جۇيۈەنجاڭ

جۇ يۈەنجاڭ (1328-1398-يىللار) يۈەن سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى، يۈەنجاڭ نەنجىڭدا ئۆزىنى رەسمىي پادىشاھ دەپ ئاتاپ، دۆلەت نامىنى مىڭ، يىلنامىنى خۇڭۋۇ دەپ ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇ يۈەنجاڭ
خەنزۇچە ئىسمى 朱元璋
باشقا نامى 朱重八、朱国瑞、朱洪武、洪武帝、明太祖
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
كەسپى پادىشاھ، سىياسىئون، ھەربىي ئالىم
تۇغۇلغان ۋاقتى 1328-يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1398-يىل
ئاساسلىق نەتىجىسى خۇاشيا ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ مىللىي زۇلۇم تۈزۈمىنى يوقىتىپ، مىللىي باراۋەرلىك ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛
ياشىغان زامان مىڭ سۇلالىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇ يۈەنجاڭ(1328-1398-يىللار) يۈەن سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى، خاۋجۇنىڭ جۇڭلى (ھازىرقى ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى فېڭياڭ دېگەن يەرنىڭ شەرقى) دىن، ئورتاقچى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق مەزگىلىدە، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، پومېشچىكنىڭ مېلىنى باققان. 17 يېشىدا راھىب بولۇپ، ئەنخۇي، خېنەن قاتارلىق جايلاردا سەدىقە تىلەشكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن.

مىلادىيە1352-يىلى، خاۋجۇدىكى گو زىشىڭ رەھبەرلىك قىلغان قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنىغا قاتناشقان. گو زىشىڭ ئۇنىڭ جەڭدىكى باتۇرلۇقىنى كۆرۈپ، بېقىۋالغان قىزى ما شىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان. گو زىشىڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنىنىڭ ئەمەلىي قوماندانى بولۇپ قالغان. باشقا قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنى يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى چەكلەپ تۇرغاچقا، جۇ يۈەنجاڭنىڭ قوشۇنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەنخۇينىڭ جەنۇبى، جېجياڭنىڭ شەرقىي جەنۇبى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. ئارقىدىن ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسىنى باشلاپ جىچىڭ(ھازىرقى نەنجىڭ) نى ئىگىلىگەن، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ باش سەردارى فۇشۇنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى ئىشغال قىلغان. 

1361-يىلى، جۇ يۈەنجاڭ قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنىنىڭ ئاتامانى خەن لىنئېر تەرىپىدىن ۋۇ بېگى قىلىپ تەيىنلەنگەن، جىچىڭ دېگەن نام يىڭتيەنفۇغا ئۆزگەرتىلگەن. شۇ يىلى، ئۇ چېن يۇلياڭنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان، ئارقىدىن يەنە جاڭ شىچېڭ، فاڭ گوجېن قاتارلىقلارنىڭ يەرلىك بۆلگۈنچى ھاكىمىيىتىنى باستۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبتىكى زېمىننىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. بۇ مەزگىلدە «سېپىلنى ئېگىز سوقۇش، ئاشلىقنى كۆپ توپلاش، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك» سىياسىتىنى قوللىنىپ، كۈچىنى زورايتقان. 1367-يىلى، شۈ دا، چاڭ يۈچۈن دېگەن ئىككى سەركەردىنى 250 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن يۈەن سۇلالىسىگە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى، جۇ يۈەنجاڭ نەنجىڭدا ئۆزىنى رەسمىي پادىشاھ دەپ ئاتاپ، دۆلەت نامىنى مىڭ، يىلنامىنى خۇڭۋۇ دەپ ئېلان قىلغان. شۇ يىلى، شىمالغا يۈرۈش قىلغان قوشۇن يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنى ھېچقانچە كۈچىمەيلا مەغلۇپ قىلىپ، چوڭ ئاستانە (ھازىرقى بېيجىڭ) نى ئىشغال قىلىپ، يۈەن سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 

جۇ يۈەنجاڭ پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا باش قاتۇرغان، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، باش ۋەزىرلىك تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «بۈيۈك مىڭ سۇلالىسى قانۇنى» نى تۈزدۈرگەن، مۇشتۇمزور، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى باستۇرغان؛ باگۇچە ئەدەبىياتتىن ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئەمەلدار تاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، زىيالىيلارنى كۆپلەپ ئەتراپىغا توپلىغان؛ نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يەرلەرنى ئۆلچەپ، سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرغان؛ بوز يەر ئېچىشقا ئىلھام بەرگەن، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق، پىلىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئالۋان-سېلىقىنى يەڭگىللەتكەن. بۇ تەدبىرلەر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرگەن.

مىلادىيە1398-يىلى، جۇ يۈەنجاڭ 71 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ، نەنجىڭدىكى جۇڭشەن قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#