ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى پارىژ شەھىرىدىكى ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش، مارس مەيدانىدا بولۇپ، 1889-يىلى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنياۋى كۆرگەزمىگە بېغىشلاپ ياسالغان.
مەشھۇر ئارخېتىكتور ئېففېل (1832-1923) لايىھىلەپ ياسىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. قۇرۇلمىسى ئەپچىل، ھۈنىرى ئېسىل، ئېگىزلىكى 300 مېتىر بولۇپ، شۇ چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش، ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئىگىزلىكى 320 مېتىر بولۇپ ئىگەللىگەن كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىر. تۆت تەرىپىدە بېتوندىن قۇيۇلغان مۇنار گۇندىسى بولۇپ، گەۋدە قىسىمى پولات قۇرۇلمىدىن تۈزۇلگەن. بۇنى 300 قۇراشتۇرۇش خادىمى 2 مىليون دانە ۋېنتا، 18 مىڭ مېتال بۆلەكلىرىنى 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتكۈزگەن.
ئېغىرلىقى 7000 توننا. ئۈستىدىكى تېلىۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئىگىزلىكىنى قوشقاندا 9757 توننا كېلىدۇ. قۇرۇلۇشقا جەمئىي 7مىليون 46 مىڭ فىرانىك پۇل كەتكەن.
جەمئىي 3 قەۋەتتىن تۈزۈلگەن. بىرىنچى قەۋىتى 57 مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ، پولات چىۋىقلىق بېتوندىن ياسالغان 4 ئەگمە ئىشىك بار. ئىككىنچى قەۋىتى 115 مېتىر ئىگىزلىكتە، ئۈچىنچى قەۋىتى 276 مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ قارىماققا تەتۈر يېزىلغان «Y» ھەرپىگە ئوخشايدۇ. 320 مېتىر ئىگىزلىكتىن قارىغاندا پۇتكۇل پارىژ شەھىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، زەپەر دەرۋازىسى، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى ھەتتا پارىژنىڭ شەرقى جەنۇبى تەرىپىدىكى 96 كىلومېتىر كىلىدىغان يەردىكى ساتېرچوڭ چېركاۋىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ قۇرۇلىشى 1887-يىلى 1-ئايدا باشلىغان. بۇ مۇنارنى لاھىيلىگەن ئېيففېل بولسا ئىلگىرى بىر خىمىيە ساھەسىدىكى ئىنژىنىر بولۇپ، پارىژدىكى بىر داڭلىق قۇرۇلۇش مەكتىپىگە نۇرغۇن قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن. كېيىن ئۇ بوشىشىپ قالماي، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئاخىرى بىر تۆمۈر يول كۆۋرۇك ساھەسىدىكى بىر «كۆپ ئىقتىدارلىق ئېنژىنىر» بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
مۇنارنىڭ ياسىلىشى دەسلەپتە بىر قىسىم داڭلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسدىكى مۇپاسسان، شارلۇن قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان. لېكىن ئېيففېل بوشاشماستىن، قارشىلىققا قارىماي، ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇنىڭ لاھىيەسىنى ئىشلىگەن. مۇنار دەسلەپكى قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، يەرلىك خەلقنىڭ مال-مۇلكى ۋە ھاياتىغا زىيان ئېلىپ كەلدى دەپ بىر مەزگىل توختىتىپ قويۇلغان.
بىر ماتىماتىك مۇنار 229 مېتىر ئىگىزلىككە چىققاندا چوققۇم ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ دېگەن.
قۇرۇلۇشنىڭ كۆپ قىسىم ھەققىنى ئۈستىگە ئالغان ئېيففېل كېلىپ چىقىدىغان خەتەرگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقى توغىرسىدا قول قويغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قايتا داۋاملاشقان.
مۇنار 1889-يىلى پۈتكۈزۈلگەن. پۈتۈش قىممىتى ئەسلىدىكى ھېساپتىن نەچچە ئون تۈمەن فىرانىڭ ئاز بولغان. 1889-يىلى 5-ئايدىكى دۇنيا كۆرگەزمىسىدە مۇنار كىشلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلغان يەرگە ئايلانغان. ئېيففېلنىڭ كارامەت لاھىيەسى ۋە تىرىشچانلىقى مۇنارنىڭ پۈتۈپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. كىشلەر بۇ ئۇلۇغ ئىنژىنىرنى خاتىرلەش ئۈچۈن مۇنارنىڭ نامىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاشنى قارار قىلغان.
مۇنار ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنارنىڭ ياسىلىشىغا قارشى چىققان بىر مۇزىكانت مۇنار چوققىسىدىكى سالونغا چىقىپ، كۆز ئالدىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ، بۇرۇنقى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ «بۇلۇت ئارىسىدىكى سىمفونىيە» دەپ بىر مۇزىكىنى يازغان.
گەرچە مۇنار قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر مەيدان قارشىلىقنى قوزغىغان. نۇرغۇن يازغۇچىلار بىر پارچە قەغەزگە ئىمزا قويۇپ، مۇنار پارىژ شەھىرىگە يامان تەسىر ئېلىپ كەلدى، پارىژنىڭ داڭلىق قۇرلۇشلىرى ئۈچۈن بىر ھاقارەت دەپ ھېساپلاشقان. يازغۇچى مۇپاسسان دائىم بىر ئاشخانىدىلا تاماق يەيدىكەن. سەۋەبى بۇ ئاشخانا پارىژدىكى مۇنارنى كۆرگىلى بولمايدىغان يەر ئىكەن. يەنە بىرى پاۋىل.ۋېرل ئىسملىك شائىر تۇنجى قېتىم بۇ مۇنارنى كۆرگەندە، ھارۋىكەشكە بۇيرۇق قىلىپ ھارۋىنىڭ بېشىنى كەينىگە قايتۇرغۇزغان. بۇ غەلىتە سەت نەرسە ئۇنىڭ شېئىر يېزىش ئىلھامىغا دەخىل قىلدىكەنمىش.
1-دۇنيا ئۇرىشى باشلانغاندا بۇ خىل قاراش سەل پەسكويغا چۈشكەن. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مۇنارنى ئۆرۈپ تاشلاپ ئۇنىڭغا كەتكەن ئونمىڭ توننا پولات-تۆمۈرنى ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرۇشقا ئىشلەتمەكچى بولۇشقان. بىراق شۇ چاغدىكى ئۇرۇش ھالىتنىڭ كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ ئۇنتۇلۇپ قالغان. ئەينى چاغدا توختامغا مۇنار ياسىلىپ 20 يىلدىن كېيىن بۇزۇشقا بولىدىغانلىقى يېزىلغانىكەن. 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن بىر قىززىق ئىش بولغان. بىر قوشۇمچە يىمەكلىكلەر سودىگىرى بۇ مۇناردىكى 7000 توننا تۆمۈرنى بىر ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر سودىگىرىگە ساتقان ۋە 500 مىڭ فىرانىڭ كاپالەت پۇلىغا ئېرىشكەن. بۇ ئىشتىنمۇ شۇ چاغدىكى كىشلەرنىڭ بۇ مۇنارغا تۇتقان پوزىتىسىيەسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كىشلەرنىڭ كۆڭلىدىكى بۇ خىل كەمسىتىش بارا-بارا يوقىغان. 1964-يىلى مۇنار قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇنار ئاخىرى پارىژنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە كىشلەر مۇنارنى چوڭ رېمونت قىلغان. رېمونتتا 2-قەۋەتتىكى بېتوندىن ياسالغان سۇپا پولات سۇپىغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن مۇنارنىڭ ئېغىرلىقى 1000 توننا ئازايغان. ئاندىن 2-قەۋەتتىكى كاتتا مېھمانخانىنى 3-قەۋەتكە يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاۋام قاۋاقخانىسى سالغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر قانچە يىلدا بىر مۇنارنى سىرلاپ تۇرغان.
مۇنارنى ھەربىر قېتىم سىرلاش ئۇچۈنلا 52 توننا سىر كېتىدىكەن. فىرانسيە ئىنقىلابىنىڭ 200 يىللىقى ۋە ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالدىدا كىشلەر مۇنارنى ھەرخىل چىراقلار بىلەن بېزىگەن ھەمدە ساياھەت يىتەكچىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىنى تەڭشىگەن.
2-قەۋەتتىكى سۇپىغا كۈتۈش زالى تەسسس قىلغان. بۇ يەردە كىشىلەر ھەرخىل يىغىن-يىغىلىشلارنى ئېلىپ بارغان. مۇنار مۇزىيىدا كىشىلەر ھەرخىل فىلىم ۋە تېلىۋىزىيە پىروگرامملىرىنى كۆرەلەيدۇ. بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى ھازىر كىشلەر 3-قەۋەتكە چىقىشتا لېفىت ئالماشمايلا چىقالىغان. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىدا رادىئو-تېلىۋىزىيە مەركىزى قۇرۇلغان. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز رادىئو سىگنالى تارقىتىش مۇنارلىرىنىڭ بىرى. ھازىر ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى ھەريىلى 2 مىليوندەك ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدۇ. ئۇ ھازىر نۇرغۇن كىشلەرنى جەلىپ قىلىدىغان ئابىدە بولۇپلا قالماستىن بەلكى پارىژنىڭ ۋە فرانسىيەنىڭ سىمۋولى ھېساپلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.