بومباردىمانچى ئايروپىلان
بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ كۆپىنچىلىرى ئاۋازدىن ئاستا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار بولۇپ، تۈرلۈك بومبا، تورپېدا، يادرو سىنارەد تاشلىيالايدۇ ياكى ھاۋادىن يەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەلەيدۇ، بومبا قاچىلاش مىقدارى ئىنتايىن چوڭ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ كۆپىنچىلىرى ئاۋازدىن ئاستا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار بولۇپ، تۈرلۈك بومبا، تورپېدا، يادرو سىنارەد تاشلىيالايدۇ ياكى ھاۋادىن يەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەلەيدۇ، بومبا قاچىلاش مىقدارى ئىنتايىن چوڭ. يېنىك تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانلار3 −5 توننا؛ ئوتتۇرا تىپتىكىلىرى 5 −10 توننا؛ ئېغىر تىپتىكىلىرى10 −30 توننا بومبا ئېلىپ ماڭالايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ 52-B ئايروپىلانى نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا 108 دانە بومبا تاشلىيالايدۇ.
بومباردىمانچى ئايروپىلانبومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ بومبا تاشلاش شەكلى تۆۋەن بوشلۇقتىن تاشلاش، ئوتتۇراھال بوشلۇقتىن شۇڭغۇپ تاشلاش، يۇقىرى بوشلۇقتا گورىزونتال بومباردىمان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھازىر دۇنيا بويىچە بىرقەدەر ئىلغار بومباردىمانچى ئايروپىلانلاردىن ئامېرىكىنىڭ1-B، A2-B، 52-B، روسىيىنىڭ 26-UT لەر بار.
60-يىللاردىن كېيىن، ھەر خىل باشقۇرۇلىدىغان قوراللار كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. نىشانلاش مۇداپىئەسى بولسا ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ تاكتىكىلىق بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم بومباردىمانچى ئايروپىلان ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان يېنىك تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان ئاللىبۇرۇن تەرەققىي قىلىپ ھۇجۇمچى بومباردىمانچى ئايروپىلان، مۇساپە ۋە بومبا كۆتۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، ھەتتا ئوتتۇرا تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋەزىپىسى يەنە ئۇ ئارقىلىق تاماملىدىغان قىلىپ ئۆستۈرۈلدى.
ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان بىر دۆلەتنىڭ «ئۈچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» يادرو زەربە بېرىش كۈچى ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى. دۇنيا بويىچە پەقەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىگە ئىستراتېگىيىلىك ئاۋىئاتسىيەگە ئىگە: روسىيە، ئامېرىكا ۋە جۇڭگو. رۇسىيە 95، 22M ۋە 160 تەركىب تاپقان، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى قىسىم B52 ۋە B2 دىن تەركىب تاپقان. جۇڭگونىڭ 6 K ۋە 6 H دىن تەركىب تاپقان. ھازىرغا قەدەر ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەمىليەتتە ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئامالسىز.
ئامېرىكىنىڭ 52-B ئايروپىلانى نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا 108 دانە بومبا تاشلىيالايدۇ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش دائىرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1500 مېتىر، كەڭلىكى 400 مېتىر، بومبا پارتلىغان ئازگاللارنىڭ ئارىلىقى15 −20 مېتىر بولۇپ، ھەربىر ئازگالنىڭ دىئامېتىرى 6 −7 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 3 مېتىرچە كېلىدۇ. ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى شەھەرلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغان بولسا، بىرنەچچە بومباردىمانچى ئايروپىلان نەچچە 10 توننا بومبا تاشلاپلا ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىسـتراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.