جاڭ دېجياڭ
جاڭ دېجياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1946-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭنىڭ تەيئەندىن، 1968-يىلى 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1971-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاڭ دېجياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1946-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭنىڭ تەيئەندىن، 1968-يىلى 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.
جۇڭگو كومپارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15-، 16-، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ھازىر 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى.
1968-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيەسى لوزىگۇ كوممۇنىسى تەيپىڭ چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولغان، 1970-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېت تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى، ئورگان ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان.
1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى چاۋشيەن تىلى كەسپىدە ئوقۇغان.
1975-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
1978-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە، چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان.
1980-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.
1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.
1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.
1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قوشۇمچە يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان.
1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.
1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان.
2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
2012-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان.
2012-يىلدىن 2013-يىلغىچە، مەركزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
2013-يىلىدىن باشلاپ، مەركزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.