مىكرو ئورگانىزملىق دېھقانچىلىق دورىلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زىيانداش ھاشاراتلار، كېسەللىك باكتېرىيە زەمبۇرۇغلىرى ۋە ياۋا ئوت-چۆپلەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈچ چوڭ دۈشمىنى. بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ھەر يىلى كېسەللىك − زىيانداش ھاشاراتلار كاساپىتىدىن دېھقانچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى %26 ئازىيىپ كېتىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە زىيانداش ھاشاراتلاردىن كېلىدىغان زىيان 14%، كېسەللىكلەردىن كېلىدىغان زىيان %12 ئىكەن. زىياننىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن. 20

-ئەسىرنىڭ40-يىللىرىدىن باشلاپ دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان خلورلۇق ئورگانىك دورىلار بىلەن سىمابلىق ئورگانىك دورىلار دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر كېسەللىك-زىيانداش ھاشارات ۋە ياۋايى ئوت-چۆپلەرگە قارشى كۈرەشتە، ئاساسەن خىمىيىۋى دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن ئىبارەت بۇ ھازىرقى زامان ياراغلىرىغا تاياندى. لېكىن، خىمىيىۋى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ سورتى ۋە مەھسۇلاتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا، ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق زەھىرى بىلەن بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ئاپەت كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەر تىرىشىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زەھىرى تۆۋەن دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى. بىئولوگىك مۇداپىئە ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ، مىكرو ئورگانىزملق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بىئولوگىك مۇداپىئەلىنىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىدۇر.

بىزگە ھازىرقى زامان پەنلىرى نۇرغۇنلىغان مىكرو ئورگانىزم «دوستلار» نى تېپىپ بەردى، ئۇلار كۆزگە كۆرۈنگەن «ئۆسۈملۈك ئاسرىغۇچى» غا ئوخشاش، يېشىل ئېتىز-دالىلاردا جاپالىق ئەمگەك قىلماقتا. مەسىلەن، باكتېرىيىلەر جەمەتىدىكى سۇرېنگېن تاياقچە باكتېرىيىسىنى ئالساق، زىيانلىق ھاشاراتلار ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قالسا، «ئاشقازىنىنى زەھەرلەش» ئارقىلىق، زىيانداش ھاشاراتنى كېسەل قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. زەمبۇرۇغلار جەمەتىدىكى تەخمىنەن530 تۈردىكى ئەزانىڭ ھاشارات يوقىتىش ماھارىتى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاق قاتما زەمبۇرۇغى ئەڭ مۇھىم تۈر بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىشى كەڭ، پارازىت ئىگىسى كۆپ، زىيانداش ھاشاراتلارنى كېسەل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى، سويا پۇرچاق ئۆزەك قۇرتى، كۆممىقوناق پەرۋانىسى، چاي زەھەرلىك پەرۋانىسى، شېكەر قۇمۇچ خارتۇملۇق قۇرتى قاتارلىق200 تۈردىن ئارتۇق زىيانداش ھاشاراتلار ئاق قاتما زەمبۇرۇغىغا يولۇقۇپ قالسا، 2 −3 كۈنگە قالمايلا جەھەننەمگە ئۇزايدۇ. نۇرغۇن ئاكىتىنومىتسېتلار بىز ئۈچۈن دېھقانچىلىققا كېرەكلىك ھەر خىل ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، شالنىڭ ھال كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالايدىغان كازۇگامىتسىن، ئالمىىڭ سېسىپ كېتىش كېسىلىنى داۋالايدىغان ئىندومىتسىن، شالنىڭ ئۆرە قۇرۇش كېسىلىنى داۋالايدىغان ۋالىدامىتسىن ھەمدە شالنىڭ ھال كېسىلى ۋە بۇغداينىڭ ئاق توزان كېسىلىنى داۋالايدىغان چىڭفېڭمېيسۇ قاتارلىقلار. مىكرو ئورگانىزملار ئارقىلىق ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ چىققان بىر خىل مىكرو ئورگانىزملىق دورا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا.

مىكرو ئورگانىزملىق دېھقانچىلىق دورىلىرى مىكرو ئورگانىزملار ئارقىلىق ياكى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ زىرائەتلەرنىڭ كېسەللىك مىكروبلىرى ۋە زىيانداش ھاشاراتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇلارنى يوقىتىدىغان بىر خىل دېھقانچىلىق دورىلىرى بولۇپ، » تىرىك دېھقانچىلىق دورىلىرى «دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنى زىيانداش ھاشاراتلار يېسە ياكى بۇلار كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ۋە ياۋا ئوت-چۆپلەرگە يولۇقسا، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە توكسىنلارنىڭ تەسىرىدە كېسەللىك باكتېرىيىلىرى، زىيانداش ھاشارات، ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ مېتابولىزمىدا كاشىلا چىقىپ، ئورگانىزمىدىكى ئەزالىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ يېتىلىپ كۆپىيىشى ياكى ھالەت ئۆزگەرتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ-دە، ئۇلار كېسەللىنىدۇ ياكى ئۆلىدۇ، ياكى ئۆسۈشى غەيرىيلىشىپ ئۇرۇق-ئەۋلادى يوقىلىدۇ، نەتىجىدە، زىيانداش ھاشارات، كېسەللىك، ياۋايى ئوت-چۆپلەرنى يوقىتىش مەقىسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

مىكرو ئورگانىزملىق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش ئادەم ۋە چارۋىلار ئۈچۈن بىخەتەر ھەم زەھەرسىز بولۇپ، كۈشەندىلەرگە زىيان سالمايدۇ، زىيانداش ھاشاراتلاردە دورىغا قارىتا قارشىلىق پەيدا قىلمايدۇ. مۇھىتنىمۇ بۇلغىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىكرو ئورگانىزملىق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيالارنىڭ كۆپىنچىسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدۇر، ئۈسكۈنىلەر ئاددىيراق ھەم تەننەرخى تۆۋەن، ئۆز ئورنىدىن ماتېرىيال ئېلىپ، ئۆز ئورنىدا ئىشلەپچىقىرىشقا ئەپلىك. مىكرو ئورگانىزملىق دېھقانچىلىق دورىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىنتايىن جانلانغان ئىلمىي ساھەگە ئايلاندى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#