ئاجار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گروزىيە جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تاشقى كاۋكازنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. غەربىي تەرىپى قارا دېڭىز، جەنۇبىي تۈركىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 3000 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 379 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985) ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنى ئاجارھەم گروزىن خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا يەنە رۇس، ئەرمەن، گرېك قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئولتۇراقلاشقان. بۇ جۇمھۇرىيەت 1291-يىلى قۇرۇلغان. مەركىزى باتۇمىي شەھىرى. ئاجار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن چورۇق قاتارلىق دەريا بويلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار.
ئاجار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىئىقلىمى يەر ۋەزىيىتىنىڭ ۋېرتىكال يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ پەرقلىنىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرى مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھۆل-يېغىنى مول بولۇپ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 2500—3000 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ئورمانلىقلار يېزىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايلاردا چاي، لىمون قاتارلىق مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ مېۋە-چېۋىلىرىنى ئۆستۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتى نېفىت مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىداتۆمۈر يول ترانسپورتى بىلەن دېڭىز ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.