- تاش (چالغۇ)
- تاش (ئۆلچەم بىرلىكى)
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تاشتاش بەزىلەر تەرىپىدىن چاقچۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىككى جۈپ ياپىلاق ئېلىپىسسىمان تاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر قولدا بىر جۈپتىن تۇتۇپ، بارماقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر–بىرىگە سوقۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئارقىلىق مۇزىكا ئۇدارلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ، خىلمۇ–خىل رېتىملاردا چېلىنىدۇ. ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا تاش ئىشلىتىشمۇ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى ئۇسلۇبلارنىڭ بىرىدۇر.
ئېلىپىسسىمان تاشنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 1.5 سانتېمىتىر ، ئۇزۇن دىئامېتىرى 10 سانتېمىتىر ، قىسقا دىئامېتىرى ئالتە سانتېمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
تاش چالغاندا ئۇنىڭ بىرى ئالقاندا قويۇلىدۇ ، يەنە بىرى بارماقلار ئارقىلىق ئالقاننىڭ ئۇچى تەرىپىگە يېرىم قىستۇرۇپ بىر–بىرىگە يېنىك سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ناھايىتى سۈزۈك ، يېقىملىق بولغان رىتىم ئاۋازلىرى چىقىرىلىپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.