تۇخۇم باسقان پولۇ
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. تۇخۇمنى چېقىپ، سېرىقىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقلۇقنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا تۇز، پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ.
2. سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. گۈرۈچ پاكىز تازىلانغاندىن كېيىن ئىسسىق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇلىدۇ.
3. قازانغا زىغىر يېغى قۇيۇپ ياخشى داغلاپ(زىغىر يېغى پەس ئوتتا ئۇزاق داغلىنىدۇ) ، يۈزىدىكى كۆپۈكى يوقىلىپ قىپقىزىل رەڭگە كىرگەندە، ياغقا تۇخۇم شىرىسىنى بىر چۆمۈچتىن 4-3 پارچە تۇخۇم پوشكىلى ياسىلىدۇ.
4. داغلانغان ياغقا پىيازنى سېلىپ داغلاپ، سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ، كېتەرلىك تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ. سەۋزە قايناۋاتقاندا زىرە، ئاقمۇچ سېلىنىدۇ. زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، گۈرۈچنى سېلىپ، تەكشى پىشۇرۇلىدۇ. قالغان ئۇسۇللار «گۆشلۈك پولۇ» پىشۇرۇشقا ئوخشايدۇ. ئاش پىشىپ لېگەنلەرگە ئۇسقاندا، ئۈستىگە تۇخۇم پوشكىلىدىن ئىككىدىن بېسىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.