دولاتى يېزىسى

دولاتى يېزىسى

دولاتى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى دولاتى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 18257 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى يېرىم قۇرغاق كىلىمات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 多拉特乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى
نوپۇسى 10 مىڭ ئادەم
پوچتا رايون نۇمۇرى 834500

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دولاتى يېزىسىدولاتى يېزىسى تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىيغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8 كىلومېتىر. كۆلىمى 18257 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 10 مىڭ ئادەم، قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە قازاق مىللىتى %88 نى ئىگىلەيدۇ. ھاك تېشى، گرانىت تاش قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.

دولاتى يېزىسىدولاتى يېزىسىغا قاراشلىق دولاتى كەنتى، جارباس كەنتى، بەيگەتۆبە كەنتى، خۇجورتاي كەنتى، تاكلىغىن كەنتى، بەيتىڭ كەنتى، ئالمىلىق كەنتى، جالاڭاش كەنتى، جايلىغان كەنتى، جۈماتې كەنتى، سايباغ كەنتى، جاماتې كەنتى، گىددېر كەنتى قاتارلىق 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

دولاتى يېزىسى تولى ناھىيىسى قاراشلىق يېزا-بازار، ئوتتۇرىسى ئېگىز، گىرۋىكى تۆۋەن. داربۇت دەرياسى، ئۆرشۆلت دەرياسى، شالغاي دەرياسى، سۇۋېر دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، ياز پەسلىدە سالقىن، قىش پەسلىدە قار كۆپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4.3، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن 253 مىللىمېتىر.

يۇقىرىقى يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە ئاساسىي پرىنسىپى، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش، مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئاساسىدا، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىش، پرىنسىپ جەھەتتە ئۇنىۋېرسال تەسىس قىلىش. يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت تۆت ئۇنىۋېرسال ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش: پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشخانىسى؛ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئىشخانىسى؛ ئىجتىمائىي، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى (پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ۋىۋىسكا ئېسلغان) قاتارلىق.

پارتىيە ھۆكۈمەت ئىشخانىسى

دولاتى يېزىسىپارتىيە ھۆكۈمەت ئىشخانىسى تەشكىللەشكە مەسئۇل بۇلىدۇ. يەنى: تەشۋىق قىلىش، ئەرزىيەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، تەرجىمە قىلمش، مەخپىيەتلىك ساقلاش، مەنىۋى مەدەنىيەلىك قۇرۇلۇشى، كاتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، مالىيە، خەت-ئالاقە، تاپشۇرۇۋېلىش ۋە تارقىتىش، ئارخىپچىلىق، خەت ئۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە؛ مەسئۇلى قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەت رىياسىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، قوراللىق ئورگاننىڭ كەسپىي خىزمىتى؛ ئورگاننىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆججەت، سىياسەت، قانۇن-نىزام قاتارلىق ئەمىر-پەرمانلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەتلىرىنى مالاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشخانىسى

دولاتى يېزىسىئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشخانىسى يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. يەنى: يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى يېزا كارخانىلارنىڭ تېخنىكا، سۈپىتى، ئۆلچەم، ئۆلچەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باج سىياسىتى، مالىيە قانۇن-نىزامى، مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامى ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر؛ يېزىلىق مالىيە خام چوتى، نەق چوت، خام چوتى ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىرىم-چىقىم ۋە مەخسۇس مەبلەغنى باشقۇرۇش ۋە مالىيە نازارەت قىلىش؛ يېزىلىق دېھقانچىلىق بېجى ئېلىشنى باشقۇرۇپ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشخانىسى

چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى كەسپىي خىزمەتلەرگە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. يەنى: چارۋىچىلىق مەيدانى، سۇ، توك ئىشلىرى فاڭجېن سىياسەتلىرى، قانۇن ۋە نىزام تۈزۈش، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانى ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىگە؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرىكى، ئارىلىقىدىكى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاخىردىكى مۇلازىمەت؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۆز ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس ئۇچۇرى، تەدبىر بەلگىلەش ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىجتىمائىي دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى

دولاتى يېزىسىئىجتىمائىي دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى (پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ۋىۋىسكا ئېسىلغان) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىك سەپ توغرىسىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. يەنى: مىللەت-دىن، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ فاڭجېن سىياسىتى ۋە كۈندىلىك خىزمەتلىرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن سىياسەت، قانۇن، قانۇن-نىزاملارنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلەپچىقىرىشى، مېيىپلار مائارىپى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، نىكاھ تىزىملاش قاتارلىقلارنىقانۇن بويىچە كۈچەيتىش، دىن ئىشلىرىنى ۋە پىلانلىق تۇغۇت باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#