كارلو رامبالدى

كارلو رامبالدى

كارلو رامبالدى 1925-يىلى ئىتالىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا گۈزەل سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق ئۆمرىنى فىلىم ئىشلىرىغا ئاتىۋەتكەن. تۇنجى قېتىملىق ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىگەن فىلىمى 1956-يىلدىكى تۆۋەن چىقىملىق فانتازىيىلىك فىلىمدە دېنازاۋۇرنىڭ جابدۇقىنى ياسىغان

ئۇيغۇرچە ئىسمى كارلو رامبالدى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1925-يىلى
كەسپى فىلىم ئىشلەش
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كارلو رامبالدىكومپىيوتېر ئاكروباتىزم (ئالاھىدە ئۈنۈم) چىلىقى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، فىلىمنىڭ سۈرەت ئالاھىدە ئۈنۈمىمۇ بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنى ۋە تۇيغۇ ئەزالىرىنى غىدىقلىماقتا. غەلىتە مەخلۇقنى يىرگىنىشلىك چىرايى ۋە مۇبالىغا ھەرىكەتلىرى ھەرخىل ئالاھىدە ئۈنۈم يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق ئاسانلا سىزىلىپ چىقىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى كىشىلەر ئىلگىرىكى كونا فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم ئۇستازلىرىنى سېغىنىپ قېلىشماقتا. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، پۈتۈنلەي كىنو-فىلىم ساھەسىدىكى ھۈنەر-سەنئەت ماھىرلىرىغا تايىنىپ يېپ-يېڭى بولغان ئاجايىپ بىر دۇنيا ياسىلىپ چىقىلاتتى. «ETتاشقى پىلانت ئادىمى». «غەيرىي جانلىق» ھەمدە «ۋاجرا» قاتارلىق ئۈچ فىلىم ئىلگىرى ئوسكار ئالاھىدە كۆرۈنۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن ئىتالىيەلىك فىلىم ئالاھىدە ئۈنۈم ئۇستازى كارلو رامبالدى (Carlo Rambaldi)  دەل شۇ ساھەدىكى ئەڭ كامالەتكە يەتكەنلىرىنىڭ بىرى.

كارلو رامبالدىكارلو رامبالدى 1925-يىلى ئىتالىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا گۈزەل سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق ئۆمرىنى فىلىم ئىشلىرىغا ئاتىۋەتكەن ئىدى. تۇنجى قېتىملىق ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىگەن فىلىمى 1956-يىلدىكى تۆۋەن چىقىملىق فانتازىيىلىك فىلىمدە دېنازاۋۇرنىڭ جابدۇقىنى ياسىغان. ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە توپلاش ئارقىلىق، رامبالدى 1975-يىلدىكى ئىتالىيە قورقۇنچلۇق فىلىمى «قېنىق قىزىل» ناملىق فىلىمدىكى ئالاھىدە ئۈنۈمى ئارقىلىق شۇ ساھەدە بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن. كېيىن تەكلىپ بىلەن بوللىۋود فىلىمى «ۋاجرا» دىكى ئالاھىدە ئۈنۈمگە قاتناشتى. «ۋاجرا»دىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكىغا كۆچۈپ باردى ھەمدە ئۇ يەردە ئون نەچچە يىل تۇردى. بۇ مەزگىلدە ئۇ داۋىد رېچ بىلەن ھەمكارلىشىپ، «بارخان» فىلىمىنى سۈرەتكە ئالدى، رېچارد فېرەنچ بىلەن ھەمكارلىشىپ «ھالاكەتچى كونان» فىلىمىگە قاتناشتى. رامبالدى قاتناشقان ھەمدە ئالاھىدە ئۈنۈم ياسىغان فىلىم 1988-يىلدىكى ئوغلى ۋېدرود رامبالدى رېژىسسورلۇق قىلغان «ئەسلىدىكى غەزەب» بولغان. 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇ ئىتالىيەنىڭ ئۆزى ئۇزۇن يىل ياشىغان لامىزىياتېرمىدا 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

كارلو رامبالدىرامبالدى ياۋۇز، بەدبەشىرىلىكتە ئۇچچىغا چىققان «غەيرىي جانلىق»نىڭ توك بىلەن كونترول قىلىنىدىغان باش نىقابىنى ياساپ چىققان، سىپەيل بەرگنىڭ «ئۈچىنچى تۈركۈملۈك ئۇچرىشىش» فىلىمىدا ئاق كۆڭۈل، ساددا تاشقى پىلانت جانلىقىنى ياساپ چىققان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «ۋاجرا» فىلىمىدىكى 42 فۇت ئېگىزلىكتىكى گېگانت شىمپەنزىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق باشقۇرۇلىدىغان نىقابىنى ياساپ چىققان. ئەمما رامبالدىنى ھەقىقىي تۈردە كامالەتلىك نامغا ئىگە قىلغىنى يەنىلا ئىلمىي فانتازىيىىك فىلىم «ETتاشقى پىلانت ئادىمى» ئىدى.

 مەزكۇر فىلىمدا، يەرشارىدا قامىلىپ قالغان تاشقى پىلانت كىشىلىرىنى دائىملا يالغۇز يۈرۈيدىغان بىر بالىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ كەتكەنلىكىدەك ئاددى ھېكايە سۆزلەنگەن. گەرچە ئەينى ۋاقىت تېخنىكا تەرەققىي قىلمىغان زامان بولسىمۇ، ئەمما ئىللىقلىق ۋە يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بۇ فىلىمنىڭ كىشى كۆڭلىنى مايىل قىلىشتىكى ئاساسلىق كوزورى بولۇپ قالغان. تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز «ئېسىل» دېگەن سۆزى ھەربىر قەلب ئىگىسىنىڭ يۈرۈگىگە سىڭىپ كىردى. ئىنكار قىلىشقا بولمايغىنى شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا ئاجايىپ كۆپ بېلەت سوممىسى ياراتقان  بۇ فىلىم، تاماشىبىنلارنىڭ فىلىم ئالاھىدە كۆرۈنۈشىگە بولغان چەكسىز قىزىقىشى ۋە ياقتۇرۇشىنى ئىسپاتلاپ بەردى. كىشىلەرمۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئالاھىدە ئۈنۈمنىڭ فىلىم ساھەسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىسلاھاتى ۋە كەلگۈسىنى كۆردى. تا بۈگۈنگە قەدەر «ETتاشقى پىلانت ئادىمى» كۆرگەن كىشىلەردىن يەنە فىلىمدىكى شۇ تاشقى پىلانت كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم بىلەن يارىتىلغان ياكى راست ئادەمنىڭ رول ئالغانلىقىنى سورايدىغانلار بار.

ئەينى زاماندا، ئالاھىدە ئۈنۈمنى تېخى پۈتۈنلەي كومپىيوتېر ئارقىلىق ئېكراندا كۆرسەتكىلى بولمايتتى، بەلكى ئۇنىڭغا كىيىم-كېچەك، جابدۇقلارنىڭ ياردىمى ۋە كۈچەيتىشى لازىم ئىدى، ئارتىسلار ئالاھىدە ياسالغان «ھايۋان تېرىسى»نى كىيىپ، نىقابنى تاقاپ رول ئالاتتى. رامبالدى پولات ماتېرىياللار، پولىئورېتان، كاۋچۇك، گىدراۋلىك بېسىم ۋە ئېلىكتىرونلۇق باشقۇرۇش سېستىمىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، كۆزلىرى پولتىيىپ چىققان ۋە تېرىلىرى چاك-چاك يېرىلغان بەدبەشىرە، غەيرى شەكىللىك تاشقى پىلانت جانلىقلىرىنى ياساپ چىقاتتى. بۇ تاشقى پىلانت جانلىقلىرى 150 خىل ھەرىكەتلەرنى مەسىلەن، بۇرنىنى پۈرۈشتۈرۈش، قوشۇمىسىنى تۈرۈش، بوينىنى سوزۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى مۇستەقىل ئىشلىيەلەيتتى. ئۇ ئۈچ يۈرۈش ماشىنا ئادەم ئۈسكۈنىسى ۋە ئىككى يۈرۈش ئالاھىدە كىيىم ياساپ چىقىپ، تاشقى پىلانت كىشىلىرىنى تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىدا ئېكران ئارقىلىق يۈز كۆرۈشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن «ETئاتىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

«كارلو رامبالدى ETنىڭ جېپپېتتوسى (ياغاچ قونچاق پېنىكونى ياسىغان قېرى ياغاچچى).» سىپەيل بەرگ ئۆزىنىڭ يېقىن سەپدىشى، ھەمكاردىشىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مانا شۇنداق دېدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ رامبالدىنىڭ تالانتى ۋە ئىقتىدارىغا قول قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىتالىيىلىك رېژېسسور پاپى ئاۋات بولسا: «ئۇ خۇددى كىچىك بالىغىلا ئوخشايتتى، ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ ئۇيۇنچۇقلىرى بىلەنلا ھەپىلىشەتتى.» دىگەن.

كارلو رامبالدىئالاھىدە ئۈنۈم ئۇستىلىرى پەن-تېخنىكىغا قىزىقىشى كېرەك ئىدى، ئەمما رامبالدى بولسا يۈزدە-يۈز «كونىلىق تەرەپدارى» ئىدى.ھەرگىزمۇ كومپىيوتېر ئارقىلىق فىلىم ئالاھىدە ئۈنۈمىنى ئىشلەيدىغان زاماننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمغان. «بارلىق سېھرىيلىككە تولغان تۇيغۇلارنىڭ ھەممىسى يوق بولدى، خۇددى سېھرىگەر تاماشىبىنلارغا ئۆزىنىڭ سېھىرگەرلىك مەخپىيىتىنى ئېچىپ بەرگەندەك.»

رامبالدى ئېكراندىكى ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان غەلىتە مەخلۇقلارنى لايىھىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ھەر تۈردىكى جانلىقلارمۇ ئۇنىڭغا ئىلھام ئېلىپ كېلەلەيتتى. ئۇنىڭ ياغاچ ھەيكەل، ئاپتوماتىك ماشىنىلار ۋە ئېلىكترونلۇق قۇرۇلۇش تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە نىسبەتەن. ئىنتايىن مول تەجرىبىسى بار بولۇپ، ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىدىكى ئېكران يۈزىگە ئاز بولمىغان غارايىباتلارنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارنى ئەركىن ھەرىكەت قىلدۇرغان.

«ETتاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ ئۇتۇقى بىزگە شۇنى چۈشەندۈردىكى، مارلون بىراندو ياكى جون تىررىۋولتالار ئىلگىرى قانچىلىك مۇھىم بولغان بولسۇن، ئۇلار ھازىر تارىخقا ئايلاندى.» رامبالدى ئەينى ۋاقىتتا ئاخبارات ۋاستىلىرىگە شۇنداق دېگەن ئىدى «مۇبادا ئالاھىدە ئۈنۈمنى ئىنتايىن ياخشى قىلالىغاندا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ماشىنا ئارقىلىق ياسالغانلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەستىن بەلىكى، ئۇلارنىڭ ھېكايە سيۇژېتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ.» گەرچە رامبالدى سەھنە ئارقىسىدىكى بارلىق مەخپىيەتلىكلەرنى ئېنىق چۈشەنسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا فىلىمنىڭ سېھرىي كۈچىگە مەپتۇن بولۇپ قالاتتى. «فىلىم پۈتۈپ قويۇلغاندا، مەن ۋەقەلىكتىن تەسىرلىنىپ ياش تۆككىلى ئازلا قالاتتىم.»[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#