تاغ ئۆچكىسى

تاغ ئۆچكىسى

تاغ ئۆچكىسى يەنە تاغ تېكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان نۇقتىلىق ھايۋان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئاساسەن شىنجاڭ، گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالى ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي شىمالىغا تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى تاغ ئۆچكىسى
ئىنگلىزچە نامى Siberian Ibex، Himalayan Ibex، Asiatic Ibex
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالا ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 北山羊
تارقالغان رايونلار نىڭشيا، گەنسۇ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى تاغ ئۆچكىسى، ئارقار
ئۇرۇقداشلىرى ئۆچكە ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاغ ئۆچكىسى يەنە تاغ تېكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان نۇقتىلىق ھايۋان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئاساسەن شىنجاڭ، گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالى ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي شىمالىغا تارقالغان.

ئۇنىڭ پۇت، تۇياقلىرى تولىمۇ مەزمۇت بولغاچقا خەتەرلىك تىك يارلاردىمۇ ئەركىن-ئازادە سەكرەپ-تاقلاپ يۈرەلەيدۇ. تاغ ئۆچكىسى دېڭىز يۈزىدىن 3500 مېتىردىن 6000 مېتىرغىچە بولغان ئېگىزلىكتىكى چوققىلار ۋە تاغ قاپتىلىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، قىش كۈنلىرىمۇ پەسرەك جايلارغا بېرىشنى ياقتۇرمايدۇ، شۇڭا، ئەڭ ئېگىز جايدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى، دەپمۇ ئاتالغان.[1]

تاغ ئۆچكىسىتاغ ئۆچكىسى تىپىك ياۋا ئۆچكە بولۇپ، ئەركەكلىرىنىڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستىدا ئۇزۇن ئۇزۇن ساقىلى بولىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر، چىشىسىنىڭ ساقىلى بىر قەدەر قىسقا. تۆت پۇتى سەل قىسقا، تۇياقلىرى بىرقەدەر توم، قۇيرۇقى بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. تاغ ئۆچكىسىنىڭ بەدەن شەكلى ئۆي ئۆچكىسىگە قارىغاندا بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.

تەن ئۇزۇنلۇقى 105 ~ 150 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 ~ 15 سانتىمېتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 100 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى 40 ~ 60 كىلوگىرام، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 120 كىلوگرامغا يىتىدۇ.

تۈكى: يازلىق تۈكى سېرىق رەڭدە، قورسىقى ۋە پۇتىنىڭ ئىچى تەرىپى ئاق بولىدۇ؛ قىشلىق يۇڭى ئۇزۇن ھەم رەڭگى سۇسراق بولىدۇ.

مۈڭگۈزى: ئەركىكى بىلەن چىشىسىنىڭ ئوخشاشلا مۈڭگۈزى بار، ئەركەكلىرىنىڭ مۈڭگۈزى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 100 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى رېكورتى 147.3 سانتىمېتىر. مۈڭگۈزىنىڭ ئالدى كەڭ، كەينى تار، توغرا كەسمە يۈزى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك، يىرىكلىك دەرىجىسى 25 ~ 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، مۈڭگۈزىدە يەنە چوڭ ھەم روشەن كۆندىلەڭ قىرلىرى بولىدۇ، سانى تەخمىنەن بىر 14 ~ 15 تال ئەتراپىدا، گەرچە ئانچە بەك ئىگىلگەن بولمىسىمۇ، لېكىن ئىگىلىش دەرىجىسى ئادەتتە يېرىم چەمبىرەك ھەتتا پۈتكۈل ئۈچتىن ئىككى قىسىم چەمبىرەككە يىتىدۇ، چىشىسىنىڭ مۈڭگۈزى كىچىكرەك بولىدۇ.

تاغ ئۆچكىسى دېڭىز يۈزىدىن 3500 مېتىردىن 6000 مېتىرغىچە بولغان ئېگىزلىكتىكى چوققىلار ۋە تاغ قاپتىلىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، قىش كۈنلىرىمۇ پەسرەك جايلارغا بېرىشنى ياقتۇرمايدۇ، شۇڭا، ئەڭ ئېگىز جايدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى، دەپمۇ ئاتالغان.

ئافغانىستان، جۇڭگو (گەنسۇ، شىنجاڭھىندىستان (خىماشال شتاتى بىلەن چامۇ كەشمىر)، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، پاكىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتار جايلارغا تارقالغان.

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى»  2008-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر (خەتىرى تۆۋەن) قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

جۇڭگو قىزىل تاشلىق كىتاب يوقىلىش خەۋپى دەرىجىسى: يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.

«جۇڭگونىڭ دۆلەتلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلار تىزىملىكى» 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#