خاڭدى يېزىسى
خاڭدى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان. 1956-يىلى خاڭدى يېزىسى تەسىس قىلىنغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خاڭدى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان. خاڭدى يېزىسى ۋە سەمەن يېزىسى ئەسلىدە قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى بىر قاقاس رايون بۇلۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ تۆت تەبىئىي كەنت 1956-يىلى خاڭدى يېزىسى تەسىس قىلىنغان. ‹‹ 314 ›› دۆلەت يولىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىر يېزا تاشيولى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان، يېزىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلغان.
خاڭدى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان. ئەسلىدە قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر قاقاسلىق رايون بۇلۇپ، گۇما تېغى جەنۇبىي ئېتىكىدىكىگە، تۈمەن دەرياسى ۋە ئاۋات ئۆستەڭ ئارىسىغا جايلاشقان. % 90 ى چۆللۈك بۇلۇپ، شۇڭا يەرلىك كىشىلەر ئۇ يەرنى قاقاسلىق دەپ ئاتىغان. كېيىن سەمەن يېزىس ۋە خاڭدى يېزىسى قەشقەر شەھىرىگە بىۋاستە قاراشلىق يېزا بولغان. جەنۇبىي رايونى بىلەن سەمەن يېزىسى قوشنا، شەرقتە قەشقەر شەھىرى باغ يېزىسى بىلەن چېگرىداش، غەربتە قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئىككى كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان تار بەلباغلىق ياپيېشىل دەرەخلەر، مۇنبەت ئېتىز، مېۋىلىك دەرەخلەر قاتار بۇلۇشقان قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇھىم بولغان كۆكتات تېرىش بازىسى.
ئەسلىدە خاڭدى يېزىسى بىلەن سەمەن يېزىسى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بۇلۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ تۆت تەبىئىي كەنت 1956-يىلى خاڭدى يېزىسى تەسىس قىلىنغان. 1958-يىلى گۇڭشى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، 1984-يىلى قايتا يېزا تەسىس قىلىنغان.
2004-يىلى 82-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى سەمەن يېزىسى بىلەن خاڭدى يېزىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئايرىپ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان.
2000-يىلىدىكى 5-قېتىملىق ئومومىيۈزلۈك نۇپوس تەكشۈرۈشتە خاڭدى يېزىسىدا 10184 ئادەم. 2010-يىلى 6-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئېنىقلىنىشىچە قەشقەر شەھىرى خاڭدى يېزىسىدا 11209 ئادەم بار بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.