سايباغ رايونى

سايباغ رايونى

سايباغ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ بىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى، ئۇ قۇرۇقلۇق يولىنىڭ قاتناش تۈگۈنى.

ئۇيغۇرچە نامى سايباغ رايونى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەرگە قاراشلىق رايون
يەر مەيدانى 378 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 沙依巴克区
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئۈرۈمچى شەھىرى
نوپۇسى 528 مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سايباغ رايونىسايباغ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ بىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى، ئۇ قۇرۇقلۇق يولىنىڭ قاتناش تۈگۈنى. شەھەر رايونى دەريا يولىنىڭ غەربىگە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي پاسىلى ساي يولى بىلەن تيانشان رايونى، بۇلاقتاغ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە 104-تۇەن بىلەن تۇدۇڭخابا رايونى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ ، جەنۇبتا ئۇلانباي، داشىگۇ ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولى ۋە يېڭى شەھەر رايونى بىلەن قوشنا. سايباغ رايونىغا قاراشلىق مەھەللە باشقارمىسى 10 ، 114 مەھەللە ئاھالە كومىتېتى،  1كەنت بار. ئومۇمىي كۆلىمى 378 كىۋادرات كىلومېتىر ، نوپۇسى 528 مىڭ ( 2010 ). 2009-يىلى، سايباغ رايونى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 15 مىليارد 790 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7 ئاشقان.

 يېزا-بازار، كوچا ئىش بېجىرىش       رايون نامى
 چاڭجياڭ يولى كوچا باشقارمىسىچاڭجياڭ جەنۇبىي يولى مەھەللىسى، چاڭجىياڭ شىمالىي يولى مەھەللىسى، جىڭيى يولى مەھەللىسى، نىيەنزىگو مەھەللىسى، توڭلىتىش ئىسكىلاتى مەھەللىسى، شىنشىڭ كوچا مەھەللىسى، نيۇنەي كوچا مەھەللىسى، غۇلجا يولى مەھەللىسى، جىڭئەر يولى مەھەللىسى 
  خوتەنگەي كوچا باشقارمىسى 

خوتەنگەي مەھەللىسى، ئۈچىنچى بىناكارلىق شىركىتى مەھەللىسى، جامائەت خەۋىپسىزلىك مەھەللىسى، بىناكارلىق ماشىنىلىرى زاۋۇتى، شەرقىي ئىككىنچى كوچا مەھەللىسى، قاتناش مەھەللىسى، خۇاڭخې مەھەللىسى، سۇ ئىشلىرى مەھەللىسى، پوچتا-تېلېگراف مەھەللىسى، شەرقىي بىرىنچى كوچا مەھەللىسى 

 ياڭزىجياڭ يولى كوچا باشقارمىسى  خەلق باغچىسى مەھەللىسى، چىڭسۇڭ ۋەن مەھەللىسى، ياڭزىجياڭ مەھەللىسى، شىنخۇا مەھەللىسى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى، لەنشىيۇيۈەن مەھەللىسى، كۇڭچۇۋ مەھەللىسى، تېڭۋېي مەھەللىسى، ئۆكتەبىر مەھەللىسى، خېيلۇڭجياڭ مەھەللىسى 
  جەنۇبىي دوستلۇق يولى كوچا باشقارمىسى 

دوستلۇق مەھەللىسى، نۇرباغ رەڭلىك مېتال مەھەللىسى، نېفىت ئىنىستىتۇتى مەھەللىسى، غەربىي شىمال يولى شىمالىي مەھەللىسى، غەربىي شىمال يولى جەنۇبىي مەھەللىسى، خۇڭجىياۋ شىمالىي مەھەللىسى، خۇڭچىئاۋ جەنۇبىي مەھەللىسى، خۇڭيەن مەھەللىسى، جىنسې رەڭلىك مېتال گۈللىكى مەھەللىسى، نۇرباغ مەھەللىسى 

 شىمالىي دوستلۇق يولى كوچا باشقارمىسى باۋدى مەھەللىسى، قەۋەت مەھەللىسى، ھەربىي رايون دوختۇرخانىسى، دوستلۇق يېڭى كەنتى شەرقىي مەھەللىسى، دوستلۇق يېڭى كەنتى غەربىي مەھەللىسى، شىجيايۈەنزى مەھەللىسى، لىمىن مەھەللىسى، تەيخۇا مەھەللىسى، دوستلۇق مەھەللىسى، پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى مەھەللىسى
 لۇيۈەنگەي كوچا باشقارمىسى مەھەللىسى لۇيۈەنگەي شەرقىي مەھەللىسى، ئۇلانباي مەھەللىسى، پاختا بازىرى شىمالىي كوچا مەھەللىسى، پاختا بازىرى جەنۇبىي كوچا مەھەللىسى، ساڭفاڭگۇ جەنۇبىي يولى مەھەللىسى، لۇيۈەنگەي شىمالىي مەھەللىسى، تېنچلىق ئۆستىڭى مەھەللىسى، لۇيۇەنگەي مەھەللىسى، ساڭفاڭگۇ شىمالىي يولى مەھەللىسى، تىيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھەللىسى، ئۇزۇن سەپەر يېڭى كەنتى، توك ئۆزگەرتىش پونكىتى 
 شىشەن كوچا باشقارمىسى مالىياۋدى مەھەللىسى، بالىلار كەنتى مەھەللىسى، جۇڭتەي مەھەللىسى، خۇەنۋېي يولى مەھەللىسى، شىنيۇەن مەھەللىسى، چىماشەن مەھەللىسى، سىداۋچا مەھەللىسى، جىيەنتاۋ مەھەللىسى، شىنبياۋ مەھەللىسى
 يامالىق تېغى كوچا باشقارمىسى  شىيۇيۈەن مەھەللىسى، تۆمۈر يول شەرقىي مەھەللىسى، تۆمۈر يول غەربىي مەھەللىسى، جەنۇبىي ۋوگزال مەھەللىسى، چىڭفىڭ مەھەللىسى، شياۋيۈەن مەھەللىسى، شىخۇڭ يولى مەھەللىسى، گۈلىستان مەھەللىسى، گۇاڭمىن مەھەللىسى، تەييۇ مەھەللىسى، باۋشەن يولى مەھەللىسى، ياشلار يولى مەھەللىسى، نەنلىياڭپو مەھەللىسى، قار لەيلىسى مەھەللىسى، توڭلىتىش ئىسكىلاتى تېغى مەھەللىسى  
 قىزىل بۇت كوچا باشقارمىسى جىڭتەي مەھەللىسى، ئالتاي يولى مەھەللىسى، تۇگۇڭ مەھەللىسى، شىنتۇڭ مەھەللىسى، تەيشيۇ مەھەللىسى، يېقىلغان تاش مەھەللىسى، تىيەنخەي مەھەللىسى، بېييۈەنچۈن مەھەللىسى، شەرقىي قاراماي يولى مەھەللىسى، خۇيسې مەھەللىسى، خۇيگۇيۈەن مەھەللىسى، جىنفۇيۈەن مەھەللىسى، جياخېيۈەن مەھەللىسى، ئاممىۋى قاتناش مەھەللىسى، خۇيجيايۈەن مەھەللىسى
 1-ئاۋغۇست كوچا باشقارمىسى  گوداۋ مەھەللىسى، جىنياڭ مەھەللىسى، نەنچاڭ يولى مەھەللىسى، يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتى مەھەللىسى، پوچتا مەھەللىسى، شىمالىي نەنچاڭ يولى مەھەللىسى، قۇمۇل غەربىي يولى مەھەللىسى، تېلېگراف مەھەللىسى، مۇزىي مەھەللىسى، جىنخۇا يۈەن مەھەللىسى، شىنبىي مەھەللىسى، لاۋسەنچىڭ ئاھالە كومىتېتى، رۇيئەن مەھەللىسى، يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيىسى مەھەللىسى 
 سايباغ رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق كەنتى ساڭفاڭگۇ كەنتى 

ئورنى  

سايباغ رايونىسايباغ رايونى، غەرب تەرىپى يامالىق تېغى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ بىرى، مەركىزىي شەھەرنىڭ غەربىيگە جايلاشقان، شەرقىي پاسىلى ساي يولى بىلەن تيانشان رايونى، بۇلاقتاغ رايونى بىلەن قوشنا، غەربتە 104-تۇەن، تۇدۇڭخابا رايونى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا ئۇلانباي، ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شىمالدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولى ۋە يېڭى شەھەر رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 378 كىۋادرات كىلومېتىر. 

يەر شەكلى

سايباغ رايونى يەر شەكلىنىڭ غەربىي جەنۇبى ئىگىز، شەرقىي شىمالىي پەس، غەربىي ئېدىرلىق، تاغلىق، قىيپاش ھالەتتە بولۇپ، كۆپ قىسمى كەلكۈن بېسىپ كېتىشتىن ھاسىل بولغان چۆكۈندى بەلباغ.

سۇ رايى 

ئۈرۈمچى دەرياسى سايباغ رايونىنىڭ شەرقىي چېگرا دەرياسى بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سايباغ رايوننى كېسىپ ئۆتىدۇ.

كىلىماتى

سايباغ رايونىنىڭ كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ. ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق ھەم ئۇزۇن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى°6.4C، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2775 سائەت، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 360 مىللىمېتىر، ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 176 كۈن بولىدۇ. 

2010–يىلى سايباغ رايونىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 528 مىڭ، ئۇيغۇر،خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، مانجۇ، موڭغۇل، شىبە، رۇس قاتارلىق 38 مىللەت ئولتۇراقلاشقان. 

سايباغ رايونىسايباغ رايونى تەۋەسىدىكى سودا ئاۋاتلاشقان، دوستلۇق پاركسون ( ئەسلىدىكى قىزىلتاغ سودا سارىيى )نى، دوستلۇق سودا سارىيى، يەرلىك مەھسۇلاتلار شىركىتى سودا سارىيى، شىنجاڭ سودا شەھەرچىسى ۋە تۈرلۈك ماللار، شېكەر، تاماكا، ھاراق توپ سېتىش پونكىتى، ئۇششاق تاۋارلارنى توپ سېتىش بازىرى، يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى بار. ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق، ياغ، گۆش بىلەن تەمىنلەش بازىسى. 

سايباغ رايونى ئىچىدە ھازىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا دوستلۇق يولى − ياڭزىجياڭ يولىنى بويلىغان سودا ئۇزۇن كوچىسى، پويىز جەنۇبىي ۋوگزالى، قىزىلتاغ، دوستلۇق، بېييۈەنچۈن، شىشەن يادرو قىلىنغان بەش سودا چەمبىرىكى، شىنجاڭ سودا شەھەرچىسى، يېڭى بېييۈەنچۈن بازىرى قاتارلىق  چوڭ تىپتىكى كەسىپلەشكەن بازارلار، دوستلۇق يولى سودا كوچا « بەش چوڭ سودا بازىرى » ۋە ئۇششاق تاۋارلار، بېييۈەنچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، « ئىككى توپ-پارچە تارقىتىش مەركىزى » ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان چوڭ سودا ئەندىزىسى كۆلەمگە ئىگە بولغان.[0]

سايباغ رايونىسايباغ رايونى ئىچىدە يامالىق تېغى، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسى، ئۈرۈمچى بالىلار باغچىسى، خەلق يىغىن زالى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، گېئولوگىيە كان مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىخانىسى، خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركىزى، قىزىل بۇت ئىبادەتخانىسى، 1-ماي كەچلىك بازىرى، مېي مېي نىڭ تۈرلۈك ماللار سارىيى، باغچا قاۋاقخانا كوچىسى قاتارلىق ساياھەت بايلىقى بار.



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#