يۈەنخۇسۇن بازىرى
يۈەنخۇسۇن بازىرى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرى ئەتراپىغا جايلاشقان، پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي كۆلىمى 240 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تەۋەسىدە 12 كەنت (مەيدان، مەھەللە) بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈەنخۇسۇن بازىرى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرى ئەتراپىغا جايلاشقان، پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي كۆلىمى 240 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تەۋەسىدە 12 كەنت (مەيدان، مەھەللە) بار، قاراشلىق دېھقانچىلىق تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 153 مىڭ مو (مەيدانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىڭ ئادەم، ئومۇمىي ئائىلە سانى 7352 ئائىلە، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 18 مىڭ ئادەم، خۇيزۇ، خەنزۇ قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىسى پۈتۈن بازار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %54 نى ئىگىلەيدۇ .
قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ يۈەنخۇسۇن بازىرى شىنجاڭ تەڭرىتاغ نىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان؛ شەرق تەرىپى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى گە 76 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى ئايروپورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 68 كىلومېتىر؛ قۇتۇبى ناھىيە بازىرى تۆت ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.5 كىلومېتىر، 312-دۆلەت تاشيولى ۋە ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە يېڭى لىنىيەسى ناھىيە دائىرىسىنى توغرسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قاتناش ئالاقىسى ناھايىتى قولايلىق، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ياخشى، ئەۋزەل قاتناش شارائىتى ئىگە.
يۈەنخۇسۇن بازىرىيۈەنخۇسۇن بازىرى 10 كەنت، بىر مەيدان، بىر ئاھالە مەھەللىسى بار بۇلۇپ، بۇلار: يۇقىرىقى سەنگۇڭ كەنتى، يۇقىرىقى ئەرگۇڭ كەنتى، خېجۇاڭ كەنتى، يۈەنخۇسۇن كەنتى، سەنگوڭخۇ كەنتى، تۆۋەنكى سەنگۇڭ كەنتى، داساۋتەن كەنتى، ماچاڭخۇ كەنتى، گۇاڭلىن كەنتى، شىسەنخۇ كەنتى، بېييۈەن مەھەللىسى، ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.