ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشنى باھالاش ئۆلچىمى

ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشنى باھالاش ئۆلچىمى

ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشنى باھالاش ئۆلچىمى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، ئالىې خەلق سوت مەھكىمسى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمسى، جامائەت خەۋپسزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ 070-نۇمۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى بىلەن 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشنى باھالاش ئۆلچىمى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى
خەنزۇچە نامى 人体重伤鉴定标准

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب  ئومۇمىي  پىرىنسىپ

1-ماددا  بۇ با ھالاش  ئۆلچىىمى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىنڭ جىنايى ئشلار قانۇنى »نىڭ 85 – ماددىسىدىكى بەلگلمىسىگە ئاساسەن، دوختۇرلۇق ئىلىمى ۋە قانۇن دوختۇرلۇق ئىلىمى نەزەرىيسى ۋە تېخنىكىسنى ئاساس قىلىپ، ئېلمىزنىڭ دېلولارنى قانۇن دوختۇرلۇقى  بويىچە تەكشۈرۈش جەھەتتىكى ئەمەلىيي  تەجىرىبسىگە  بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا، ئېغىر زەخىملىنىشىنى باھالاشنى ئىلمىي ئاساس ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئۆلچەم بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن تۈزۈلدى.

2-ماددا   ئېغىر زەخىملىنىش دېگەندە، ئادەم مۇچىلىرىنى مېيىپ قىلىندىغان، چىرايىنى پۇزىۋېتىدىغان، ئاڭلاش، كۆرۈش سېزىمىنى يوقىتىدىغان، باشقا ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقتىدىغان ياكى تەن سالامەتلىكىنى زور دەرىجىدە زەخملەندۈرگەن باشقا زەخملىنىشلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  

3-ماددا  زەخىملىنىشنىڭ دەرىجىسىنى باھالاشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىييەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كونكېرىت زەخىملىنىش ئەھۋالىنى كونكىرېت تەھلىل قىلىش كېرەك.  

زەخىملىنىش دەرىجىسى زەخملەنگەن ۋاقتتىكى بىرلەمچى ئۆزگىرىش، زەخىملىنىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەر ھەمدە زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئاسارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  باھالاشتا، ئادەمنىڭ زەخملەنگەن ۋاقتتىكى زەخىملىنىش ئەھۋالى ۋە زەخىملەنگەندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ياكى نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ باھالاپ بېكىتىش كېرەك. 

4-ماددا  زەخىملنىش دەرىجىسىنى باھالايدىغان باھالىغۇچىلىقنى قانۇن دوختۇرى ياكى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە باھالاش سالاھىيتىگە ئىگە خادىملار ئۈستىگە ئالىدۇ؛ئەدلىيە ئورگانلىرى ھاۋالە قىلغان ياكى تەكىلىپ قىلغان باش ۋىراچتىن يۇقىرى خادىملار ئۈستىگە ئالىسىمۇ بولىدۇ. باھالاش ئېلىپ بېرىشتا، باھالىغۇچى زەخىملەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك دېلو ئەھۋالىنى ئوقۇشقا، دېلونى كېسەللىك تارىخىي ئارخىپىنى ئالىدۇرۇپ كۆرۈشكە ۋە نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ماسلىشش مەسئۇلىيىتى بار.  باھالىغۇچى قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، دېلونىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك. 

5-ماددا   زەخىملنىش دەرىجىسىنى باھالاش ئىشى ھۆكۈم چىقىرىلىشتىن بۇرۇن ئاياغلىششى كېرەك. 

2-باب  مۇچىلەرنىڭ مېيىپ بولۇشى

6-ماددا   مۈچىلەرنىڭ مېيىپ بولۇشى دېگەندە، ھەرخىل زەخىملەندۈرۈش ئامىللىرى تۈپەيلىدىن، مۈچىلەرنىڭ كەمتۈك بولۇپ قېلىش ياكى مۈچىلەرنىڭ تولۇق بولسىمۇ، ئىقتىدارىنى يوقىتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

7-ماددا  مۈچىلەرنىڭ كەمتۈك بولۇپ قېلىشى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى كۆرسىتىدۇ:

(1) ئوڭ ياكى سول قولنىڭ باش بارمىقىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قالغان يېرى، بارماق ئارىسى بوغۇمدىن ئېشىپ كېتىش؛

(2) بىر قولنىڭ باش بارمىقىدىن باشقا، قالغان ئۈچ بارمىقىدىن ھەر قاندىقىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قالغان يېرى، يېنىدىكى بارماق ئارىسى بوغۇمدىن ئېشىپ كېتىشى ياكى ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقىدىن باشقا، قالغان تۆت بارمىقىدىن ھەر قاندىقىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قالغان يېرى يېنىدىكى بارماق ئارىسى بوغۇمدىن ئېشىپ كېتىش؛

(3) ھەرقانداق ئىككى بارماق ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش ئالقان سۆڭەكلىرى كەمتۈك بولۇپ قېلىش؛

(4) بىر پۇتىنىڭ %50ى ياكى تاپىنىنىڭ %50ى كەمتۈك بولۇپ قېلىش؛

(5) بىر پۇتىنىڭ بىرىنچى بارمىقى ۋە قالغان ھەر قانداق ئىككى بارمىقى ياكى بىر پۇتىنىڭ بىرىنچى بارمىقىدىن باشقا قالغان تۆت بارمىقى كەمتۈك بولۇپ قېلىش؛

(6) ئىككى پۇتىنىڭ بەشتىن ئارتۇق بارمىقى كەمتۈك بولۇپ قېلىش؛

(7) ھەرقانداق بىر پۇتىنىڭ بىرىنچى بارمىقى ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش تاپان سۆڭىكى كەمتۈك بولۇپ قېلىش؛

(8)بىر پۇتىنىڭ بىرىنچى بارمىقىدىن قالغان باشقا ھەر قانداق ئۈچ بارمىقى ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش تاپان سۆڭىكى كەمتۈك بولۇپ قېلىش؛

8-ماددا   مۈچىلەر تولۇق بولسىمۇ، ئىقتىدارىنى يوقاتقان دېگەندە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 

(1) يەلكە بوغۇمى قېتىۋېلىپ، غەيرى شەكىلگە كىرىپ قېلىش ياكى يەلكە بوغۇمى پائالىيىتىنىڭ %50ى يوقۇلۇش

(2) يەلكە بوغۇمىنىڭ ھەركىتى تۈز تۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ، ھەرىكەت دائىرىسى 90 گىرادۇستىن كىچىك بولۇش ياكى ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدىغان ئورنى بىلەنلا چەكلىنىپ، ھەرىكەت دائىرىسى 10گىرادۇستىن كىچىك بولۇش؛

(3) يۇقىرىقى بىلەك سۆڭىكى سۇنۇپ قوشۇمچە ساختا بوغۇم پەيدا بولۇش، غەيرى شەكىلدە ساقايغانلىقتىن، يۇقىرى مۈچىلىنىڭ ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىش؛

(4) بىلەك سۆڭىكى سۇنۇپ، غەيرى شەكىلدە ساقىيىپ، ئالدى ياكى كەينىگە تولغاشقان ھالەتتە قېتىپ قېلىش؛

(5) بىلەك سۆڭىكى سۇنغانلىقتىن، بىلەيزۈك بىلەن ئالقان ياكى قول بارمىقىنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش؛

(6) بىلەكنىڭ يۇمشاق توقۇلمىلىرى زەخىملەنگەنلىكتىن، بىلەيزۈك بىلەن ئالقان ياكى قول بارمىقىنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش؛

(7) بىلەيزۈك بوغۇمى قېتىپ قېلىش، تارتىشىپ غەيرى شەكىلگە كىرىپ قېلىش، بوغۇمنىڭ پائالىيىتىنى يوقىتىشى%50كە يېتىش؛

(8) ئالقان، بارماق سۆڭىكى سۇنغانلىقتىن، قول بارمىقىنىڭ ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، بارماقنى جۈپلىيەلمەيدىغان ۋە نەرسە تۇتالمايدىغان بولۇپ قېلىش؛ 

(9) بىر قولنىڭ باش بارمىقى تارتىشىپ غەيرىي شەكىلگەن كىرىپ قالغانلىقتىن، بارمىقىنى جۈپلىيەلمەيدىغان ۋە نەرسە تۇتالمايدىغان بولۇپ قېلىش؛ 

(10) بىر قولنىڭ باش بارمىقىدىن باشقا قالغان ھەر قانداق ئۈچ بارمىقى تارتىشىپ غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قېلىپ، بارمىقىنى جۈپلىيەلمەيدىغان ۋە نەرسە تۇتالمايدىغان بولۇپ قېلىش؛ 

(11) يانپاش بوغۇمى قېتىپ قېلىش، تارتىشىپ غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قېلىش ياكى بوغۇمىنىڭ پائالىيىتىنى يوقىتىشى%50كە يېتىش؛ 

(12) تىز بوغۇمى قېتىپ قېلىش، تارتىشىپ غەيرىي شەكىلدە ئېگىلىپ قېلىش ياكى بوغۇمنىڭ پائالىيىتىنى يوقىتىشى 30گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىش ۋە ياكى پائالىيىتىنى يوقىتىش%50كە يېتىش؛

(13) تىز بوغۇمىدىن ھەر قاندىقىنىڭ كىرىس تارىمۇشى زەخىملىنىپ، ئايلىنىشى تۇراقسىز بولۇش ۋە ئىقتىدارى ئېغىر توسالغا ئۇچراش؛

(14) ئوشۇق بوغۇمى قېتىپ قېلىش، تارتىشىپ غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قېلىش ياكى بوغۇمنىڭ پائالىيىتىنى يوقىتىشى %50كەيېتىش؛ 

(15) ساننىڭ غول سۆڭىكى سۇنۇپ يالغان بوغۇم پەيدا بولۇش، غەيرىي شەكىلدە ساقايغاندىن كېيىن، بەش سانتېمېتىېدىن ئارتۇق قىسقىرىپ كېتىش، غەيرىي تۈسكە كىرىپ ھاسىل قىلغان بۇلۇڭى 30گىراستىن ئېشىپ كېتىش يياكى ئېغىر ھالدا تولغىشىپ غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قېلىش؛

(16) سان ۋە پاقالچاق سۆڭىكى سۇنۇپ ساقايمىغان، سان سۆڭىكى نىكروزلانغان ياكى غەيرىي شەكىلدە ساقايغانلىقتىن، تۆۋەندىكى مۈچىلەرنىڭ ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يېتىش؛ 

(17) يان پاقالچاق سۆڭىكى سۇنۇپ يالغان بوغۇم پەيدا بولۇش، غەيرىي شەكىلدە ساقايغاندىن كېيىن، بەش سانتىمېتىردىن ئارتۇق قىسقىراپ كېتىش، غەيرىي تۈسكە كىرىپ ھاسىل قىلغان بۇلۇڭى 30 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىش ياكى ئېغىر ھالدا تولغىشىپ غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قېلىش؛

(18) پۇت-قولنىڭ ئۇزۇن سۆڭىكى، سان سۆڭىكى (يۇقىرىقى بىلەك سۆڭىكى، يان بىلەك سۆڭىكى، بىلەك سۆڭىكى، سان سۆڭىكى، يان پاقالچاق سۆڭىكى) ئوچۇق، يېپىق سۇنغانلىقتىن، سوزۇلما يىلىك ياللۇغى بولۇش؛ 

(19) مۈچىلەرنىڭ يۇمشاق توقۇلمىلىرى تارتۇق تارتىشىپ قالغانلىقتىن، چوڭ بوغۇملارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈش، بوغۇمنىڭ پائالىيىتىنى يوقىتىشى %50كە يېتىش؛ 

(20) مۈچىلەردىكى مۇھىم نېرۋىلار (يۇقىرىقى بىلەك نېرۋا چىگىشى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم تارماقلىرى، بەل، توققۇز كۆز  چىگىشى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم تارماقلىرى) زەخىملىنىپ، مۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يېتىش؛ 

(21) مۈچىلەردىكى مۇھىم تومۇرلار زەخىملىنىپ، قان ئايلىنىشقا توسالغۇ پەيدا قىلغانلىقتىن، مۈچىلەرنىڭ ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىش.  

3-باب  چىرايىنى بۇزۇۋېتىش

9-ماددا  چىرايىنى نابۇت قىلىش دېگەندە، باشقىلارنىڭ چىرايىنى بۇزۇۋېتىپ، چىراي-شەكلىنىڭ روشەن ھالدا ئۆزگىرىپ كېتىشىگە، سەتلىشىپ كېتىشىگە ياكى ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

10-ماددا  كۆزنى ناكا قىلىش دېگەندە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ 

(1) بىر كۆز ئالمىسىنى كەمتۈك قىلىپ قويۇش ياكى يىگىلىتىپ قويۇش؛

(2) ھەر قانداق بىر تەرەپتىكى قاپىقى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ، كۆز قارچۇقىنى پۈتۈنلەي يېپىۋېلىش؛

(3) قاپىقى زەخىملەنگەنلىكتىن چىرايىغا روشەن ھالدا تەسىر يېتىش؛

(4) بىر كۆز زەخىملەنگەنلىكتىن، بۇرۇن، ياش نەيچىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كېتىش، ئىچكى بۈرجەك تارىمۇشى ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكتىن چىرايىغا تەسىر يېتىش؛ 

(5) بىر كۆزنىڭ چاناق سۆڭىكى سۇنۇپ روشەن ھالدا ئولتۇرۇشۇپ كېتىش.

11 – ماددا  قۇلاق سۇپۇرىسى بۇزۇلۇش دېگەندە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ 

(1) بىر قۇلاق سۇپۇرىسىنىڭ %50ى كەمتۈك بولۇپ قېلىش ياكى ئىككى قۇلاق سۇپۇرىسىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قالغان يېرىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى بىر قۇلاقنىڭ %60تىن ئېشىپ كېتىش؛

(2) قۇلاق سۇپىرىسى زەخىملەنگەنلىكتىن، شەكلى روشەن ھالدا ئۆزگىرىپ كېتىش. 

12 – ماددا  بۇرۇن كەمتۈك بولۇپ قالغان، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ياكى مايماق بولۇپ قالغانلىقتىن، شەكلى روشەن ھالدا ئۆزگىرىپ كېتىش.

13-ماددا كالپۇك زەخىملەنگەنلىكتىن، چىرايى روشەن ھالدا ئۆزگىرىپ كېتىش. 

14-ماددا  مەڭىز سۆڭىكى زەخىملەنگەنلىكتىن، ئېغىزنىڭ ئېچىلىشى (ئاستى-ئۈستى ئۇدۇل چىشىنىڭ بوشلۇق ئارىلىقى) 1.5 سانتىمېتىردىن كچىك بولۇش؛ مەڭىز سۆڭىكى سۇنۇپ، ناتوغرا ئورۇنلىشىپ ساقايغانلىقتىن، چىراي-شەكلى روشەن ھالدا ئۆزگىرىپ كېتىش.  

15 – ماددا  يۇقىرى ياكى تۆۋەن ئېڭەك سۆڭىكى ۋە چېكە، ئېڭەك بوغۇمى بۇزۇلۇش دېگەندە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛

(1) يۇقىرى ياكى تۆۋەن ئېڭەك سۆڭىكى سۇنغانلىقتىن، چىراي-شەكلى روشەن ھالدا ئۆزگىرىپ كېتىش؛

(2) چىش چۈشۈپ كېتىش ياكى يەتتە تالدىن ئارتۇق چىشى سۇنۇپ كېتىش؛

(3) چېكە، ئېڭەك بوغۇمى زەخىملەنگەنلىكتىن، ئېغىز 1.5 سانتىمىتىردىن كىچىك ئېچىلىش ياكى تۆۋەنكى ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ ساق تەرىپى زەخىملەنگەن تەرەپكە قىيپاش بولۇپ قالغانلىقتىن، يۈزىنىڭ تۆۋەنكى قىسىمى روشەن ھالدا غەيرى سىممېترىك بولۇپ قېلىش.

16-ماددا  چىرايىنى بۇزىۋىتىش يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى كۆرسىتىدۇ:

(1) يۈزى زەخىملەنگەنلىكتىن، يۈزىدە روشەن ھالدا بۇردا شەكىللىك تارتۇق قېلىش، بىر تارتۇقنىڭ كۆلىمى تۆت كۋادرات سانتىمېتىردىن چوڭ بولۇش، ئىككى تارتۇقنىڭ بۇردا كۆلىمى يەتتە كۋادرات سانتىمېردىن چوڭ بولۇش، ئۈچتىن ئارتۇق تارتۇقنىڭ بۇردا كۆلىمى توققۇز كۋادرات سانتىمېتىردىن چوڭ بولۇش ياكى روشەن ھالدا چوكاسىمان تارتۇق قېلىش، بىر چوكاسىمان تارتۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش سانتىمېتىردىن ئۇزۇن بولغان، ئىككى چوكاسىمان تارتۇقنى يىغىپ ھېسابلىغاندا، ئۇزۇنلۇقى سەككىز سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن، ئۈچ چوكاسىمان تارتۇقنى يىغىپ ھېسابلىغاندا، ئۇزۇنلۇقى ئون سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، قاپاق، بۇرۇن، كالپۇك، مەڭىز قاتارلىق قىسمى كەمتۈك بولۇپ قېلىش ياكى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش؛ 

(2) يۈز نېرۋىسى زەخملەنگەنلىكتىن، بىر يۈزىنىڭ مۇسكۇللىرىنىڭ كۆپ قىسمى پالەچ بولۇپ قېلىش، قاپاق تولۇق يۇمۇلمايدىغان بولۇپ قېلىش، جاۋغاي مايماق بولۇپ قېلىش؛ 

(3) يۈز زەخىملەنگەنلىكتىن، يۈزىدە يالپاقسىمان ئۇششاق تارتۇق قېلىش، ۋە روشەن ھالدا پېگمېنىت ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ياكى پېگمېنىت ئازىيىپ كېتىش، ئۇنىڭ دائىرسى يۈز قىسمىنىڭ %30گە يېتىش؛

(4) يۈز ۋە بويۇن قىسمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىككىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى كۆيۈپ زەخىملەنگەندىن كېيىن، تارتۇق بولۇپ تارتىشىپ قېلىپ، چىرايىغا روشەن ھالدا تەسىر يېتىش ياكى بويۇن ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش.

4-باب   ئاڭلاش سېزىمىنى يوقىتىش

17-ماددا زەخىملەنگەندىن كېيىن بىر قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش كۈچى 91 دېستىبىلدىن يۇقىرى ئاجىزلىشىپ كېتىش. 

18-ماددا  زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئىككى قۇلاقنىڭ ئاڭلاش كۈچى   60 دېستىبىلدىن يۇقىرى ئاجىزلاپ كېتىش.

5-باب  كۆرۈش سېزىمىنى يوقىتىش

19-ماددا  خىلمۇخىل زەخىملىنىشلەر تۈپەيلىدىن، كۆرۈش سىزىمىنى يوقىتىش دېگەندە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛

(1) زەخىملەنگەندىن كېيىن بىركۆزى قارىغۇ بولۇپ قېلىش، 

(2) زەخىملەنگەندىن كېيىن ئىككىلا كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش، جۈملىدىن بىر كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ 2-دەرىجىگە چۈشۈپ قېلىش.  

20-ماددا  كۆزى زەخىملەنگەن ياكى مېڭىسى زەخىملەنگەنلىكتىن، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈك (كۆرۈش دائىرىسىنىڭ دىئامېترى 10گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇش) بولۇپ قېلىش.

6-باب   باشقا ئەزالار ئىقتىدارىنى يوقىتىش

21-ماددا  باشقا ئەزالار ئىقتىدارىنى يوقىتىش دېگەندە، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمىدىن سىرىت، باشقا ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىشى ياكى ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  باشقا ماددىلاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىدە، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.  $ d-C; C! W# S7 L5 k9 m-d) p

22-ماددا  كۆزى ياكى مېڭىسى زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قوش كۆرۈش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈش.  

23-ماددا  يۇقىرى ياكى تۆۋەن ئېڭەك سۆڭىكى سۇنغان ياكى ئېغىز بوشلۇقى توقۇلمىلىرى، ئەزالىرى زەخىملەنگەن (تىلى زەخىملنىش قاتارلىقلار) سۆزلەش، چايناش ياكى يۇتۇش ئىقتىدارى روشەن ھالدا توسالغۇغا ئۇچراش. 

24-ماددا  كېكىردىكى زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان، ئۈنى چىقماسلىق، ئۈنى ئېغىر دەرىجىدە پۈتۈپ قېلىش ئەھۋالى پەيدا بولۇش. 

25-ماددا  يۇتقۇنچىقى، قىزىلئۆڭگىچى زەخىملنىپ تارتۇق بولۇپ قېلىپ، تارىيىپ كەتكەنلىكتىن يۇتۇشى قىيىنلىشش. 

26-ماددا  بۇرنى، يۇتقۇنچى، كېكىردىكى زەخىملنىپ تارتۇق بولۇپ قېلىپ تارىيىپ كەتكەنلىكتىن، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشش. 

27-ماددا  ئاياللارنىڭ ئىككى ئەمچىكى زەخىملەنگەنلىكتىن، ئېمىتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىش.

28-ماددا  بۆرەك زەخىملىنىپ ئەگەشمە بۆرەك مەنبەلىك قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش ياكى بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش.  

29-ماددا  سۈيدۈك نەيچىسى زەخىملىنىپ تارىيىپ كەتكەنلىكتىن، بۆرەك سۇ يىغىلىۋالالمايدىغان بولۇپ قېلىش، بۆرەك ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش.  

30-ماددا  سۈيدۈك يولى زەخىملىنىپ تارىيىپ كەتكەنلىكتىن، سىيىش قېيىنلىشىش، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش.

31-ماددا  سوڭ يولى زەخىملەنگەنلىكتىن چوڭ تەرەتنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قېلىش ياكى سوڭ يولى ئېغىر دەرىجىدە تارىيىپ كېتىش. 

32-ماددا  داس سۆڭكى سۇنغانلىقتىن، داس سۆڭەك بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش.

33-ماددا   بالىياتقۇ، قوشۇمچە ئەزالار زەخىملەنگەندىن كېيىنكى مەزگىلدە ئىچكى جىنسىي ئەزاسى كىچىكلەپ كېتىش ياكى جىنسىي ئەزانىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىش. 

34-ماددا  جىنسىي يولى زەخىملىنىپ ئەتراپتىكى ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاقما پەيدا قىلغان ياكى تارتۇق قالغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش. 

35-ماددا  زەكەر زەخىملەنگەندىن كېيىن كەمتۈك بولۇپ قىلىش تۈپەيلى، زەكەرنىڭ جىددى قىسقىراش سەۋەبىدىن ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش.

36-ماددا  ئۇرۇقدان ياكى ئۇرۇق نەيچىسى زەخىملەنگەنلىكتىن، جىنسىي ئەزا ئىقتىدارى يوقىتىش. 

7-باب  ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئېغىر زەخىملىنىشلەر

37-ماددا  ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئېغىر زەخىملىنىشلەر دېگەندە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىر نەچچە خىل ئېغىر زەخىملىنىشتىن سىرتى، زەخىملەنگەندە ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى زەخىملىنىش جەريانىدا، ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر ھەمدە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا زەخىملىنىشلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  

1-پاراگراف باش، مېڭە زەخىملىنىش

38-ماددا  باش تېرىسىنىڭ يېرىلغان يېرى باش تېرىسىنىڭ %25گە يېتىش ھەمدە ئەگەشمە قانسىراش خاراكتېرلىك شۈك بولۇپ قېلىش؛ باش تېرىسى زەخىملەنگەنلىكتىن، باش تېرىسى مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش، ئۇنىڭ دائىرىسى باش تېرىسىنىڭ %25گە يېتىش.  

39 – ماددا  باش سۆڭەك قاپىقى سۇنغان ( يىپسىمان سۇنۇش، ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، ئۇۋۇلۇپ كېتىش ۋە باشقىلار ) ھەمدە مېڭە ۋە قان تۇمۇرلار زەخىملەنگەنلىكتىن، مېڭىدە بېسىلىش ئەھۋالى ۋە ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش؛ مېڭە قاتتىق پەردىسى يېرىلىپ كېتىش.  

40-ماددا   مېڭە ئوچۇق زەخىملىنىش.  

41-ماددا  باش سۆڭەكنىڭ تۈۋى سۇنغانلىقتىن، يۈز ۋە ئاڭلاش نېرۋىسى زەخىملىنىش ياكى مېڭە، يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى ئۇزاققىچە ساقايماسلىق. 

42-ماددا  باش، مېڭە زەخىملەنگەندە، ھوشىسىزلىنىش (30مىنۇتتىن ئارتۇق ) ھەمدە نېرۋا سىستېمىلىرىدا ئۇنىڭ ئالامەتلىرى، يەنى تاق پالەچ، يېرىم پالەچ، سۆزلىيەلمەس بولۇپ قېلىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلۈش. 

43-ماددا  باش، مېڭە زەخىملىنىپ، مېڭىنىڭ شەكىلىنى CT تەسۋىرىدە چۈشۈرگەندە، مېڭە ئۇرۇلۇپ زەخىملەنگەنلىكى ئىپادىلەنگەن بولۇش، ئەمما ئۇنىڭدا نېرۋا سىستېمىسى ئالامەتلىرى ۋە بەلگىلىرى بولۇشى شەرت.

44-ماددا باش، مېڭە زەخىملەنلىكتىن، مېڭىنىڭ قاتتىق پەردىسى سىرتىدا قانلىق ئىششىق پەيدا بولۇش، مېڭىنىڭ قاتتىق پەردىسى ئاستىدا، قانلىق ئىششىق پەيدا بولۇش ياكى مېڭە ئىچىدە قانلىق ئىششىق پەيدا بولۇش.  

45-ماددا  ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقى سىرتقى زەخىملىنىشتىن قاناش ھەمدە نېرۋا سىستېمىسىدا ئۇنىڭ ئالامەتلىرى ۋە بەلگىلىرى بولۇش. 

46-ماددا  باش، مېڭە زەخىملەنگەنلىكتىن، باش ئىچى يۇقۇملىنىش، يەنى مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلار پەيدا بولۇش.  

47-ماددا  باش، مېڭە زەخىملەنگەنلىكتىن، پۇراش نېرۋىسىدىن باشقا، مېڭە نېرۋىلىرىدا ئاسانلىقچە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زەخىملىنىشلەرنى كەلتۈرۈپ  چىقرىش. 

48-ماددا  مېڭە زەخىملەنگەنلىكتىن، سىرتقى زەخىملىنىش خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.  

49-ماددا  باش، مېڭە زەخىملەنگەنلىكتىن، ئورگانلىق ئېغىر روھى توسالغۇغا ئۇچراش.  

50-ماددا  باش، مېڭە زەخىملەنگەنلىكتىن، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ماھىيەتلىك بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى: مەسىلەن، بويۇن ئىچكى ئارتېرىيە بولۇتسىمان كاۋاك ئاقمىسى، تۆۋەنكى دۆڭ مېڭە ھىيوفىزنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار.  

2-پاراگراف بويۇن قىسمى زەخىملىنىش

51-ماددا  يۇتقۇنچاق، كېكىردەك، كاناي، بويۇن، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ۋە قوشنا توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشى تۈپەيلىدىن نەپەس قىيىنلىشىش. 

52-ماددا  بويۇن زەخىملەنگەنلىكتىن، بويۇننىڭ بىر تەرىپىدىكى قىزىل قان تومۇرى ياكى ئۇمۇرتقا قىزىل قان تومۇرىدا قان نوكچىسى، بويۇن قىزىل، كۆك قان تومۇر ئاقمىسى ياكى ساختا قىزىل تومۇر ئۆسمىسى پەيدا بولۇش.

53-ماددا  بويۇندىكى زەخىملىنىش يەلكىگىچە يېتىپ، بىلەكنىڭ ئىقتىدرىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش؛ بويۇندىكى زەخىملىنىش كۆكرەك پەردە تورۇسىغا يەتكەنلىكتىن، يەل كۆكرەك بولۇپ قېلىپ نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش. 

54-ماددا  قالقان بەز زەخىملىنىپ، كېكىردەك يۇتقۇنچى نېرۋىسى ئەگەشمە زەخىملەنگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش.  

55-ماددا  كۆكرەك كانىلى زەخىملىنىش. 

56-ماددا  يۇتقۇنچاق ياكى قىزىلئۆڭگەچ زەخىملەنگەنلىكتىن قىسمەن يىرىڭلىق ئىششىق، تىك پاسىل ياللۇغى ياكى سېپتسېمىيە پەيدا بولۇش.  

57-ماددا بويۇن زەخىملەنگەنلىكتىن، يات جىسىم بويۇننىڭ چوڭقۇر قىسمىدا تۇرۇپ قېلىپ، مۇناسىپ توقۇلما ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىش. 

3-پاراگراف كۆكرەك قىسمى زەخىملىنىش

58-ماددا  كۆكرەك قىسمى زەخىملەنگەنلىكتىن، قانلىق كۆكرەك ياكى يەل كۆكرەك پەيدا قىلىش ھەمدە نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش.  

59-ماددا  قوۋۇرغا سۆڭىكى سۇنغانلىتىن، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش.  

60-ماددا  تۆش سۆڭىكى سۇنغانلىقتىن، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش.  

61-ماددا  كۆكرەك قىسمى زەخىملەنگەنلىكتىن، تىك پاسىل يەللىك ئىششىپ قېلىش، نەپەس مۈشكۈللىشىش، يىغىندا ئالامىتى بولۇش ياكى كاناي، كانايچىلار يىرتىلىش.

62-ماددا  كاناي، قىزىلئۆڭگەچنىڭ زەخىملنىشى تۈپەيلىدىن، تىك پاسىل ياللۇغى، تىك پاسىل يىرىڭلىق ئىششىقى، تىك پاسىل يەللىك ئىششىقى، قانلىق، يەل كۆكرەك ياكى يىرىڭ كۆكرەك بولۇپ قېلىش.

63-ماددا  يۈرەك زەخىملىنىش، كۆكرەك قىسىمىدىكى چوڭ قان تومۇرى زەخىملىنىش.  

64-ماددا  كۆكرەك قىسمى زەخىملەنگەنلىكتىن يىرىڭ كۆكرەك، يىرىڭلىق ئۆپكە ئىششىقى، ئۆپكە كېرىلمەسلىك، كانايچە، كۆكرەك پەردىسى ئاقمىسى، قىزىلئۆڭگەچ كۆكرەك پەردىسى ئاقمىسى ياكى كانايچە، قىزىلئۆڭگەچ ئاقمىسى بولۇپ قېلىش.  

65-ماددا   كۆكرەك قىسمى ئېغىر دەرىجىدە بېسىلغانلىقتىن، قان ئايلىنىش، نەپەس ئېلىش توسالغۇغا ئۇچراش، باشنىڭ ئىچى قاناش.  

66-ماددا   ئاياللارنىڭ بىر ئەمچىكى كەمتۈك بولۇپ قېلىش. 

4-پاراگراف قورساق قىسمى زەخىملىنىش

67-ماددا  ئاشقازان، ئۈچەي، ئۆت يوللىرى سىستېمىسى تېشىلىپ، يېرىلىپ كېتىش.  

68-ماددا  جىگەر، تال، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق ئەزالار يىرتىلىپ كېتىش، زەخىملىنىش تۈپەيلىدىن، بۇ ئەزالاردا قانلىق، يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللىنىش.  

69-ماددا بۆرەك يېرىلىپ كېتىش، سۈيدۈك سىرتقا سىرغىپ چىققانلىقتىن، ئوپېراتىسىيە قىلىپ داۋالاش زۆرۈر بولۇش (بۆرەك قىزىل قان تومۇرى كەپلىشىش ئوپېراتسىيىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

70-ماددا  سۈيدۈك نەيچىسى زەخىملەنگەنلىكتىن، سۈيدۈك سىرتقا سىرغىپ چىقىش.  

71-ماددا  قورساق قىسمى زەخىملەنگەنلىكتىن، قورساق پەردىسى ياللۇغى، سېپىتىسمىيە بولۇپ قېلىش، ئۈچەي توسۇلۇپ قېلىش، ئۈچەي ئاقمىسى بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار.  

72-ماددا  قورساق قىسمى زەخىملەنگەنلىكتىن، قورساق بوشلۇقىغا قان يىغىلىپ قېلىشقا سەۋەبچى بولۇپ، ئوپېراتىسىيە قىلىپ داۋالاش زۆزۈر بولۇش.

5-پاراگراف داس سۆڭىكى زەخىملىنىش

73-ماددا  داس سۆڭىكى سۇنغانلىقتىن، شەكىلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆگىرىپ كېتىش.  

74-ماددا  سۈيدۈك يولى يېرىلغان ياكى ئۈزۈلگەنلىكتىن، ئوپراتىسىيە قىلىش زۆرۈر بولۇش. 

75-ماددا   دوۋساق يېرىلىش.

76-ماددا   ئورۇقدان خالتىسىنىڭ يىرتىلغان ئورۇقدان تېرىسىنىڭ %50گە يېتىش؛ ئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇقدان كەمتۈك بولۇپ قېلىش.  

77-ماددا   زەخملىنىش تۈپەيلىدىن، بالىياتقۇ ياكى قوشۇمچە ئەزالىرى تېشىلىپ كېتىش ياكى يېرىلىش.

78-ماددا  ھامىلىدار مەزگىلدە زەخىملەنگەنلىكتىن، ئاي كۈنى توشمايلا توغۇپ قويۇش، ئۆلۈك تۇغۇش، بالا ھەمرىيى بالدۇر ئاجراپ كېتىش، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە شۇنىڭدىن پەيدا بولغان قاناشچان شۈك بولۇش ياكى ئېغىر ھالدا يۇقۇملىنىش.

79-ماددا نارەسىدە قىزنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ياكى جىنسىي يولى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىش.

6-پاراگراف ئومۇرتقا ۋە يۇلۇن زەخىملىنىش

80-ماددا  ئومۇرتقا سۆڭىكى سۇنۇش ياكى ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىش ۋە ئۇنىڭدىن بولغان يولۇن زەخىملىنىش ياكى يولۇن نېرۋىسىدىن بىر نەچچىسى زەخىملىنىش. 

81-ماددا  يۇلۇن پارنىخىماللىق زەخىملەنگەنلىكتىن، يۇلۇننىڭ ئىقتىدارىغا يېتىش، مەسىلەن، مۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى، جىنسىي ئىقتىدارى ياكى چوڭ-كىچىك تەرەت ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش. 

7-پاراگراف باشقا زەخىملىنىش

82-ماددا  كۆيۈپ يارىلىنىش 

(1)  ياش قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۆيۈك يارىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى (1-دەرىجىلىك كۆيۈپ يارىسى بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ، تۆۋەندىكىسىمۇ  ئوخشاش) %30تىن يۇقىرى بولۇش ياكى 3-دەرىجىلىك كۆيۈش يارىسى%10تىن يۇقىرى بولۇش؛ باللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى %10تىن يۇقىرى بولۇش ياكى 3-دەرىجىلىك كۆيۈك يارىسى %5تىن يۇقىرى بولۇش.  

كۆيۈك يارىسىنىڭ كۆلىمى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن دەرىجىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرسى كۆرۈلگەن بولۇش؛

1. شۈك بولۇپ قېلىش؛ 

2. زەھەرلىك گازلارنى سۈمۈرۋالغانلىقتىن زەھەرلىنىش؛

3. نەپەس يولى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈش؛

4. ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛

5. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئوخشايدىغانلار. 

(2) ئالاھىدە ئورۇنلار (يەنى يۈز، قول، ئارىلىق قاتارلىقلار) 

2-دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلىنىپ، سىرتقى شەكىلى ۋە ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكەن بولسا، مۇشۇ ئۆلچەملىك مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.  

83-ماددا ئۈششۈكتىن پەيدا بولغان قۇلاق، بۇرۇن، قول، پۇت قاتارلىق ئورۇنلانىڭ نېكروزلىنىشى ھەمدە ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىشىغا مۇشۇ ئۆلچەمدىكى ئالاقىدار ماددىلار تەدبىقىلىنىدۇ. 

84-ماددا توك سوقۇپ زەخىملەنگەنلىكتىن، ئېغىر ھالدا ئەگەشمە كېسەللىكلەر ياكى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرىغان بولسا، مۇشۇ ئۆلچەمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.  

85-ماددا  فىزىكىلىق، خىمىيەلىك ياكى بىئولوگىيىلىك ۋە باشقا زەخىملەندۈرۈش ئامىللىرى تۈپەيلىدىن زەخىملىنىپ، ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچىرىغان بولسا، مۇشۇ ئۆلچەمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.  

86-ماددا   زەخىملەنگەنلىكتىن يات ماددىنىڭ مېڭە، يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق مۇھىم ئەزالاردا تۇرۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.  

87-ماددا  زەخىملەنگەنلكتىن زەخىملىنىش خاراكتېرلىك شۇك بولۇش، قانسىراش خاراكتېرلىك شۈك بولۇپ قېلىش ياكى يوقۇملىنىش خاراكتېرلىك شۈك بولۇپ قېلىش. 

88-ماددا  تېرە ئاستى توقۇلمىلارنىڭ قانىغان يېرى پۈتۈن بەدەننىڭ %30گە يېتىش؛ مۇسكۇلى ۋە چوڭقۇر توقۇلمىلىرى قاناپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈش ياكى ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش.  

89-ماددا  زەخىملەنگەنلىكتىن ياغ نوكچىسى توسۇلۇپ قېلىش يىغىندا ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.

90-ماددا  زەخىملەنگەنلىكتىن بېسىلىش يىغىندا ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.  

91-ماددا  تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەپەس توسالغۇغا ئۇچراش، تۇنجۇقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش ھەمدە ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولۇش ياكى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش.  

8-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

92-ماددا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 85-ماددىسىدىكى زەخىملىنىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، بۇ ئۆلچەمدە بەلگىلەنگەنلىرىنى مۇشۇ ئۆلچەمنىڭ مۇناسىپ ماددىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ باھالاشقا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىنى ۋىلايەت(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمىي بويىچە باھالاش ئاپپاراتلىرى باھالايدۇ ياكى قاراپ چىقىپ تەستىقلايدۇ.  

93-ماددا  ئۈچ يېرى (تۈرلۈك)دىن ئارتۇق زەخىملىنىش بۇ ئۆلچەمدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە يېقىن كەلسە، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ، ئۇنى ئېغىر زەخىملىنىش دەپ ئومۇملاشتۇرۇپ باھالاشقا ياكى ئېغىر زەخىملىنىش دەپ ئومۇملاشتۇرۇپ باھالىماسلىققا بولىدۇ.

94-ماددا  بۇ ئۆلچەمدە ئېيتىلغان «دىن يۇقىرى، ياكى دىن تۆۋەن» دېگەن سۆزلەر شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

95-ماددا  بۇ ئۆلچەم «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن ئېغىر زەخىملىنىشىنى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە باھالشتىلا تەتبىق قىلىنىدۇ.

96-ماددا  بۇ ئۆلچەم 1990-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويولىدۇ. 1986-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى باھالاش ئۆلچىمى (سىناق نۇسخىسى)» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.  

بۇ ئۆلچەم يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن باھالىنىپ بولغان بولسىمۇ، تېخى ھۆكۈم چىقىرىلمىغانلىرىغا 1986-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى باھالاش ئۆلچىمى (سىناق نۇسخىسى)» تەتبىق قىلىنۋېرىدۇ. 

【1】بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسىنى باھالاشتا، تەكشۈرۈلگەن بوغۇمنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارىدىن ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.  كېلىنكىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان نورمال ئادەمنىڭ بوغۇملىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن باھالاپ چىقسا بولىدۇ.  تەكشۈرگەندە، شۇ بوغۇمنىڭ بۇرۇنقى ئىقتىدارىنى ئىگىلەش ھەمدە ئۇنى يېنىدىكى ساق بوغۇمنىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسىگە سېلىشتۇرۇش كېرەك.

【2】قول بارمىقىنى جۈپلەش ھەرىكىتى دېگەندە، باش بارماقنىڭ پاقىسى بىلەن قالغان بارماقلارنىڭ پاقىسىنى جۈپلەش ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  

【3 يۈزنىڭ دائىرىسى دېگەندە، چېچىنىڭ ماڭلاي تۆۋەن قىسىمى، ئىككى قۇلاق تۈۋىنىڭ ئالدى بىلەن ئېڭەكنىڭ ئاستىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دائىرە كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  ئۇ پىشانە، چاناق، بۇرۇن، كالپۇك، ئېڭەك، مەڭىز، قۇۋۇز، قۇلاق ئاستى بېزى، چايناش مۇسكۇلى قىسمى ۋە قۇلاق سۇپۇرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

【4】ئاڭلاش ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ كېتىشىنى باھالاش ئۇسۇلى:

(1) ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتە، ساپ تاۋۇشنى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ھېسابلاپ يەل ئۆتكۈزۈش ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاشتا دېستىبىل (dB) بىرلىك قىلىنىدۇ.  ئادەتتە 500، 1000 ۋە 2000 ھېرتېزدىن ئىبارەت ئۈچ چاستۇتنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن پايدىلىنىدۇ، بۇ ئوتتۇرىچە قىممەت تۇرمۇشتىكى تاۋۇشلارنى ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمسىگە تەڭ كېلىدۇ.  

(2) ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى 25 دېستىبىلدىن تۆۋەن بولسا، ئاڭلاش ئىقتىدارى نوربلىنىدۇ.

(3) زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئىككى قۇلاقنىڭ تاۋۇشنى ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى تۆۋەندىكى ئۇسۇلار بىلەن ھېسابلىنىدۇ:

(ياخشىراق قۇلاقنىڭ تاۋۇش ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تاۋۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىششى × 5 + ناچارراق قۇلاقنىڭ تاۋۇش ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىششى× r ) ÷ 6 . ھېسابلاش نەتىجىسىدە تاۋۇش ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىششى 60 دېستىبىلدىن يۇقىرى بولسا، ئېغىر زەخملنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

(4) قېرىلىقتىكى ئاڭلاش ئقتىدارى ئاجىزلىشپ ئوڭشالغان بولسا 60 ياشتىن باشلاپ، ھەر يىلى 0.5 دېستىبىل كېمەيتىلىدۇ. 

(5) ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ئىشلاردا، باھالىغۇچى زۆرۈر دەپ قارىسا، مۇۋاپىق ئۇسۇللار (مەسىلەن، ئاۋاز توسقۇنلۇقى، قۇلاق قۇلۇلە ئېلىكتىروكاردىرگراف، ئاڭلاش سىزىمى مېڭە غولىنى قوزغىتىش، ئېلىكتىر پوتېنسىئاللىق ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى)نى تاللاپ ئۆلچەپ بېكىتسە بولىدۇ. 

【5】 كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلققا ئۇچىرششنى باھالاش ئۇسۇلى:

(1) زەخىملەنگەن كۆز ئەينەكسىز ياكى ئەينەك (ئۇچراشقۇچى ئەينەكچە، يىڭنە كۆزسىمان ئەينەككە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)بىلەن يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارى نورمال كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ دائىرسىگە يەتكەن (0.8دىن يۇقىرى بولغان) ياكى نورمال كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ دائىرىسى(0.8–0.4 )گە يېقىنلاشقانلارنى كۆرۈش كۈچى ئقتىدارى توسقۇنلققا ئۇچراش(0.3تىن تۆۋەن بولغان)لار دەرىجىسى تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قارالسۇن:

كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلققا ئۇچىرىشى

تۆۋەن كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە قارىغۇلقنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى ئەڭ ياخشى توغرىلانغان كۆرۈش ئىقتىدارى  

دەرىجىسى ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئقتىدارى تۆۋەندىكى سانلاردىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك ئەڭ تۆۋەن كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەندىكى سانلارغا تەڭ بولۇشى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك

تۆۋەن كۆرۈش ئىقتىدارى قارىغۇ  10.30.1

20.1(ئۈچ مىتىر ئارلىقنى كۆرۈش)0.05

30.05(بىرمىتىر ئارلىقنى كۆرۈش)0.02

40.02 نۇر سىزىمى

5 نۇر سىزىمى يوق

مەركىزىي كۆرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولسىمۇ، كۆرۈش دائىرسى كىچىكلەپ كەتكەن بولسا، كۆرۈش نۇقتىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا، كۆرۈش دائىرسىنىڭ دىئامېترى 10 گرادۇستىن تۆۋەن، 5 گرادۇستىن تۆۋەن بولغانلار 3-دەرىجىلىك بولىدۇ؛ دىئامېترى 5 گرادۇستىن تۆۋەن بولغانلار 4-دەرىجىلىك بولىدۇ. 

كۆرۈش ئىقتىدارىدىكى توسقۇنلۇقنى باھاشتا «يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارى» نى ئۆلچەم قىلپ، «يېقىننى كۆرۈش ئىقتىدارى»دىن پايدىلىنىش كېرەك.

(2) مەركىزىي كۆرۈش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى: ھەممىباب ئۆلچەملىك كۆرۈش ئىقتىدارى جەدۋىلى ئارقىلق، يىراقنى ۋە يېقىننى كۆرۈش ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدۇ.  بېشى مېڭىسى زەخىملەنگەنلەرنىڭ مەركىزى غۇۋا نۇقتا، فىزىيولوگىيەلىك قارىغۇلۇق نۇقتىسى ۋە كۆرۈش دائىرسى تەكشۈرۈلىدۇ.  قوش كۆرىدىغان بولۇپ قالغانلىرى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈپ، قوش كۆرۈش خاراكتېرى ۋە دەرىجىسى تەھلىل قىلىنىدۇ. 

(3) كۆرۈش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەكشۈرۈشتە، باھالىغۇچى زۆرۈر دەپ قارىسا، مۇۋاپىق ئۇسۇللار (مەسىلەن، كۆرۈش سېزىمى ئېلېكترو فىزىيولوگىيەسى)نى تاللاپ بېكىتسە بولىدۇ.  

【6】نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش، ئالماشتۇرۇلىدىغان ھاۋانىڭ نەپەس ئەزاسىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. كېسەل ھالىتى: نەپەس ئېلىش ئۆزلۈكىدىن قىيىنلىشىدۇ، ھاۋا يېتىشمەيدۇ، كۆكرەك سىقىلىپ ساقسىز بولىدۇ.  ئۇنىڭ ئالامەتلىرى: نەپەس چاستۆتىسى تېزلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ دائىرسى چوڭقۇرلىشىدۇ، بۇرۇن قانىتى لىپىلدەيدۇ، كۆكىرىپ قالىدۇ. لابوراتورىيەدە مۇنداق تەكشۈرۈلىدۇ:

(1) قىزىل قان تومۇردىكى قان گېزىتى ئانالىز قىلىش قىزىل قان تومۇردىكى قاننىڭ ئوكسىگېنلىق تارماق بېسىمى  8.0 (Kpa60mmHg)دىن تۆۋەن بولسا بولىدۇ؛ 

(2) كۆكرەك قىسمى رېنتىگېن ئارقىلق تەكشۈرۈلىدۇ؛ 

(3) ئۆپكە ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدۇ.  

نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىشقا دىئاگنوز قويۇشتا، كېسەل ئالامىتى بىلەن بەدەن بەلگىلىرى بىر ۋاقىتتا بولۇشى كېرەك.  لابوراتورىيەدە تەكشۈرگەندە بۇ ماتېرىيالدىن پايدىلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#