قارا پارپا

قارا پاپا

قارا پارپا  بولسا ئۆسۈملۈك جەدۋار ھىندىنىڭ يىلتىزىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، ئىششىق قايتۇرۇش، مېڭىنى قۇۋەتلەش ۋە تېنچلاندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى قارا پارپا
ئەرەبچە نامى جەدۋار ھندى
ئىنگلىزچە Forkig larkspur
جىسمى ۋەزنى ئېغىر، ئازراق قاتتىق
تەبىئىتى ئۈچۈنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 飞燕草
پارسچە نامى جەدۋارھىندى-ماھى پەرۋىن
ئوردۇچە نامى جەدۋارھىندى-نەربىس
تەمى ئاچچىق-چۈچۈك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا پاپا بولسا ئېيىق تاپانلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غۇللۇق ئۆسۈملۈك جەدۋار ھىندىنىڭ يىلتىزىدىن ئىبارەت..ئەسـلى ئۆسۈملىكى جەدىۋار (schur Consolida ajacis(L.)) بولۇپ مۇشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى جەدىۋار ھىندى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. شەكلى يۈرەك شەكىللىك،چوڭلۇقى قول بارمىقىچىلىك،. سىرتى قارا، ئىچى كۆكۈش، سىرتقى يۈزى قوتۇر بولىدۇ. سۇندۇرسا ئىچى تەرىپى بىنەپشە رەڭ كۆرۈنـىدۇ. سوقسـا رەڭـگـى كۆكۈش رەڭـگە كىـرىدۇ. تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ،ۋەزنى ئېغىر، ئازراق قاتتىق،مېۋىسى پىشقاندا ئۆسۈملۈكىنىكولاپ ئېلىپ يىلتىزىنى ئايرىپ يېغۋىلىنىدۇ.ياۋرۇپا قىتئەسى، نىپال قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ . ھازىر ئېلىمىزدىمۇ ئۆستۈرىلىدۇ . 

پەي مۇسكۇللارنى، بالياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سوغۇقلۇقنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق قايتۇرۇش، مېڭىنى قۇۋەتلەش ۋە تېنچلاندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

پەي،مۇسكۇل ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، ئۇلاردىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئەكىس تەسىرى

ئىسىسق مىزاج كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ .ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

مايلىق يېغى  قۇرۇت ئۆلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە. يۇپۇرماق، ئۇرۇقى تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇرۇقنىڭ زەھەرلىك تەسىرى بىر قەدەر يۇقىرى. ھايۋانلار قاراپارپىدىن زەھەرلەنگەندە قەدەم ئېلىشى قىيىنلىشىدۇ، تومۇر سوقۇشى، نەپەس ئېلىشى قېيىنلىشىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىرلىرىدا پەي مۇسكۇل تارتىشىش، ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىش، ئاخىرىدا نەپەس يېتىشمەي ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

قارا پاپاورۇقى تەركىبىدە بىئولوگىيلىك ئىشقارى تەخمىنەن %1، ياغدىن %39 بار. بىئولوگـىيىلـىك ئىشـقار  ئاجـاسـىـن (Ajacine) ، دېلكوسـىن (Delcosine) ، دېلـسولـىـن (delsoline) ، ئىـلاتـىـن (Elatine) قـاتـارلىـقلارمـۇ بار . بۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە يەنە زېرىئا ، دىلفىن (Delphin) قاتارلىقلارمۇ بار.

1.قارا پارپىنى يۇمغاقسۈت سۈيىدە سۈرۈپ، سىرتىدىن زىماد قىلسا، بادامسىمان بەز ياللۇغى، چۇما، قولتۇق بېزى يالۇغى، چاشقان يارىسىغا شىپا بولىدۇ.

2.قارا پارپىدىن 3 گرام ئېلىپ 100 گرام ماددەتۇل ھاياتقا قوشۇپ ئىستېمال قىلسا پالەچ، لەقۋا، سەرئى كېسەللىرىگە شىپا قىلىدۇ .

3.قارا پارپىنى سىركىگە سۈرۈپ يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلسا ھاشارەتلەرنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ .

4.قارا پارپىنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ  سۇپۇپ قىلىپ ئەرىقى گۈل بىلەن ئىستىمال قىلىپ بەرسە دورىلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.

5.قارا پارپىنى مۇسەللەس بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ . يۈرەك تىتىرەشنى يوقىتىدۇ .

6.قارا پارپىنى مۇئاپىق مىقتاردا ئېلىپ سۆرىنجان بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە مۇپاسسىلغا شىپا بولىدۇ .

7.قارا پارپىنى سىركەنجبىل بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى پارچىلايدۇ.

دورىلىق ئورنى

يىلتىزى

مىقدارى

0.5 ~1 گرامغىچە

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

يېڭى سۈت،  ئارپا سۈيى، سىركە.

ئۇرۇنباسارى

ئاق پارپا ، زورونبات

ھەبىبى جەدۋار

سەرئى، پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، ئىستىرخا، تىتىرگەك، ئومۇمىي بەدەن بوشۇشۇپ كېتىش، چاشقان يارىسى(خانارىز)، بادامسىمان بەز ياللۇغى، نەزلە، زۇكام، قان بۇزۇلۇش، زەھەرلىنىشلەر،بەرەس، بەھەق، ۋابا كىسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

 كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=322

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#