تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ
1999 - يىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندىن ئەگىشىپ ، مەملىكەت بويىچە ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىشتە ۋىلايەت بويىچە مائارىپ بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى بىر ۋىلايەت دەرىجىلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنى بارلىققا كەلتۈردى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1999 - يىلى قۇرۇلغا ، مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. ھازىر تۇرپان ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇنداقلا خۇنەن ئۆلكىسى نۇقتىلىق ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش نۇقتىسى. پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجرىبىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 1999-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يېڭىدىن قۇرۇلغان تەجرىبە مەكتەپ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 28791 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 4646 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش سىنىپى 14.
مەكتەپ ۋىلايەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان مەكتەپ، ھازىر 32 سىنىپ تەسسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار جەمئىي 1776 نەپەر. مەكتەپ ھازىر بار ئوقۇتقۇچىلار 125 نەپەر 15 نەپەر ( شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر )، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 99 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 32 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 40 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 70 ىنى ئىگىلىدى. خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنە مەكتەپكە ئىككى نەپەر مەكتەپ رەھبىرى تاللاپ، 13 نەپەر مۇنەۋۋەر تايانچ ئوقۇتقۇچى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مەكتەپلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ئەلا نەتىجە ياراتقان كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.
مەكتەپ ئەسلىھەلىرى ئىلغار، قاتتىق دېتال ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئۆلچەملىك فىزىكا - خىمىيە - بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سېستىمىسى، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش سىستېمىسى، كۆپ ۋاسىتىلىك كومپيۇتېر ئۆيى، كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانا 26، كۇتۇپخانا، مەكتەپ كەڭ بەلباغلىق تور قاتارلىقلاردا شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زامانىۋى مائارىپ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى؛ 400 مېتىرگە ئىگە ئۆلچەملىك تەنتەربىيە مەيدانى ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق زال ئىچى تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى تەنتەربىيە ئەسلىھەسى بار.
مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. مەكتەپ ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۆتۈش نىسبىتى % 95 تىن يۇقىرى، تولۇق كۇرسقا ئۆتۈش نىسبىتى % 70 تىن ئاشىدۇ، نۇقتىلىق ئۆتۈش نىسبىتى % 40 تىن، ھەر يىلى دېگۈدەك ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىپ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.