جىغانلىق سەيلىگاھى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ناھىيە بازىرىدىن 53 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوبېشى يېزىسىدا ‹‹ يۈسۈپ ئارال ›› دەيدىغان بىر جاي بولۇپ، توشقان دەرياسىنىڭ بويىدىكى يازدا قۇم-بوران ئۇچۇپ تۇرۇپ، قىشتا شىۋىرغان ھۇۋلاپ تۇرىدىغان جاي ئىدى. يۈسۈپ ئىسىملىك بىر چارۋىچى تۆگە باقىدىغان بۇ جاي كېيىنكى ۋاقىتلاردا ‹‹ يۈسۈپ ئارال ›› دەپ ئاتالغان. كېيىن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىدە قاقاسلىشىپ كەتكەنىدى. تۇنجى قېتىملىق كۆچەت تىكىش بايرىمىدا يېزا ياشلىرى تەشكىللىنىپ، ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ، 8000 مو يەرگە كۆچەت تىكىپ، جىغان ئۆستۈرگەن. بۇ جاي 1982-يىلىدىن باشلاپ ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى ۋە كېيىنچە ساياھەت نۇقتىسى قىلىنىپ، ‹‹ جىغانلىق ئارامگاھى ›› دەپ ئاتالدى.
جىغان توشقان دەرياسى ۋادىسىدىكى كوزىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى، ئۇ توشقان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قىش-ياز قىزىرىپ تۇرىدىغان مېۋىلىرى بىلەن ئۆزگىچە تەبئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
بۇ يەرنىڭ قاتنىشى قولايلىق، ھاۋاسى ساپ، سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، بۈككىدە جىغانلىق ئارىسىدا ئۆزگىچە بېزەلگەن ياغاچ ئۆيلەر ساياھەتچىلەرنى يىلدىن - يىلغا كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا.
جىغاننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋىتامىن A سەككىز خىلدىن كۆپ ۋىتامىن، كالتىسىي، مىس قاتارلىق 20 نەچچە خىل مىكرو ئىلمېنىت؛ 20 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە باشقا تەركىبلەر بار، ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى باشقا مىۋىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى. جىغان مېۋىسى ئاقسىل ۋە تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ئورگانىك كىسلاتا مىقدارى يۇقىرى بولۇش؛ تۇيۇنغان ياغ كىسلاتاسىدا ئېرىشچان قەنت تەركىبى تۈۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. جىغان مىۋىسى قان بېسىمنى تۈۋەنلىتىپ، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، جىگەر يەللىكنى داۋالاش ۋە جىگەرنى قۇۋەتلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش؛ جىنسىي ئاجىزلىق، سۇلۇق ئىششىق، يۆتەل ھەم ئاياللار كىسەللىكىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.