قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش بەلگىلىمىسى

جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش بەلگىلىمىسى

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش بەلگىلىمىسى (2002-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 9-نۆۋەتلىك تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 105-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 10-نۆۋەتلىك تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 68-يىغىنىدا تۈزىتىلگەن، 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان).


ئۇيغۇرچە نامى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش بەلگىلىمىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2002-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
خەنزۇچە نامى 人民检察院办理未成年人刑事案件的规定

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ بەلگىلىمە قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ۋە جىنايەتچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش، تەپتىش مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلىش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى، قۇامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە تەربىيە بېرىش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ، تەربىيىلەشنى ئاساس، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.

3-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك مەكتەپ ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ۋە تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنى تەربىيىلەش ۋە قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەسىنىڭ تەلىپى بويىچە قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈش، ئەيىبلەش جەريانىدىكى ئەھۋاللارنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويسا ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئىزاھات بەرسە بولىدۇ.

4-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە، دېلوغا چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نام-شەرىپىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىقىغا ھۆرمەت قىلىشى، دېلوغا چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىسىم فامىلىسى، تۇرار جايى، سۈرىتى، رەسىمى ياكى پەرەز قىلىپ بېلىۋېلىش ئېھتىمالى بار ماتېرىياللارنى ئاشكارىلىماسلىقى ياكى تارقاتماسلىقى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، گۇۋاھچى ۋە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇرامىغا يەتمىگەن باشقا كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم.

5-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئادەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىدىغان مەخسۇس خىزمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى ياكى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشى كېرەك، شارائىتى يار بەرمەيدىغانلىرى بېجىرىشكە مەخسۇس ئادەم قويۇشى كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى ئادەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، پسىخىك يېتىلىش ئالاھىدىلىكىنى بىلىدىغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىشكە ماھىر تەپتىش خادىملىرى بېجىرىشى كېرەك.

6-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىك ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسى، ئائىلە ئەھۋالى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبى، توۋا قىلىش پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارغا قاراپ، تەربىيە بېرىشى لازىم.

7-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا ئائىت قانۇن ھۆججەتلىرى ۋە خىزمەت ھۆججەتلىرىگە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈننى ئېنىق يېزىش لازىم.

قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالى ۋە دېلو بېجىرگۈچىلەرنىڭ تەربىيە بېرىش، تەسىرلەندۈرۈش خىزمىتى ئىشلەش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ دېلو بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

2-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش

8-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىلاشتا، 14 ياشقا، 16 ياشقا، 18 ياشقا توشقان-تومىغانلىقىنى مۇھىم پاكىت قاتارىدا ئېنىقلاش كېرەك. جىنايەت گۇماندارىنىڭ راست يېشىنى ئېنىقلاش قىيىن بولۇپ، دېلونى بېكىتىشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قاررى چىقىرىش، تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكىئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم.

9-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا، مەجبۇرلىتىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلىقى، قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى تۈگىتىش ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋاللىرىنىڭ بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

10-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلايدىغان جىنايەت دېلولىرىدا، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىشى كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە دېلو ئەھۋالىغا قاراپ، تەپسىلىي سوئال سوراش تىزىسى تۈزۈپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇل بىلەن توغرا، چۈشىنىشلىك قىلىپ سوئال سوراش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا، قانۇن بويىچە ئىگە بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى، دېلو پاكىتىنى راستى بىلەن ئىقرار قىلىشقا ئائىت قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېيتىپ قويۇش، ئۇنىڭدا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، خىزمەت كۆرسىتىش، پاش قىلىش ئىپادىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش، ئۇنىڭ جىنايەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىقرار ياكى جىنايەتسىز، جىنايىتىنىڭ يېنىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئاقلىشىغا قۇلاق سېلىش لازىم.

قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سوراشتا، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكالەتچىسىگە مەيدانغا ھازىر بولۇشنى ئۇقتۇرۇش، قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە قانۇن بويىچە ئىگە بولىدىغان دەۋا ھوقۇقى ۋە ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

11-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا ئادەتتە ئېھتىيات قورالى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. جىسمانىي جەھەتتە خەۋپلىك ئەھۋال بولۇپ، ئىشلىتىش زۆرۈر بولغاندا، رېئال خەۋپ يوقالغاندىن كېيىن، ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش لازىم.

12-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا، قۇرامىغا يەتمىگەن گۇماندارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئائىت پاكىت سۇبيېكتىپ قەبىھلىكى، ۋەسىيلىك قىلىش ۋە جەمئىيەتتە ياردەم-تەربىيە بېرىش شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە يەتكۈزگەن خەۋپىنى ھەر تەرەپلىمە دەڭسەپ كۆرۈپ، قولغا ئېلىش زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قولغا ئېلىش تەدبىرىنى ئېھتىيات بىلەن قوللىنىپ، قولغا ئالسىمۇ، ئالمىسىمۇ بولىدىغانلىرىنى قولغا ئالماسلىق كېرەك.

13-ماددا جىنايىتى يېنىكرەك بولغان، ئۈنۈملۈك ۋەسىيلىك شارائىتى ياكى جەمئىيەتتە ياردەم-تەربىيە بېرىش تەدبىرى ھازىرلانغان، جەمئىيەت خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان ياكى يەتكۈزگەن خەۋپى كىچىكرەك بولغان، دەۋانىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق لازىم.

جىنايىتى ئېغىرراق بولسىمۇ، لېكىن سۇبيېكتىپ قەبىھلىكى كىچىك بولغان، توۋا قىلىش ئىپادىسى كۆرۈلگەن، ئۈنۈملۈك ۋەسىيلىك شارائىتى ياكى جەمئىيەتتە ياردەم-تەربىيە بېرىش تەدبىرى ھازىلانغان، جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان، دەۋانىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىش قانۇن بويىچە تەستىقلانمىسىمۇ بولىدۇ:

(1) تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەن، سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا؛

(2) جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانغان جىنايىتىنى توختاتقان، جىنايىتى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسا؛

(3) ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بار بولسا؛

(4) جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن جىنايىتىنى راستى بىلەن تاپشۇرۇپ، ئۆز قىلمىشىنىڭ خەۋپلىك ۋە قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ھارام مال، ھارام پۇلنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرغان، زىياننى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتىپ ۋە تۆلەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسا؛

(5) بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە ئاساسلىق جىنايەتچى ياكى گۇرۇھ ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە باش ئۇنسۇر بولمىغان بولسا؛

(6) 14 ياشقا توشۇپ، 16 ياشقا توشمىغان ياكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسا؛

(7) قولغا ئېلىش زۆرۈرىيىتى يوق باشقا ئەھۋاللار بولسا.

14-ماددا بۇ بەلگىلىمىنىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاپ، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ۋەسىيلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، مەكتەپ، ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانا ۋە ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ پىكرىدىن پايدىلىنىش ھەمدە «قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈش پىكرى» دە قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋەسىيلىك شارائىتىنى ھازىرلىغان-ھازىرلىمىغانلىقى ياكى جەمئىيەتتە ياردەم-تەربىيە بېرىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلەشكەن-ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش  لازىم.

15-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلالمىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

3-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش ۋە سوتقا قاتنىشىپ ئەيىبلەشنى قوللاش

16-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىدا ئەيىبلەشنى تەكشۈرگەندە، ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يوللانغان دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە دەۋا ۋاكالەتچىسى تېپىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغان دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە دەۋا ۋاكالەتچىسى تېپىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى، قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش مۇددىئاسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى تاپمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەملىشىش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى قامالغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى داۋاملىق قاماپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى لازىم.

قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى ئەيىبلەشتە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككەئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك. جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ، مەھەللە، ئائىلە قاتارلىق ئالاقىدار تەشكىلات ۋە خادىملار ئارقىلىق قۇرامىغا يەرمىگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئائىلە مۇھىتى، ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي پائالىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، دېلو بېجىرىشتە پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

17-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىدا ئەيىبلەشنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭدىن سوئال سورىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا بۇ بەلگىلىمىنىڭ 10-، 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

18-ماددا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يوللانغان دېلودا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانسا، تەپتىش خادىمى قاماقتىكى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى بىلەن ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقانلىرىنى كۆرۈشتۈرسە، سۆزلەشتۈرسە بولىدۇ:

(1) دېلو پاكىتى ئاساسەن ئېنىقلانغان، ئاساسلىق دەلىل-ئىسپاتلار راست ۋە تولۇق بولۇپ، كۆرۈشتۈرۈلسە، سۆزلەشتۈرۈلسە دەۋانىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتمەيدىغان بولسا؛

(2) قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايىتىنى تونۇش، توۋا قىلىش ئىپادىسى بار بولسا ياكى جىنايىتىنى تونۇش، توۋا قىلىش ئىپادىسى بار بولمىسىمۇ لېكىن كۆرۈشتۈرۈش، سۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولسا، ۋە ياكى كۆرۈشتۈرۈش، سۆزلەشتۈرۈش جەمئىيەت ۋە ئائىلىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولسا؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى سەۋەبى، جەمئىيەتكە يەتكۈزگەن خەۋپى، ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىقلارنى مەلۇم دەرىجىدە تونۇغان ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى  ، ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ تەربىيە بېرىشىگە ماسلىشىدىغان بولسا.

19-ماددا قاماقتىكى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى بىلەن كۆرۈشكەن، سۆزلەشكەندە، تەپتىش خادىمى ئۇلارغا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش ياكى دەۋاغا دەخلى يەتكۈزۈش مەزمۇنىدىكى گەپ-سۆزلەرنى قىلماسلىقنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇلار كۆرۈشكەن، سۆزلەشكەندە تەپتىش خادىمى بىللە تۇرسا بولىدۇ. كۆرۈشۈش، سۆزلىشىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تەپتىش خادىمى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنغا ئائىت ماتېرىياللارنى رەتلىشى ھەمدە خاتىرىلىشى كېرەك.

20-ماددا جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان ياكى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا قانۇن بويىچە قارار چىقىرىش لازىم:

(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرىي قاتناشقان بولسا؛

(2) جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانغان، جىنايىتىنى توختاتقان بولسا؛

(3) بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە مۇھىم رول ئوينىمىغان ياكى قوشۇمچە رول ئوينىغان بولسا؛ 

(4) ھەم گاس ھەم گاچا ياكى ئەما بولسا؛

(5) قوغدىنىش ياكى خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىشنى چەكتىن ئاشۇۋۇۋېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا؛

(6) ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسا ياكى زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى كۆرۈلگەن بولسا؛

(7) جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ياكى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغان باشقا ئەھۋال بار بولسا.

21-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سادىر قىلغان يېنىك زەخىملەندۈرۈش دېلولىرى، تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەن، سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋە جىنايەت ئەمەلگە ئاشمىغان دېلولار شۇىڭدەك باشقىلارنىڭ ئاز دۇرۇشى، كۈشكۈرتۈشى بىلەن سادىر بولغان جىنايەت دېلولىرىدا قىلمىش يېنىك بولغان، جىنايەت گۇماندارىدا ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ئىپادىسى كۆرۈلگەن، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ھەق تەلەپ تۆلىمى توغرىسىدا ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ۋە ئۇنى ھەقىقىي ئادا قىلغان بولسا، يەنە كېلىپ ئۇ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى 142-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارسا ھەمدە دېلودىكى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، تەنبىھ بەرسە ياكى توۋا قىلدۇرسا، ناماقۇل قىلدۇرسا بولىدۇ.

22-ماددا ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى قۇرامىغا يەتمىگەن ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە ئاشكارە ئېلان قىلىش ھەمدە ئەيىبلىمەسلىك ئاساسى ۋە قانۇن ئاساسىنى شەرھىلەش كېرەك.

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى قۇرامىغا يەتمىگەن ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە قانۇن بويىچە ئىگە بولىدىغان ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم.

23-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن قۇرامىغا يەتكەنلەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت دېلولىرىنى تەكشۈرگەندە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ ئەيىبلىشى كېرەك. لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى ئايرىم دېلو قىلماي ئەيىبلىسىمۇ بولىدۇ:

(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ياكى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن باشقا جىنايەتتىكى ئاساسلىق جىنايەتچى بولسا؛

(2) دېلو چوڭ، مۇرەككەپ ۋە بېجىرىش قىيىن بولۇپ، ئايرىم ئەيىبلىسە دېلونى قاراپ چىقىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا؛

(3) جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئايرىم ئەيىبلىسە قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىنى قاراپ چىقىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا؛

(4) ئايرىم دېلو قىلىپ ئەيىبلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.

24-ماددا ئايرىم ئەيىبلەنگەن قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلونى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە توغرا كەلگەنلىرىدە، تولۇقلاپ تەھقىقلىنىدىغان ئىش قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى قاتناشقان جىنايەت پاكىتىغا چېتىشلىق بولمىسا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى ئەيىبلەشكە تەسىر يەتكۈزمىسە، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى ئاۋۋال ئەيىبلەش كېرەك.

25-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن قۇرامىغا يەتكەنلەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت دېللىرىنى ئايرىم ئەيىبلىگەندە، ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا دېلو ئەھۋالىغا قاراپ تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇش دوكلاتىدىن بىرى تەييارلانسا بولىدۇ، ئەيىبلەشنامە ۋە سوتقا قاتنىشىش لايىھىسىنى ئايرىم تەييارلاش لازىم.

26-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت دېلوسىنى ئايرىم ئەيىبلىگەندىن كېيىن، دەۋا جەريانىدا ئايرىم ئەيىبلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قوشۇپ سوت قىلىش توغرىسىدا ۋاقتىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

27-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنى ئەيىبلىگەندە، ئۇنىڭ يېشىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچكە ئىگە ماتېرىياللارنى ئاساسلىق دەلىل-ئىسپات قاتارىدا بىر نۇسخا كۆپەيتىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

28-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى ئەيىبلەشتە، سوتقا قاتنىشىشقا دئىر تۆۋەندىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك:

(1) قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ پسىخىك ھالىتىنى ئىگىلەش ھەمدە سوتنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، جاۋابكاردىن قايتا سوئال سورىسا بولىدۇ؛

(2) قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەربىيە بېرىش، تەسىرلەندۈرۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش لازىم؛

(3) دېلو ئەھۋالى بىلەن يەنىمۇ پىششىق تونۇشۇپ، دېلودىكى قانۇن، سىياسەتكە ئائىت مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، دېلونىڭ ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، سوئال سوراش تېزىسى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، گۇۋاھچى، باھالىغۇچىدىن گەپ سوراش تېزىسى، مۇنازىرلىشىش تېزىسى، ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا ئائىت يازما ماتېرىيال تەييارلاش كېرەك.

29-ماددا ئەيىبلىگۈچى قۇامىغا يەتمىگەنلەرنى جىنايى ئىشلار بويىچە سوت قىلىشقا قاتناشقاندا، ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ سوتقا قاتنىشىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، پىكىر بايان قىلغاندا سىلىق سۆزلىشى ھەمدە سۆزلىرىنىڭ مەدەنىي، توغرا ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

30-ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا ئەيىبلىگۈچى سوئال سوراش، گەپ سوراش ۋە مۇنازىرلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ھالەتلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ كەيپىياتى ئېغىر ھالدا تۇراقسىز بولۇپ، داۋاملىق سوتلاشقا مۇۋاپىق بولمىسا، ئەيىبلىگۈچى سوتقا سوتنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

31-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن، قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ئېھتىمالى بولغان، توۋا قىلىش پوزىتسىيىسى خېلى ياخشى بولغان، ئۈنۈملۈك ۋەسىيلىك شارائىتى ھازىرلانغان ياكى جەمئىيەتتە ياردەم-تەربىيە بېرىش تەدبىرى قوللىنىلغان، جازا كېچىكتۈرۈلسە جەمئىيەتكە ھەقىقەتەن قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا بېرىلىدىغان جازانى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ:

(2) سوبيېكتىپ قەبىھلىكى چوڭ بولمىغان تۇنجى جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى ياكى مەجبۇرىي ئەگەشكۈشچى، ئەگەشكۈچى جىنايەتچى بولسا؛

(3) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كېلىشىۋېلىشنى ماقۇل كۆرگەن ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدا روشەن سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولسا.

(4) جازا كېچىكتۈرۈشكە بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا بېرىلىدىغان جازانى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار ئۈنۈملۈك ۋەسىيلىك ۋە ياردەم-تەبىيىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا دائىر يازما ماتېرىيالنى قوشۇپ ھۆكۈم چىقىرىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

32-ماددا ئەيىبلىگۈچى جىنايەتنى قانۇن بويىچە ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى سەۋەبى، جەمئىيەتكە يەتكۈزگەن خەۋپى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تەربىيىسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ساۋاقنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

33-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش شەرتىگە چۈشىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىدا ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىش توغرىسىدا خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەكلىپ بېرىشى كېرەك.

34-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوتلانغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا قاتنىشىشقا خادىم ئەۋەتىپ ياكى سوت ئېچىشتىن بۇرۇن قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا دائىر جەمئىيەت تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتتا تەربىيە بېرىش خىزمىتىگە ھەمكارلاشسا بولىدۇ.

35-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى 2-سوت قىلىشقا خادىم ئەۋەتكەندە بۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ.

4-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا بولغان قانۇن نازارەتچىلىكى

36-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا جامائەت خەۋپسىزلىكى  ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنىمۇ تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى ئىشلارنى بايقىغاندا تۈزىتىش پىكرى بېرىشى؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

(1) قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان بولسا ياكى قوللىنىلغان مەجبۇرلاش تەدبىرى نامۇۋاپىق بولسا؛

(2) قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى بىلەن قۇرامىغا يەتكەن جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە ئايرىپ باشقۇرمىغان، ئايرىپ قامىمىغان بولسا؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىغا جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىش تەدبىرى  قوللىنىلغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە سوئال سورالمىغان ياكى ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان بولسا؛

(4) قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىغا تەھدىت سېلىنغان، تەن جازاسى بېرىلگەن، ئىنسانىيلىقىغا ھاقارەت قىلىنغان، سازايى قىلىنغان ياكى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇلغان، ئازدۇرۇپ ئىقرار قىلدۇرۇلغان بولسا؛

(5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاڭقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ قەستەن ناھاق، يالغان، خاتا دېلو پەيدا قىلىنغان بولسا؛

(6) قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، گۇۋاھچىلاردىن ئازدۇرۇشقا ئوخشاش قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن دەلىل-ئىسپات توپلانغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئىنسانىيلىقى ۋە سىر ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈش بولسا؛

(7) قاماپ تۇرۇش ۋە دېلو بېجىرىش سۈرۈكىگە دائىر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىنغان بولسا؛

(8) قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق، ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكىئورگىنى جىنايەت گۇماندارىنى دەرھال قويۇپ بەرمىگەن بولسا؛ 

(9) تەھقىقلەش جەريانىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزگەن باشقا قىلمىشلار بولسا.

37-ماددا قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت قىلىشقا بولمايدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرى ئوچۇق سوت قىلىنىدىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوت ئېچىشتىن بۇرۇن تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك.

ئەيىبلىگۈچى سوتقا قاتنىشىپ ئەيىبلەشنى قوللىغاندا، سوتتا سوت قىلىش خىزمىتىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى بايقىسا، سوت توختىتىپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆز مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگە دوكلات قىلىشى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكمىسىگە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك:

(1) سوت ئاچقان ياكى ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە سوتقا كېلىش ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان بولسا؛

(2) خەلق سوت مەھكىمىسى گاس-گاچا ياكى شۇ جايدا كەڭ قوللنىلىدىغان تىل-يېزىقنى بىلمەيدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا تەرجىمان تەكلىپ قىلىپ بەرمىگەن ياكى بەلگىلەپ بەرمىگەن بولسا؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار سوت قىلىنغاندا ئاقلىغۇچىسى يوق بولسا؛ قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاقلىغۇچىسىنىڭ ئاقلىشىنى رەت قىلغاندا، كېڭەشمە سوت ئۇنىڭغا باشقىدىن ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات بەلگىلەپ بەرمىگەن بولسا؛

(4) سوت قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە قانۇن بويىچە ئىگە بولىدىغان چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، ئاقلىنىش، يېڭى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش، يېڭىباشتىن باھالاش ياكى ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلىش، ئاخىرقى سۆزىنى بايان قىلىش، نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ئوخشاش دەۋا ھوقۇقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ قويمىغان بولسا؛

(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار بار بولسا؛

38-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش-تەربىيىلەش ئورنىدا، ۋاكالەت تەپتىشلىكىنى يولغا قويىدۇ. جىنايى جازانىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتا، قۇرامىغا يەتكەن جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان تۈرمىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى قامىغانلىقىنى ياكى 18 ياشقا توشقاندىن كېيىن قالدۇق جازاسى 2 يىلدىن ئارتۇق بولغان جىنايەتچىنىڭ تۈرمىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەنلىكىنى سەزگەندە، قانۇن بويىچە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك.

39-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاماقخانا تەپتىشلىكىدە، قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ قورامىغا يەتكەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكاردىن ئايرىپ باشقۇرۇلمىغانلىقى، ئايرىپ قامالمىغانلىقى ياكى قورامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىنىڭ قاماقخانىدا جازا ئۆتەشكە قالدۇرۇلغانلىقىنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك.

40-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى باشقۇرۇش-تەربىيىلەش ئورنى، قاماقخانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئۆزگەرتىش تەرتىپى ۋە ئوقۇتۇش، ئەمگەك، تۇرمۇش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش-تەربىيىلەش ئورنى، قاماقخانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ سىياسىي، قانۇن ۋە مەدەنىيەت بىلىمى ئېلىشىنى كۈچەيتىشى، قانۇن بويىچە، ئىلمىي ۋە مەدەنىي باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

41-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى لازىم. قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش ۋە جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى توغرىسىدا، ئىجرا ئورگىنىغا خەلق سوت مەھكىمىسى، تۈرمە باشقۇرۇش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى؛ ئىلتىماس ياكى كېسىم، قارارلارنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى لازىم؛ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىپ، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ رېجىمغا ئېلىنغان، جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن ياكى شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن، جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرمىغانلىقى ياكى ياردەم-تەربىيە بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلىقىنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى لازىم.

5-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دېلوسىدىكى جىنايى ئىشلار ئەرزىنى تەپتىش قىلىش

42-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى ئەرز بەرگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرى ۋە جىنايى ئىشلار تۆلەم دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار ئەرز دېلوسى ۋە جىنايى ئىشلار تۆلەم دېلوسىنى بېجىرىشكە مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك.

43-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار ئەرز دېلوسىنى قايتا تەكشۈرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرىنىڭ بايانى ۋە ئاقلىشىغا بىۋاسىتە قۇلاق سېلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپات ۋە يىپ ئۇچلىرىنى ئېنىقلىشى، دېلو پاكىتىنى ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.

دېلونى قايتا تەكشۈرۈپ بولۇپ بىرتەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ھۆججەتلىرىنى يۈز تۇرانە يەتكۈزۈپ، قانۇن تەشۋىقاتى، سۆز بىلەن قايىل قىلىش، تەربىيە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

44-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار ئەرز دېلولىرىنى قايتا تەكشۈرۈپ تۈزەتكەندە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قالدۇق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىغا ماسلىشىش لازىم.

45-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار تۆلەم دېلولىرىنى بېجىرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىگە تولۇق قۇلاق سېلىشى، قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىك دېلولاردا ۋاقتىدا تۆلەم بېرىش قارارى چىقىرىشى ھەم ئىجرا قىلىشى كېرەك.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

46-ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى 14 ياشقا توشۇپ، 18 ياشقا توشمىغان جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار سادىر قىلغان جىنايى ئىشلار دېلوسىنى كۆرسىتىدۇ، بىراق قۇامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دەۋا ھوقۇقى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەرتىپ جەھەتتە ئالاھىدە قوغداشقا ئالاقىدار ماددىلاردا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دەۋا جەريانىدا 14 ياشقا توشۇپ، 18 ياشقا توشمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

47-ماددا جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارنىڭ يېشى بىردەك مىلادىيىنىڭ يىل، ئاي، كۈنى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. تۇغۇلغان كۈنىنىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ XX  ياشقا توشقان بولىدۇ.

48-ماددا بۇ بەلگىلىمىنى ئىزاھلاشقا ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.

49-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2002-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىش بەلگىلىمىسى» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#