جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى نىزامى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى نىزامى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى نىزامى خوجىلىق ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆي ئىگىسى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە چىقىرىلغان. 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى نىزامى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 物业管理条例

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا  بۇ نىزام خوجىلىق ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆي ئىگىسى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان خوجىلىق ئۆي ئىگىسىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۆي ئىگىسى بىلەن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە، ئۆي، شۇنىڭدەك يانداش ئەسلىھە-ئۈسكۈنە ۋە مۇناسىۋەتلىك مەيداننى رېمونت قىلىش، ئاسراش، باشقۇرۇش، خوجىلىق رايونى مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ۋە ئالاقىدار تەرتىپىنى ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا  دۆلەت ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى ئاشكارا، ئادىل، لىللا بازار رىقابىتى مېخانىزمى ئارقىلىق تاللىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

4-ماددا  دۆلەت يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇل قوللىنىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ خوجىلىق ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ.

5-ماددا  گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خوجىلىق ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب  ئۆي ئىگىسى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى 

6-ماددا  ئۆيگە ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئۆي ئىگىسى بولىدۇ.

ئۆي ئىگىسى خوجىلىق ئىشلىرىدا تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىش؛

(2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ئېچىش تەكلىپى بېرىش ھەمدە خوجىلىق ئىشلىرى ھەققىدە تەكلىپ بېرىش؛

(3) باشقۇرۇش قائىدىسى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش تەكلىپى بېرىش؛

(4) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛

(5) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش ھەمدە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش;

(6) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش؛

(7) خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنى ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش؛

(8) ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمى، ئەسلىھە– ئۈسكۈنە ۋە مۇناسىۋەتلىك مەيداننى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش؛

(9) ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنە رېمونت مەبلىغى (تۆۋەندە رېمونت مەبلىغى دېيىلىدۇ)نى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش؛

(10) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

7-ماددا  ئۆي ئىگىسى خوجىلىق ئىشلىرىدا تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) باشقۇرۇش قائىدىسىگە ۋە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش؛

(2) خوجىلىق رايونىدىكى ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمىنى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش، جامائەت تەرتىپىنى ۋە مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش جەھەتلەردىكى قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش؛

(3) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارى ۋە ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش؛

(4) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە رېمونت مەبلىغى تاپشۇرۇش؛

(5) خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش؛

(6) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

8-ماددا  خوجىلىق رايونىدىكى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىدىن ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەشكىل قىلىنىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى خوجىلىق رايونىدىكى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى كېرەك.

9-ماددا  بىر خوجىلىق رايونىدا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىدىن بىرى قۇرۇلىدۇ.

خوجىلىق رايونىنى ئايرىشتا، ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسى، ئىمارەت كۆلىمى، مەھەللە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر چىقىرىدۇ.

10-ماددا  بىر خوجىلىق رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرى ئۆي-ئىمارەت بار جايدىكى رايونلۇق، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇشى ھەمدە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى كېرەك. لېكىن، ئۆي ئىگىسى بىرلا بولسا ياكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سانى ئازراق بولسا، يەنە كېلىپ بارلىق ئۆي ئىگىلىرى بىردەك قوشۇلۇپ ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئادا قىلىدۇ.

11-ماددا  تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق قارار قىلىدۇ:

(1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش؛

(2) باشقۇرۇش قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش؛

(3) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاش ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇش؛

(4) خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى تەكلىپ قىلىش ۋە بوشىتىش؛

(5) رېمونت مەبلىغىنى غەملەش ۋە ئىشلىتىش؛

(6) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش، قايتا سېلىش؛

(7) ئورتاق ئىگىدارلىققا ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دائىر باشقا چوڭ-چوڭ ئىشلار.

12-ماددا  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىدا كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىنسىمۇ، يازما پىكىر ئېلىنسىمۇ بولىدۇ؛ لېكىن، خوجىلىق رايونىدىكى خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى يەنە كېلىپ ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى قاتنىشىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىسى ۋاكالەتچىنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىگە قاتنىشىشقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى مۇشۇ نىزامنىڭ 11-ماددىسىنىڭ (5) ۋە (6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى قارار قىلىشتا، خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھەمدە ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ مۇشۇ نىزامنىڭ 11-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلارنى قارار قىلىشتا، خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھەمدە ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قارارى ئۆي ئىگىلىرىنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قارارى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆي ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

13-ماددا  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قەرەللىك يىغىن ۋە ۋاقىتلىق يىغىن دەپ ئايرىلىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قەرەللىك يىغىنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېچىلىدۇ. ئۆي ئىگىلىرىنىڭ %20 تىن كۆپرەكى تەكلىپ بەرسە، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق يىغىنىنى ئاچسا بولىدۇ.

14-ماددا  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىنى ئېچىشتا، يىغىندىن 15 كۈن بۇرۇن بارلىق ئۆي ئىگىلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

تۇرالغۇ قورۇسىدا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىنى ئېچىشتا، ئالاقىدار ئاھالە كومىتېتلىرىغىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

15-ماددا  ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قارار قىلغان ئىشلاردا تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ئېچىپ، خوجىلىق ئىشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش؛

(2) ئۆي ئىگىسىگە ۋاكالىتەن، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەكلىپ قىلغان خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى بىلەن خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى تۈزۈش؛

(3) ئۆي ئىگىسى، ئۆي-ئىمارەتتىن پايدىلانغۇچىنىڭ پىكرى ۋە تەكلىپىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنى ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش؛

(4) باشقۇرۇش قائىدىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛

(5) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يۈكلىگەن باشقا مەسئۇلىيەت.

16-ماددا  ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۆي-ئىمارەت بار جايدىكى رايونلۇق، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىنى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، بەلگىلىك تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۆي ئىگىلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدىن سايلىنىدۇ.

17-ماددا  باشقۇرۇش قائىدىسىدە ئۆي-ئىمارەتنى ئىشلىتىش، ئاسراش، باشقۇرۇش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، ئۆي ئىگىلىرى ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت، باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغاندا ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىق قاتارلىق ئىشلارنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈش كېرەك.

باشقۇرۇش قائىدىسىدە ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، قانۇن-نىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا ياكى جامائەت مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ.

باشقۇرۇش قائىدىسى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

18-ماددا  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئۇسۇلى، ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى قاتارلىق ئىشلارنى پۈتۈشۈش كېرەك.

19-ماددا  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، خوجىلىققا مۇناسىۋەتسىز قارار چىقىرىشىغا، خوجىلىققا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قارارى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ بولسا، ئۆي-ئىمارەت بار جايدىكى رايونلۇق، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ياكى قارارنى بىكار قىلىشى ھەمدە بارلىق ئۆي ئىگىلىرىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

20-ماددا  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ماسلىشىپ، ئاھالە كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خوجىلىق رايونىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشقا دائىر خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.

خوجىلىق رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئالاقىدار ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا پائال ماسلىشىپ، ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى قوللىشى ھەمدە يېتەكچىلىكى ۋە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

تۇرالغۇ قورۇسىدىكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قارارىنى ئالاقىدار ئاھالە كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى كېرەك.

3-باب  ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق ئىشلىرى

21-ماددا  ئۆي ئىگىسى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى تەكلىپ قىلىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى تەكلىپ قىلغان بولسا، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنى يازما تۈزۈشى كېرەك.

22-ماددا  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي-ئىمارەتنى سېتىشتن بۇرۇن، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسى تۈزۈپ، ئۆي-ئىمارەتنى ئىشلىتىش، ئاسراش، باشقۇرۇش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، ئۆي ئىگىلىرى ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغاندا ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىق قاتارلىق ئىشلارنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقارغان ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسىدە ئۆي-ئىمارەتنى سېتىۋالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەزمۇن بولسا بولمايدۇ.

23-ماددا  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي-ئىمارەتنى سېتىشتىن بۇرۇن، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسىنى ئۆي-ئىمارەتنى سېتىۋالغۇچىغا ئېنىق كۆرسىتىشى ھەمدە چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

ئۆي-ئىمارەتنى سېتىۋالغۇچى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن ئۆي-ئىمارەتنى سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى تۈزگەندە، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسىگە رىئايە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە يازما ۋەدە بېرىشى كېرەك.

24-ماددا  دۆلەت قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئۆي-زېمىن تەرەققىياتى بىلەن خوجىلىقنى ئايرىۋېتىش پىرىنسىپى بويىچە، خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مۇناسىپ ساپاسى بار خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى تەكلىپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

تۇرالغۇ ئۆي سالدۇرغۇچى ئورۇن خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مۇناسىپ ساپاسى بار خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك؛ خېرىدار چىققۇچى ئۈچتىن ئاز بولسا ياكى تۇرالغۇ كۆلىمى كىچىكرەك بولسا، ئۆي-ئىمارەت بار جايدىكى رايونلۇق، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، كېلىشىم تۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مۇناسىپ ساپاسى بار خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

25-ماددا  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن ئۆي-ئىمارەت سېتىۋالغۇچى تۈزگەن سېتىۋېلىش-سېتىش كېلىشىمىدە ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكەن مەزمۇن بولۇشى كېرەك.

26-ماددا  ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا مۆھلەتنى پۈتۈشۈشكە بولىدۇ؛ لېكىن، مۆھلەت توشماي تۇرۇپ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى بىلەن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى تۈزگەن خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى كۈچكە ئىگە بولغان بولسا، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى ئاخىرلىشىدۇ.

27-ماددا  ئۆي ئىگىسى قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن نېرى-بېرى قىلسا بولمايدۇ.

28-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ئۆي-ئىمارەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

29-ماددا  ئۆي-ئىمارەتنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتى ئۆتىگەندە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك:

(1) پۈتكەن قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي تەكشىلىك چېرتيوژى، يەككە ئىمارەت، قۇرۇلما، ئۈسكۈنىنىڭ پۈتكەن چاغدىكى چېرتيوژى، يانداش ئەسلىھەسى، يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنىڭ پۈتكەن چاغدىكى چېرتيوژى قاتارلىق پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ماتېرىياللىرى؛

(2) ئەسلىھە-ئۈسكۈنىنى ئورنىتىش، ئىشلىتىش ۋە رېمونت قىلىش، ئاسراش قاتارلىق تېخنىكىلىق ماتېرىياللار؛

(3) ئۆي-ئىمارەتنىڭ سۈپەت كاپالەت ھۆججىتى ۋە ئۆي-ئىمارەتنى ئىشلىتىش چۈشەندۈرمە ھۆججىتى؛

(4) خوجىلىق باشقۇرۇشتا زۆرۈر بولغان باشقا ماتېرىياللار.

خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى ئاخىرلاشقاندا، يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

30-ماددا  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە خوجىلىق رايونىدا زۆرۈر بولغان خوجىلىق ئۆيى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.

31-ماددا  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت بەلگىلىگەن رېمونت كاپالەت مۇددىتى ۋە رېمونت كاپالەت دائىرىسى بويىچە، خوجىلىق رېمونت كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

4-باب  خوجىلىق مۇلازىمىتى

32-ماددا  خوجىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىنى ھازىرلىشى كېرەك.

دۆلەت خوجىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنىڭ ساپاسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

33-ماددا  خوجىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، كەسپىي سالاھىيەتنامە ئېلىشى كېرەك.

34-ماددا  بىر خوجىلىق رايونىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىنى بىر خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى باشقۇرىدۇ.

35-ماددا  ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەكلىپ قىلغان خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى بىلەن يازما خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى تۈزۈشى كېرەك.

خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا خوجىلىق ئىشلىرى، مۇلازىمەت سۈپىتى، مۇلازىمەت ھەققى، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە مەجبۇرىيىتى، رېمونت مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش، خوجىلىق ئۆيى، توختام مۇددىتى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى پۈتۈشۈش كېرەك.

36-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكىنىگە لايىق مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدىكى پۈتۈمنى ئادا قىلماي، ئۆي ئىگىسىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قانۇن بويىچە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

37-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ئۆي-ئىمارەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى بىلەن ئۆي-ئىمارەتنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىغا مۇشۇ نىزامنىڭ 29-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

38-ماددا  خوجىلىق ئۆيىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى قانۇن بويىچە ئۆي ئىگىلىرىگە تەئەللۇق بولىدۇ. خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، خوجىلىق ئۆيىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

39-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى ئاخىرلاشقاندا، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى خوجىلىق ئۆيى ۋە مۇشۇ نىزامنىڭ 29-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ماتېرىياللارنى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى ئاخىرلاشقاندا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يېڭى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى تەكلىپ قىلغان بولسا، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

40-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى خوجىلىق رايونىدىكى مەخسۇس مۇلازىمەت كەسپىنى كەسپىي مۇلازىمەت كارخانىسىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ رايوندىكى بارلىق خوجىلىق ئىشلىرىنى باشقىلارغا بىراقلا ھاۋالە قىلسا بولمايدۇ.

41-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشتا، مۇۋاپىق بولۇش، ئاشكارا بولۇش، شۇنىڭدەك خوجىلىق ھەققى مۇلازىمەت سۈپىتىگە ماس كېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆي-ئىمارەتنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك، ئۇنى ئۆي ئىگىسى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقارغان خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش چارىسى بويىچە، خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشىدۇ.

42-ماددا  ئۆي ئىگىسى خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۆي-ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى ئىشلەتكۈچى تاپشۇرۇشنى پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ، ئۆي ئىگىسى چاتما تاپشۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

پۈتكەن بولسىمۇ سېتىلمىغان ياكى ئۆي-ئىمارەتنى سېتىۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىلمىگەن ئۆي-ئىمارەتنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تاپشۇرىدۇ.

43-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ئۈستىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

44-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكىنىدىن باشقا مۇلازىمەتلەرنىمۇ قىلسا بولىدۇ، مۇلازىمەت ھەققىنى ئىككى تەرەپ پۈتۈشىدۇ.

45-ماددا  خوجىلىق رايونىدا سۇ، توك، گاز، پار بېرىش ئورنى، خەۋەرلىشىش ئورنى، سىملىق تېلېۋىزىيە ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى ئاخىرقى خېرىدارلاردىن ئېلىشى كېرەك.

خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ ئالدىنقى تارماقتىكى ھەقنى ۋاكالىتەن ئالغان بولسا، ئۆي ئىگىسىدىن رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق باشقا ھەقلەرنى ئالسا بولمايدۇ.

46-ماددا  خوجىلىق رايونىدىكى ئامانلىق باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، ئۆي-ئىمارەتنى بېزەش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى توسۇشى ھەم ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى قانۇن بويىچە توسۇشى ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

47-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى خوجىلىق رايونىدىكى بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىشى كېرەك. بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى جىددىي تەدبىر قوللىنىش بىلەن بىللە، ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىشى كېرەك.

خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ئامانلىق ساقلىغۇچى ياللاشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئامانلىق ساقلىغۇچى خوجىلىق رايونىنىڭ جامائەت تەرتىپىنى ساقلاشتا، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك.

48-ماددا  ئۆي-ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۆي-ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچى پۈتۈشىدۇ، لېكىن قانۇن، نىزام ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ.

ئۆي-ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچى مۇشۇ نىزام ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئالاقىدار ئۆي ئىگىسى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

49-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆي ئىگىسى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆي-ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىدىكى ئەرز– شىكايىتىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

5-باب  ئۆي-ئىمارەتنى ئىشلىتىش ۋە ئاسراش

50-ماددا  خوجىلىق رايونىدىكى پىلان بويىچە سېلىنغان جامائەت ئىمارىتى ۋە ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

ئۆي ئىگىلىرىدىن جامائەت ئىمارىتى ۋە ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىدىغانلىرى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىغا ئېيتىپ قويۇشى كېرەك؛ خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىن جامائەت ئىمارىتى ۋە ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، ئۆي ئىگىسى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئۆتىشى كېرەك.

51-ماددا  ئۆي ئىگىسىنىڭ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ خوجىلىق رايونىدىكى يول، مەيداننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلەپ ئىشلىتىپ ۋە كولاپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ئۆي-ئىمارەتنى رېمونت قىلىش ياكى جامائەت مەنپەئەتى سەۋەبىدىن ئۆي ئىگىسىنىڭ يول، مەيداننى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىشى ۋە كولىشى زۆرۈر بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى؛ خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ يول، مەيداننى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىشى ۋە كولىشى زۆرۈر بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىسى، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلەتكەن، كولىغان يول، مەيداننى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

52-ماددا  سۇ، توك، گاز، پار بېرىش ئورنى، خەۋەرلىشىش ئورنى، سىملىق تېلېۋىزىيە ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار خوجىلىق رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تۇرۇبا، سىم ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش، ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردىن رېمونت قىلىش، ئاسراش قاتارلىق ئېھتىياجلار بىلەن، يول، مەيداننى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلەتكەن، كولىغانلىرى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

53-ماددا  ئۆي ئىگىلىرىدىن ئۆيىنى بېزەيدىغانلىرى ئاۋۋال خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ئۆينى زىننەتلەش، بېزەشتە مەنئى قىلىنغان قىلمىشلار ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆي ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

54-ماددا  تۇرالغۇ ئۆي-ئىمارەت، تۇرالغۇ قورۇسىدىكى تۇرالغۇدىن باشقا ئۆي-ئىمارەت ياكى ئايرىم كورپۇسلۇق تۇرالغۇ بىناسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا تۇتاش تۇرالغۇدىن باشقا ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئىگىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە رېمونت مەبلىغى تاپشۇرۇشى كېرەك.

رېمونت مەبلىغى ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، ئۆي-ئىمارەتنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمىنى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكىلا ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

رېمونت مەبلىغىنى يىغىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

55-ماددا  ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلغانلار ئالاقىدار ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى كېرەك. ئۆي ئىگىسى ئالغان پايدىنى ئاساسلىقى رېمونت مەبلىغىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىشى كېرەك، ئۇنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

56-ماددا  ئۆي-ئىمارەتتە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بولۇپ، جامائەت مەنپەئەتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە خەۋپ يېتىدىغان بولسا، جاۋابكار ۋاقتىدا رېمونت قىلىشى، ئوڭشىشى، ئالاقىدار ئۆي ئىگىسى ماسلىشىشى كېرەك.

جاۋابكار رېمونت قىلىش، ئوڭشاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى رېمونت قىلسا، ئوڭشىسا بولىدۇ، خىراجىتىنى جاۋابكار چىقىرىدۇ.

6-باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

57-ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆي-ئىمارەت سالدۇرغۇچى ئورۇن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش ئۇسۇلى بىلەن تەكلىپ قىلمىغان بولسا ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا كېلىشىم تۈزۈشۈۋېلىپ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى تەكلىپ قىلغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاھاگلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

58-ماددا  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ئىگىسىگە تەئەللۇق ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن نېرى-بېرى قىلغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

59-ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يەنىلا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

60-ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساپانامە ئالماي تۇرۇپ خوجىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىگەزىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ساپانامە ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ ھەم ساپانامە بەرگەن تارماق ساپانامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

61-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خوجىلىق كەسپىي ساپانامىسى ئالمىغانلارنى خوجىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىگە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

62-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىر خوجىلىق رايونىدىكى بارلىق ئۆي-ئىمارەتنى باشقۇرۇشنى بىراقلا باشقىلارغا ھاۋالە قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ھاۋالە توختامىدىكى پۇلنىڭ %30ىدىن يۇقىرى، %50ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساپانامىسىنى ساپانامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ. ھاۋالىدىن ئېرىشكەن پايدا ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمىنى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئېشىپ قالغان قىسمى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

63-ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلىتىۋالغان رېمونت مەبلىغىنى قايتۇرغۇزىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئىشلىتىۋالغان سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغان خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساپانامىسىنى ساپانامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

64-ماددا  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خوجىلىق رايونىدا زۆرۈر خوجىلىق ئۆيىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاجرىتىپ بەرمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

65-ماددا  خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، خوجىلىق ئۆيىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ پايدا ئالغانلىرىنىڭ ئالغان پايدىسى ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمىنى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئېشىپ قالغىنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە ئىشلىتىلىدۇ.

66-ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاھاگلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛ ئالغان پايدىسى خوجىلىق رايونىدىكى ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمىنى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئېشىپ قالغىنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە ئىشلىتىلىدۇ:

(1) خوجىلىق رايونىدىكى يىرىك پىلان بويىچە قۇرۇلغان جامائەت ئىمارىتى ۋە ئورتاق پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەر؛

(2) خوجىلىق رايونىدىكى يول، مەيداننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىپ، كولاپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلار؛

(3) ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىسمى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلغانلار.

شەخسلەردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

67-ماددا  ئۆي ئىگىلىرىدىن خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرمىغانلىرىغا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلىرى ئۈستىدىن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

68-ماددا  ئۆي ئىگىلىرىدىن ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ نامى بىلەن، قانۇن-نىزامغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

69-ماددا  گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل-مال ياكى باشقا نەپ ئېلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سەزگەن تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

7-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

70-ماددا  بۇ نىزام 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#