پۈتۈن تۆگە كاۋىپى

پۈتۈن تۆگە كاۋىپى
پۈتۈن تۆگە كاۋىپى بولسا ئىككى يىللىق تۆگە بوتىلىقى ، سۇڭپىياز، كراخمال ، كاۋاۋىچىن، تۇز ، قەلەمپۇر ، سوققان زىرە ، ئاقمۇچ ، زەرچىۋە ، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى ، تۇخۇم قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ تەمى ناھايىتى ياخشى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارئىككى يىللىق تۆگە بوتىلىقى بىر دانە، سۇڭپىياز تۆت تال، كراخمال 500 گرام، كاۋاۋىچىن 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق، قەلەمپۇر 70 گرام، سوققان زىرە 70 گرام، ئاقمۇچ ئازراق، زەرچىۋە ئازراق، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى 70 گرام، تۇخۇم 10 دانە.

1.ئىككى يىللىق تۆگە بوتىلىقىنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، پاكىز تازىلاپ، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئالدى قول ۋە ئارقا پۇت قىسمىغا بىر نەچچە يەرگە تۆمۈر زىخچە سانجىپ، تەم كىرەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ. 

2. سۇڭپىياز، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ قازانغا سېلىپ، بىر سائەت قاينىتىپ، ئۇنىڭغا گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى، تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن سۇ تەييارلاپ، چوڭ سۇ ئىدىشىغا قۇيۇپ سوۋۇتۇپ، بوتىلاقنى ئىككى سائەت چىلاپ تەم كىرگۈزۈپ، ئۈچ مېتىرلىق تۆمۈر زىخقا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

3. تۇخۇمنى چېقىپ، كراخمال، زەرچىۋە، تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، سوققان لازا سېلىپ سۇيۇق ئۇماچ تەييارلاپ، چىلانغان بوتىلاقنىڭ بەدىنىگە سۈركەپ شامالدىتىپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە بىرقېتىم سۈركەپ شامالدىتىپ تەييارلىنىدۇ. 

4. ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، دىئامېتىرى 10 مېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇرنى(بۇنداق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇر ھازىر تۇرپاندا كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا) قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان بوتىلاقنى تونۇرغا تىكلەپ، تۆت سائەت دۈملەپ 

پىشۇرۇلىدۇ. 

5. پىشقان بوتىلاقنى مەخسۇس تاماق ھارۋىسىغا تۇرغۇزۇپ زىياپەتخانىغا كەلتۈرۈپ پۈتۈن خېرىدارلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، چوڭ-چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا توغراپ، تەخسىگە ئېلىپ، ھەربىر جوزىغا بىر تەخسىدىن تارقىتىىدۇ) بۇ كاۋاپنى بېشى بىلەن بىللە كاۋاپ قىلىپ، بېشىنى بوتىلاقنىڭ تېنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بوينىغا قىزىل رەخت چىگىپ، ئاغزىغا كۆك سەي چىشلىتىپ، لازا، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلارنى كىچىك تەخسىگە ئېلىپ ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#