پېركىن

پېركىن ئەنگلىيەدىكى بىر بىناكارلىق ئۇستىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1838-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى لوندوندا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پېركىن
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1907-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى پادىشاھلىق مەخسۇس خىمىيە مەكتىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 珀金
تۇغۇلغان ۋاقتى 1838-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
كەسپى ئورگانىك خىمىيە ئالىمى
چەتئەلچە نامى William Henry Perkin

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېركىن ئەنگلىيەدىكى بىر بىناكارلىق ئۇستىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1838-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى لوندوندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەمىشە ئوغلىنىمۇ بىناكارلىق ئۇستىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى ئويلايدۇ، ئەمما پېركىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىمىيىنى ئۆگىنىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ خىمىيىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. دەسلەپ پېركىن لوندوندىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىدا، ئۇنى تەبئىي پەن ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھول ياخشى كۆرىدۇ، پېركىن ھەمىشە تەجرىبىخانىغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلغان تەجرىبىلىرىنى كۆرىدۇ. بەزىدە تاماقنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. ھول ئۆز شاگىرتىنىڭ مۇنداق تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ بالىنىڭ جەزمەن ئىستىقبالى بار دەپ ئويلايدۇ، شۇڭا ئۇنى لوندوندىكى پادىشاھلىق مەخسۇس خىمىيە مەكتىپىدە ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. 1853-يىلى 15 ياشلىق پېركىن راستلا پادىشاھلىق مەخسۇس مەكتىپىگە كىرىدۇ. شۇ چاغدا مەخسۇس مەكتەپتىكى ئاساسلىق ئوقۇتقۇچى بولغان ھوفمان ئاتاقلىق خىمىك بولۇپ، دەرسنى تەپسىلىي، جانلىق ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماھىرلىق بىلەن پىكىر قىلىشقا قوزغىغان. پېركىن ھوفماننىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ناھايىتى تېز ئىلگىرلەيدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن، 17 ياشلىق پېركىن ئاسسىسېنت بولىدۇ. ئاسسىسېنت بولغاندىن كېيىن، خىزمەت ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، خىمىيە ساھەسىدە تەجرىبە قىلىشنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. ئۇ ئۆز ئۆيىدە بىر تەجرىبىخانا قۇرۇپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىنى پۈتۈنلەي خىمىيە ساھەسىدە قىلىنىدىغان تەجرىبىگە سەرپ قىلىدۇ.

پېركىن 1907-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولغان.

1856-يىلى، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا سۈنئىي يول بىلەن خىنىننى ياساشنى تاپشۇرىدۇ. ئۇ ئەستايىدىل تەجرىبە قىلىپ، تۈرلۈك خام ئەشيالارنى ئارىلاشتۇرۇپ خىنىننى ئىشلەيدۇ. لېكىن نۇرغۇن قېتىم مەغلۇب بولىدۇ. كېيىن ئۇ كۆمۈر سىمولىسىنى ئېلىۋاتقاندا، خىيالىدىمۇ يوق ئانىلىن دېگەن بىر خىل بىنەپشە رەڭلىك بوياقنى بايقايدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئومۇمىي يۈزلۈكلا كۆمۈر سىمولىسىنى بىر خىل كېرەكسىز نەرسە دەپ ھېسابلايتتى. پېركىن مۇشۇنداق كېرەكسىز نەرسىلەردىن ئىنتايىن قىممەتلىك سۈنئىي بوياق ماتېرىيالى ئىشلەپ چىقىدۇ. شۇ چاغدىكى ئالىملار بۇنىڭدىن قاتتىق ھاڭ-تاڭ بولۇشىدۇ.

كېيىن، پېركىن بىر بوياق زاۋۇتى ئېچىپ، 17 يىل تىجارەت قىلىدۇ. كېيىن ئۇنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى يەنە خىمىيە تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ سۇسىز سىركە كىسلاتاسى ۋە ئالدېگىدلارنىڭ رولى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم كەشپىياتى 1868-يىلىدىكى سۈنئىي مۇئەتتەر بولدى. بۇ كەشپىيات ئېلان قىلىنىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆمۈر سىمولىسىدىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇشپۇراقلىق ماتېرىيالىنى ئېلىش ھەۋىسىنى قوزغايدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سىمولىسى سانائىتى پەيدىن-پەي مەيدانغا كېلىدۇ.

1881-يىلىدىن كېيىن، ئۇ فىزىكىدىكى ماگنېت ئىلمى ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا ئۆتۈپ، ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى زور تۆھپە يارىتىدۇ. 

1906-يىلى دۇنيا ئالىملىرى لوندوندا تاش كۆمۈر سىمولىسى سانائىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. يىغىندا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ خىمىيە ئالىملىرى پېركىنغا ئېتىرام بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە تەشەككۇر ئېيتىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#