ئېمما ۋوتسون

ئېمما ۋوتسون، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى فرانسىيە پارىژدا تۇغۇلغان. ئەنگلىيە لىك ئاكتىيور، ئارتىس.

«خارى پوتتېر» فىلىمىدە خېرماينى گېرانجىر رولىنى ئېلىپ 9 يېشىدىلا پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان بالا چولپانغا ئايلانغان. 17 يېشىدا كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئايال ئارتىس بولۇپ باھالانغان ھەمدە جىننىس قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. ئېمما ۋوتسون نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭ ئەلاچى سىھرىگەر خېرماينى گېرانجىر. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ب د ت ئاياللار ھېسداشلىق ئەلچىسى، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئېمما ۋوتسون
باشقا نامى Emma Watson
يۇرتى فرانسىيە پارىژ
يۇلتۇز تۈركۈمى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 51kg
خەنزۇچە ئاتىلىشى 艾玛·沃特森
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1990-4-15
بوي ئېگىزلىكى 165cm
قان تىپى A تىپلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېمما ۋوتسون پارىژدا تۇغۇلۇپ، 5 ياشقىچە پارىژدا تۇرغان، ئاتا-ئانىسى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئادۋوكات، 5 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ مىجەزى كېلىشەلمىگنلىكتىن ئاجرىشىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئېمما ئىنىسى ئالىكساندىر ۋوتسون بىلەن ئىككىسى دادىسى بىلەن بىللە لوندون دا تۇرغان.

1995-يىلى9-ئايدا، 5 ياشلىق ئېمما Lynams School مەكتىپىگە كىرگەن. 1998-يىلى 9-ئايدا، 8 ياشلىق ئېمما ئوكسفوردتىكى Dragon Schoo مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ھەمدە بۇ يەردە 5 يىللىق مەكتەپ ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن. مەكتەپتىكى داراممىدا ئۇ دائىم باش رول ئالغان. 7 ياشقا كىرگەندە ئېمما مەكتەپتىكى بىر قېتىملىق  پائالىيەتتە James Reeves نىڭ «دېڭىز» ناملىق شىئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، Daisy Pratt شىئر مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2006-يىلى، ئېمما GCSE ئېمتىھانىدا ئون تۈر ئىچىدە 8 تۈردە A+، 2 تۈردە Aگە ئېرىشكەن.

1999-يىلى، 9 ياشلىق ئېمما «خارى پوتتېر» سىناق كۆرۈنۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

2000-يىلى 8-ئايدا، 10 ياشلىق ئېمما 8 باسقۇچلۇق سىناق كۆرۈنۈشتىن كېيىن، خېرماينى  گېرانجىر رولىنى ئېلىشقا تاللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئون يىللىق خارى پوتتېر ھاياتىنى باشلايدۇ.

كېيىنكى ئون يىل داۋامىدا 8 بۆلۈم خارى پوتتېر فىلىمىنى ئىشلىگەن.

ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىلى تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولغان ئېكراندىكى دوستى، خارى پوتتېر مەستانىلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئەلاچى خېرماينى گېرانجىر.

2001-يىلى قويۇلغان «خارى پوتېر ۋە سىھىرلىك تاش» فىلىمى ئېمما رول ئالغان تۇنجى فىلىم ھېسابلىنىدۇ، ئېممانىڭ بۇ فىلىمدىكى ئوبرازى 5 تۈرلۈك مۇكاپاتتا نامى ئاتالغان ھەمدە ياش-ئۆسمۈر ئايال ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2007-يىلى «خارى پوتتېر»نىڭ 5-بۆلۈم فىلىمى «خارى پوتتېر ۋە سۇمرۇغ تەشكىلاتى» قويۇلغاندا، تۇنجى ھەپتىسى332.7 مىليون يۈەن ئامېرىكا دوللىرى تېپىپ  رېكورت ياراتقان.

ئېمما مۇشۇ يىلى ئەنگلىيە دۆلەتلىك كىنىو مۇكاپاتى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

شۇ يىلى 9-ئىيۇلدا، ئېمما ۋوتسون خارى پوتېر فىلىمىدىكى باشقا ئىككى رولدەننىل كىروف ۋە روبىت گىرىت بىلەن بىرلىكتە ھوللىۋود جۇڭگو تىياتىرخانىسى ئالدىدا ئۆزىنىڭ قول ئىزى، پۇت ئىزى ۋە سىھىرلىك تاياق ئىزىنى قالدۇرغان.

يەنە شۇ يىلى ئېمما ۋوتسون خارى پوتېر فىلىمىدىن سىرت تۇنجى رول BBC ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە فىلىمى «بالىت ئايىغى»فىلىمىدە باش رول بولىننىڭ رولىنى ئالغان.

2008-يىلى ئېمما تۇنجى قېتىم كارتون فىلىمگە ئاۋاز بەردى. ئۇ يەرشارى كىنوچىلىقى ئىشلىگەن «رومانتىك چاشقان» فىلىمىدە مەلىكىگە ئاۋاز بەرگەن.

2009-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئېمما ۋوتسون مۇكاپات تارقاتقۇچى سۈپىتىدە ئەنگلىيە كىنو ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئېمما شۇ يىلى ئەلا نەتىجگە straight A بىلەن ئامېرىكابۇران ئۇنىۋېرسىتېتى، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، كېيىن ئۇ بۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللايدۇ.

2011-يىلى ئېمما ۋوتسون 13-نۆۋەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر تاللاش مۇكاپاتى ئەڭ مۇنەۋۋەر فانتازىيە فىلىمى ئايال ئاكتيور ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر يازلىق كىنودىكى ئايال چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

4-ئايدا بۇران ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بىر يىل ئوقۇشتىن توختىغان.

7-ئايدا  نيۇيوركتا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئېمما ۋوتسون باش رول ئالغان «تىڭىرقىغان ياشلار فىلىمى تورۇنتو كىنوبايرىمدا قويۇلغان.

2013-يىلى 3-ئايدا ئېمما ۋوتسون «ساھىپجامال ۋە غەلىتە مەخلۇق» فىلىمىدە ئايال باش رول ئالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېمما ئۆزى باش رول ئالغان «زىبۇ-زىننەت ئوغرىسى» فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆزى باش رول ئالغان «پارقىراق ئۈزۈك» فىلىمى قويۇلدى. 3-سېنتەبىردە، ئېمما 2013GQ ئەرلەر مۇكاپاتى قىزىل گىلەمئۈستىدە پەيدا بولدى. 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئېمما ئەنگلىيەدە چىقىدىغان « GQ» ژۇرنىلىنىڭباش مۇقاۋىسىغا چىققان.

2013-يىلى «نوھ كېمىسى» فىلىمىدە رول ئالغان.

2014-يىلى 12-يانۋاردا،71-نۆۋەتلىك ئامېرىكا كىنو-تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

شۇ يىلى 2-مارتكەچتە، 86-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، «يەر شارى تارتىش كۈچى» فىلىمىگە ئەڭ مۇنەۋۋەر كۆرۈش سېزىمى مۇكاپاتىنى تارقاتقان.

2015-يىلى 1-ئايدا ئېمما ۋوتسون دىسنىي ئىشلىگەن «ساھىپجامال ۋە غەلىتە مەخلۇق» فىلىمىدە رول ئالغان. بۇ فىلىم 2017-يىلى 3-ئايدا پۈتۈن دۇنيادا قويۇلىدۇ.

ئېمما ۋوتسون «خارى پوتتېر» فىلىمىدىلا ئەمەس ئەمەلىيەتتىمۇ بىر ئەلاچى ئوقۇغۇچى، كىتابخۇمار. شۇفىلىمدىكى باش رول ئىچىدە بىردىنبىر «خارى پوتتېر»نىڭ كىتابىنى تولۇق ئوقۇغان ئاكتيور. 3-بۆلۈمنى ئىشلەۋاتقاندا رىژېسسور ئۈچ باش رولنى ئۆز رولى توغرىسىداچۈشەنچىسىنى يېزىشنى بۇيرىغاندا، پەقەت ئېمما ۋوتسون 20 نەچچە بەتلىك ماقالە تاپشۇرغان. شۇنداقلا شۇ فىلىمدىكى رول ئېلىش بىلەن ئوقۇشنى تەڭ ئېلىپ بارغان، ئوقۇش نەتىجىسى A+ بولغان  بىردىنبىر بالا . ھەتتا شۇ فىلىمنى ئىشلەتكە قاتناشقان قۇرداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرگەن.

2014-يىلى،2015-يىلى، 2016-يىلى ئۇدا ئۈچ يىل تاراتقۇلار تەرىپىدىن تاللاپ چىقىلغان «ئەڭ گۈزەل 100 چىراي» تىزىملىكىگە كىرگەن.

ئەنگلىيە خان جەمەتىدىكى خالى شاھزادە ئېمما ۋوتسوننى قوغلاشقان، بىراق ئېمما ۋوتسون رەت قىلغان. ھەمدە تىۋىتىردا «مەلىكە بولۇش ئۈچۈن چوقۇم شاھزادىگە تېگىش زۆرۈر ئەمەس» دېگەن.

ئېمما ۋوتسون، فىرانسىيە ساخاۋەت مۇھىت ئاسراش كىيىم-كېچەك ماركىسى «PeopleTree» بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىجادىيەت مەسلىھەتچىسى  سالاھىيىتى بىلەن 2010-يىللىق ئەتىيازلىق يۈرۈشلۈكلىرىنى لايىھەلىگەن.

2014-يىلى 20-سېنتەبىردە، ئېمما ۋوتسون نىيۇيوركتا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى He For She ھەرىكىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 10 مىنۇتلۇق لېكسىيە سۆزلەپ،ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان.

2014-يىلى 2-دېكابىر، ئېمما ۋوتسون «ب د ت ئاياللار ھېسداشلىق ئەلچىسى» بولۇپ، «ELLE» مۇقاۋىسىغا چىقىپ، ئاياللار ھوقۇقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسنى چۈشەندۈرگەن.

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېمما ۋوتسون ب د ت ئاياللار ھېسداشلىق ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىبىلەن داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىپ CEO لارغا ئاياللار ھوقۇقىنى چۈشەندۈرگەن.

2016-يىلى 2-ئايدا،ئېمما ۋوتسون مېترودا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلغان.

ئېمما ۋوتسون «خارى پوتتېر» ھاياتىنى باشلىغاندا ئەمدىلا 9 ياشلىق قىز ئىدى، 11 يىلغا سوزۇلغان فىلىم ئاخىرلاشقاندا مودا ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپانغا ئايلاندى. 9 ياشلىق ئوماق قىزچاقتىن ئەقىلنى لال قىلغۇدەك ساھىپجامالغا ئايلاندى. بىراق ئۇ نام-ئوبروي ۋە چولپانلىق يولىغا بېرىلمەي، ئوقۇشنى تاللىدى ھەمدە ئالىي مەكتەپتە ئەنگلىيە كىلاسسىك ئەدەبىيات كەسپىنى ئۆگەندى. خېرماينى گېرانجىر نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئەسلىمىسىگە ئايلاندى، ئېمما ۋوتسون ئاياللىق لاتاپىتى، نازاكىتى، گۈزەل ھۆسن-جامالى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەبۇدىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرق مۇساپىرلىرى توغرىسىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ئۇنىڭ يالغۇز گۈزەل ھۆسنىگە ئىگە ساھىپجامال چولپانلا ئەمەس، بەلكى پەرىشتىدەك ئاقكۆڭۈل، قەتئىي ئىرادىلىك پەرى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

خارى پوتتېر ۋە مەخپىي ئۆي (哈利波特与密室)

ئالغان رولى : خېرماينى 

گېرانجىر

خارې پوتتېر ۋە كىمىيا  (哈利波特1:魔法石)

ئالغان رولى : خېرماينى گېرانجىر

خارى پوتتېر ۋە يالقۇنلۇق لوڭقا

) 哈利波特与火焰杯(

 ئالغان رولى  : خېرماينى گېرانجىر

 خارى پوتتېر ۋە ئازكابان  جىنايەتچىسى ( 阿兹卡班的囚徒)

ئالغان رولى : خېرماينى گېرانجىر

خارى پوتتېر ۋە ئارغۇن شاھزادە

( 哈利波特与混血王子)

ئالغان رولى : خېرماينى گېرانجىر

 خارى پوتتېر ۋە سۇمرۇغ تەشكىلاتى

( 哈利波特与凤凰社)

ئالغان رولى : خېرماينى گېرانجىر

 خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى

(哈利·波特与死亡圣器)

ئالغان رولى : خېرماينى گېرانجىر

خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى

(哈利·波特与死亡圣器 )

ئالغان رولى  : خېرماينى گېرانجىر

زىبۇ-زىننەت ئوغرىسى  (珠光宝气)

ئالغان رولى : نىكى

تېڭىرقىغان ياشلار  (壁花少年)

ئالغان رولى : سام

خاتىرىسىنى ئىزدەش (

回到从前)

ئالغان رولى : ئانجىلا گراي

نوھ كېمىسى (诺亚方舟:创世之旅)

ئالغان رولى : للا

مۇستەملىكە جاي (尊严殖民地)

ئالغان رولى : لېنا

چەمبەر (圆圈)

ئالغان رولى :

 

 

ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق (美女与野兽)

ئالغان رولى : بىللا

ئېمما رول ئالغان فىلىملەر 

 

 

 

 

 

 

 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (9 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    77.8%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    11.1%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    11.1%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#