل قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار تىجارىتى قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدى .

كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى : مېۋىلىك دەرەخ باغۋەنچىلىك ئىشچىسى، گۈل - گىياھ باغۋەنچىلىك ئىشچىسى، ئۆسۈملۈك ئاسرىغۇچى، مېۋە - چىۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، مېۋە - چېۋە تەكشۈرۈش خادىمى قاتارلىقلار. 

باغ - ئورمان كۆكەرتىش كەسپىي 

يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى : ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىمگە ئىگە، ماسلىشىش ئىقتىدارى، كەسپىي ساپاسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى ياخشى، كەسپىي تېخنىكا ۋە ماھارەت بىر قەدەر كۈچلۈك، بۇ باغ - ئورمان لايىھىلەش، ئىشلەش، كۆكەرتىش خىزمىتى بىرىنچى سېپىدىكى يۇقىرى ساپالىق قابىليەتلىك ئىختىساسلىقلار. 

ئاساسلىق دەرسلەر: باغ گۈل - گىياھ پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنى قوللىنىش، باغ - ئورمان خەرىتە سىزىش، باغ - ئورمان كومپيۇتېردا خەرىتە سىزىش، باغۋارانلاشقان كۆكۈلمەيدان، پىلانلاش، لايىھىلەش، باغ _ ئورمان ئىنژېنېرلىقى، باغ - ئورمان قۇرۇلۇشى خېرىدار چاقىرىش ۋە خامچوت - نەقچوتى، باغ - ئورمان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىكى، باغ - ئورمان ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئاسراش، ئورمانلىق ئۈسۈملۈك پارازىت قۇرۇت ئالدىنى ئىلىش، چىملىق بەرپا قىلىش ۋە ئاسراش قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدى. 

كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى : باغ - ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىسى، گۈل - گىياھ باغۋەنچىلىك ئىشچىسى، كارتوگراف، خەرىتە سىزغۇچى، لايىھىلەش خادىمى، خام چوت خادىمى، قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچى، ئۆسۈملۈك ئاسراش خادىمى قاتارلىقلار. 

باغ - ئورمان تېخنىكىسى كەسپى 

كەسىپ يۆنىلىشى : باغ - ئورمان پىلانلاش، لايىھىلەش ۋە باغ - ئورمان قۇرۇلۇشى، باغ - ئورمان قۇرۇلۇشى خېرىدار چاقىرىش ۋە خامچوت - نەقچوتى، باغ - ئورمان، باغ - ئورمان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىكى 

يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى : ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، كەسپىي بىلىم، ئادەمىيەت ساپاسى ۋە كەسپىي ساپاسى ياخشى، كەسپىي ماھارەت ۋە تېخنىكا بىر قەدەر كۈچلۈك، باغ - ئورمان قۇرۇلۇشى خېرىدار چاقىرىش ۋە خامچوت - نەقچوتى، باغ - ئورمان، باغ - ئورمان قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، كۆكەرتىش خىزمىتى بىرىنچى سېپىدىكى يۇقىرى ساپالىق قابىليەتلىك ئىختىساسلىقلار.

ئاساسلىق دەرسلىكلەر : باغۋارانلاشقان كۆكۈلمەيدان پىلانلاش، لايىھىلەش ۋە ئۆلچەش، باغ - ئورمان قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق، باغباراڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئاسراش، گۈل - گىياھ مۇھىتىنى لايىھىلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش، باغ - ئورمان ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش، باغ - ئورمان گۈزەل سەنئەت ۋە باغ - ئورمان خەرىتە سىزىش، باغ - ئورمان تەشتەك مەنزىرىسى بىلەن سۈنئىي تاغ ياساش، باغ - ئورمان قۇرۇلۇشى خېرىدار چاقىرىش ۋە خامچوت - نەقچوتى، ئورمانلىق ئۈسۈملۈك پارازىت قۇرۇت ئالدىنى ئىلىش، باغۋەنچىلىك ماشىنىلىرى، باغ - ئورمان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىكى، چىملىق بەرپا قىلىش ۋە ئاسراش قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدى. 

كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى : مەنزىرە لايىھەلىگۈچى، گۈل - گىياھ باغۋەنچىلىك ئىشچىسى، چىملىق بەرپا قىلىش، كارتوگراف، خەرىتە سىزغۇچى، لايىھىلەش خادىمى ، خام چوت خادىمى، قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچى، ئۆسۈملۈك ئاسراش خادىمى قاتارلىقلار. 

زامانىۋى ئورمانچىلىق تېخنىكىسى 

يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى : بۇ كەسىپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىدىغان ، بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال كەسپىي ئىقتىدارى ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ، ئورمان يېتىشتۈرۈش , ئورمان بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش، ئورمان ئاسراش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، ئورمانچىلىق قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر، يۇقىرى ساپالىق قابىليەتلىك ئىختىساسلىقلار.

ئاساسلىق دەرسلەر : ئورمان تەكشۈرۈش تېخنىكىسى ئورمان يېتىشتۈرۈش، ئورمان ئاسراش، ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئورمانچىلىق سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزام، ئورمانچىلىق كەسپى، ئورمانچىلىق خىزمەت پونكىتى باشقۇرۇش، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدى. 

كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى : كۆچەت تىكىش ئىشچىسى، ئورمان بىنا قىلىپ يېڭىلاش، ئورمان باشقۇرۇش ئىشچىسى، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#