شايار ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ
شايار ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ 1974-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، شايار ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرى تويبولدى جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان، شايار ناھىيەسى بويىچە بىردىنبىر خەنزۇ تىلدىكى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شايار ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ 1974-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، شايار ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرى تويبولدى جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان، شايار ناھىيەسى بويىچە بىردىنبىر خەنزۇ تىلدىكى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بۇلۇپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مالىيە تولۇق خىراجەتلىك كەسپىي ئورۇن. فۇنكسىيەسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەجبۇرىي مائارىپىنى يولغا قويۇش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، ئاساسىي مائارىپنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش.
مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 38345.4 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 14264.28 كۋادرات مېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە بېتون قۇرۇلمىلىق 11659.47 كۋادرات مېتىر، خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق 2692.9 كۋادرات مېتىر، ئوقۇغۇچى بېشى ئوتتۇرىچە ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6.4 كۋادرات مېتىر، كۆكەرتىلگەن كۆلەم كۆلىمى 2500 كىۋادرات مېتىر.
مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئەسلىھەلىرىدىن بىر كورپۇس ئوقۇتۇش بىناسى، بىر كورپۇس ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، بىر كورپۇس ئۇنىۋېرسال بىناسى (ئىچىدە مىكرو كومپيۇتېرخانا، تەجرىبىخانا، داۋالاش بۆلۈمى (شىپاخانا)، قىرائەتخانا)، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى (بىرلا ۋاقىتتا 700 ئادەم تاماق يەيدىغان)، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى (800 كارىۋىتى بار)، قايناقسۇخانا، تازلىق ئۆيى، ۋاسكېتبول مەيدانى، پۇتبول مەيدانى، ھەر تۈردىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەيدانلىرى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.