نارسىن ماندىلا

نارسىن.ماندىلا

نارسىن ماندىلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، جەنۇبى ئافرىقا «دۆلەت ئاتىسى» نارسىن.ماندىلا Transkei دىكى قەبىلە ئاقساقىلى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 95 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نارسىن ماندىلا
باشقا نامى ماندىلا
مىللىتى نېگىر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى
كەسپى ئادۋوكات، جەنۇبى ئافرىقا زۇڭتۇڭى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 纳尔逊·罗利赫拉赫拉·曼德拉
دۆلەت تەۋەلىكى ئافرىقا
يۇرتى جەنۇبى ئافرىقا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى جەنۇبى ئافرىقا ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نارسىن.ماندىلانارسىن ماندىلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا «دۆلەت ئاتىسى» نارسىن ماندىلا Transkei دىكى قەبىلە ئاقساقىلى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۇ بىر ئاكىتىپ پائالىيەتچى بولۇپ 27 يىل تۈرمىدە ياتقان. ماندىلا 40 نەچچە يىللىق سىياسى ھاياتىدا 100 دىن ئارتۇق مۇپاكاتقا ئېرىشكەن. 1993-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ماندىلا جەنۇبى ئافرىقىنىڭ تۇنجى نېگىر زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، 1994-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جەنۇبى ئافرىقا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

نارسىن ماندىلا جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئىرقى كەمسىتىش قىلمىشىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۇ 50 يىلغا يېقىن جاپالىق كۈرەش قىلغان، ھەتتا 27 يىل تۈرمىگە سولانغان. ئەڭ ئاخىرىدا يېڭىپ چىقىپ جەنۇبى ئافرىقىنىڭ تۇنجى نېگىر زۇڭتۇڭىغا ئايلانغان ۋە جەنۇبى ئافرىقا ئۈچۈن يېڭى دېموكراتىك يول ئاچقان.

نارسىن.ماندىلاماندىلانىڭ ۋاپاتىغا نىسبەتەن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار جەنۇبى ئافرىقا خەلقىگە ئوخشاش چوڭقۇر قايغۇغا چۆمگەن. بىر نەچچە ئېغىز سۆز ئارقىلىق ماندىلانىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ قارىشىدىكى ئوبرازىنى قىسمەن چۈشىنىشكە بولىدىكەن، ئۇ بولسا يەنى: ساخاۋەتلىك پېشقەدەم، نېگىرلارنىڭ ئازادلىق يول باشچىسى، ئەڭ تونۇشلۇق بولغان جەنۇبى ئافرىقىلىق. چۈنكى يېقىنقى زاماندىكى جۇڭگو مۇشەققەتلىك تارىخىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ جاپالىق كۈرەشلەر ئارقىلىق قۇرۇلۇپ چىققان بولغاچقا، ئۇلار جەنۇبى ئافرىقا خەلقىنىڭ ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتىنى ۋە بۇ يولدا كۈرەش قىلغان قەھرىماننى ئوخشاش يۇقىرى ئورۇنغا قۇيىدۇ ، شۇنداقلا جۇڭگو ھۈكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ ماندىلاغا بولغان ئىتىخارلىقى تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشىقان.

نارسىن ماندىلا ئالدى-كەينى بولۇپ جەنۇبى ئافرىقا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىجتىمائىي پەنلەر باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ۋە ۋېتويوتىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ۋە ئادۋۇكات بولغان.

نارسىن.ماندىلا1952-يىلى ئۆزىنىڭ ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ ئىلگىرى ئافرىقا ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ سېكرىتارى ۋە رەئىسى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە جەنۇبى ئافرىقىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پارتىيىدە مۇھىم خىزمەتتە بولغان ھەمدە بۇ چاغلاردا يەنە دېلانشىۋار ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى ۋە مەملىكەتلىك مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «ئىرقى كەمسىتىش ۋە باراۋەرسىزلىك» ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن نېگىرلار ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، جەنۇبى ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما مەملىكەتلىك نۇتۇق ئېلان قىلىپ، سابىق زۇڭتۇڭ ماندىلانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، سابىق زۇڭتۇڭ ماندىلا 95 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ جەنۇبى ئافرىقا ماندىلانى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە بايراقنى يېرىم چۈشۈرگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#