ماھارەت تەنھەرىكىتى

ماھارەت تەنھەرىكىتى

ماھارەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى ئەر-ئايال يەككە كىشىلىك، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئىككى كىشىلىك، ئارىلاشما ئىككى كىشىلىك، ئاياللار ئۈچ كىشىلىك ۋە ئەرلەر تۆت كىشىلىك قاتارلىق يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئ

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماھارەت تەنھەرىكىتى
خەنزۇچە ئىسمى 技巧运动

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماھارەت تەنھەرىكىتىبىر قەدەر كۈچلۈك بەدىئىيلىككە ئىگە ماھارەت تەنھەرىكىتىدە ھەرىكەتنىڭ كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرارلىقى، كۈچى ۋە ئەپچىللىكى ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە بالېت، دىسكو، ئىسپانىيە ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەل ئۇسسۇل قىياپىتى ۋە ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى مۇزىكىلار ئارقىلىق كىشىگە ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ. 

ماھارەت مۇسابىقە گىمناستىكىسى بىلەن سېرك ئوخشىمايدۇ. گىمناستىكىدىكى قوش، يالاڭ تورنىك، تەڭپۇڭ لىم ۋە باشقىلىرى بولسۇن، ھەممىسىدە ئادەم ئەسۋاب ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەمما ماھارەت كۆرسىتىشتە شەخس ئۆزى ياكى ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدا موللاقلىق ئېتىپ-تۇتۇشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەر ئىشلىنىدۇ. ماھارەت كۆرسىتىش سېرككىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ قاتتىق مۇسابىقە قائىدىسى بولىدۇ، ھەر خىل ھەرىكەتلەرنىڭ سۈپىتى، قىممىتى باھالىنىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە ماھارەت مۇسابىقىسىدە يەتتە رېپىرى خىزمەتكە قاتنىشىدۇ. ماھارەت مۇسابىقىسى يەنە ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇلار سېرك ئويۇنلىرىدا، ھەتتا سېرك مۇسابىقىلىرىدىمۇ بولمايدۇ. 

ماھارەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى ئەر-ئايال يەككە كىشىلىك، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئىككى كىشىلىك، ئارىلاشما ئىككى كىشىلىك، ئاياللار ئۈچ كىشىلىك ۋە ئەرلەر تۆت كىشىلىك قاتارلىق يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەر-ئايال يەككە كىشىلىك تۈرى ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، كەڭلىكى ئىككى مېتىرلىق يۈگۈرۈش يولىدا ۋە ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 5.1 مېتىرلىق مەخسۇس ئىشلەنگەن سەكرەش تاختىسىدا ياكى پالاس ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككى كىشىلىكتىن يۇقىرى بولغان ماسلىشىش تۈرلىرى 12 ×12 مېتىرلىق مەيداندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەرىكەتلەر موللاق ئېتىپ ئۆرلەش، تاشلاپ تۇتۇش، فىگۇرا چىقىرىشلارنى ئاساس قىلىدۇ ھەمدە ئەسۋابسىز گىمناستىكا بىلەن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ماسلاشتۇرۇلىدۇ. خەلقئارا مۇسابىقە قائىدىسىدە ھەرقايسى تۈرلەرگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار بەلگىلەنگەن ھەم ئۆزى تاللىۋالغان ئۈچ يۈرۈش ھەرىكەتنى ئورۇندايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە يەككە تۈرلەردىن ۋە ئەرلەر تۆت كىشىلىك تۈرنىڭ بىرىنچى ھەرىكىتىدىن باشقىلىرىدا چوقۇم مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن. ماھارەت مۇسابىقىسىدىكى ھەربىر يۈرۈش ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى ئىككى مىنۇت 30 سېكۇنتتىن ئاشماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ، تولۇق نومۇر 10 بولىدۇ. 

ماھارەت تەنھەرىكىتىماھارەت تەنھەرىكىتى 1932-يىلىدىكى 10-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەركىن گىمناستىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابىدا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان. 50-يىللاردىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ماھارەت ھەرىكىتىنى مۇستەقىل مۇسابىقە تۈرى قىلغان. 1973-يىلى خەلقئارا ماھارەت بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. ھازىر دۇنيادا خەلقئارا ماھارەت بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ مۇسابىقە − دۇنيا ماھارەت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى ماھارەت مۇسابىقىسىدۇر. دۇنيا ماھارەت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، تۇنجى قېتىملىقى 1974-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، مۇسابىقىدە يەتتە تۈرنىڭ ھەممىسى تەسىس قىلىنغان. دۇنيا لوڭقىسى ماھارەت مۇسابىقىسىدە پەقەت ئومۇمىي ماھارەت بىلەن يەككە تۈرلەرنىڭ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى قاتناشقۇچى تەنھەرىكەتچىلەر خەلقئارا ماھارەت بىرلەشمىسى تېخنىكا ھەيئىتىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىكى 1975-يىلى شۋېتسارىيىنىڭ ۋىدنودا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 

جۇڭگو 1979-يىلى خەلقئارا ماھارەت بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. 1980-يىل 9-ئايدا تۇنجى قېتىم كوماندا تەشكىللەپ، 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 11 مىس مېدال ئالغان. 1981-يىلى 3-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تۆت ئالتۇن، يەتتە كۈمۈش، سەككىز مىس مېدالغا ۋە ئاياللار ئۈچ كىشىلىك، ئەرلەر تۆت كىشىلىك ئىككى تۈردە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ھازىر مەملىكىتىمىز دۇنيا ماھارەت سەھنىسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. 



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#