سالجا پارازىت كانىلار ئەترىتىگە تەۋە، دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بايقالغان سالجىلاردىن تەخمىنەن 800 خىلدىن كۆپرەك تۈرى بار، قاتتىق سالجا ئائىلىسى تەخمىنەن 700 نەچچە خىل، يۇمشاق سالجا ئائىلىسى تەخمىنەن 150 خىل، ئېلىمىزدە خاتىرىلەنگەن قاتتىق سالجا ئائىلىسى تەخمىنەن 100 خىل، يۇمشاق سالجا ئائىلىسى 10 خىل. سالجا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تېنىدە ۋاقىتلىق پارازىتلايدىغان قۇرت، بىر قىسىم ياۋايى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ۋاستىسى. 

ئۇيغۇرچە نامى سالجا
تارقالغان رايونلار ئورمان، چاتقاللىق، ئوتلاق، يېرىم قاقاسلىق
تىپى بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپى
ئائىلىسى سالجا باش ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蜱虫
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئۆمۈچۈكسىمانلار سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاتتىق سالجا

سالجىنىڭ تېنى ئېللىپس شەكىللىك، دۈمبە قىسىملىرى ياپىلاق ھەم سەل تومپىيىپ چىققان، يېتىلگەن ھاشارات تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 ~ 10 mm بۇلىدۇ؛  قان شورىغاندىن كېيىن يوغىنايدۇ. چىشى سالجىنىڭ ئاغزىدىكى تاڭلىيى بىلەن ئارقا تەرىپىدە بىر جۈپ تۆشۈك رايۇنى بۇلۇپ، بۇنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ تۇخۇم تۇغۇشقا ياردەم بېرىش ئىقتىدارى بار. ئەركەك سالجىنىڭ قالقان تاختىسى پۈتكۈل ئارقا تەرپىىنى دېگۈدەك قاپلاپ تۇرىدۇ، چىشى سالجىنىڭ قالقان تاختىسى بولسا ئاران كاسا قىسمىنىڭ بىر قىسمىنلا قاپلايدۇ، سالجىنىڭ ھەربىر پۇتىدا ئاساسىي بوغۇم، ئايلانما بوغۇم، تىز بوغۇمى، پاقالچاق بوغۇمى ۋە ئارقا بوغۇم قاتارلىقلار بۇلىدۇ. پۇراش سېزىمى ئىقتىدارى بار، تىرنىقى بولمايدۇ. كۆپىيىش تۆشۈكى قورساق قىسمىدىكى ئالدىنقى يېرىمىدا. ئەركەك سالجىنىڭ قورساق تاختا قىسمىدا خىتىن ماددىسى بار، ئۇنىڭ سانى سالجا ئۇرۇقدىشى تۈرىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. 

يۇمشاق سالجا

جاغ تەنچىسنى كەينى تەرەپتىن كۆرگىلى بولمايدۇ، تاڭلىيى ئارقا تۆشۈكى رايۇنىدا. گەۋدىسى ئارقا قالقان تاختىسىدا، بەدىنىنىڭ سىرىتقى قىسمىنى كۆپ ھاللاردا دانچە شەكىللىك كىچىك سۆگەل ياكى قورۇق باسقان، تەخسە شەكىللىك ئويمان. ئاساسىي بوغۇم ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان، كۆپىيىش تۆشۈكى قورساق قىسمىنىڭ ئالدىدا، جىنس ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك ئەمەس. مەقىتى تېنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا. ھەرقايسى ئاساسىي بوغۇملىرىدا ئارىلىق يوق، پەنجە تىرنىقى بار بولسىمۇ، لېكىن پەنجە تەگلىكى يوق. يېتىلگەن ھاشارەتنىڭ ئاساسىي بوغۇم بېزى ئېغىزى بار. ئاساسىي بوغۇم بېزى بولسا سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش، سۇ، ئېلېكتىرولىت ۋە قان لىمفا تەركىبىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.

تولۇق ئېرىقلىق قاتتىق سالجا؛

ئوتلاق چاسا شەكىلىك باش سالجا؛

شەرقىي ئاسىيا ئەينەككۆز سالجا؛ 

ئۆسۈكچىسىمان دىقماق گىرۋەكلىك سالجا؛

قاتتىق سالجا كۆپىنچە تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان. مەسىلەن : ئورمان، چاتقاللىق، ئوتلاق، يېرىم قاقاسلىق رايونلار. سالجىلارنىڭ  ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا تارقىلىشى كىلىمات، تۇپراق، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە ماكان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن : يۇقىرى كەڭلىك يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمان بەلبېغىدا تولۇق ئېرىقلىق سالجا كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ يېرىم چۆل ئوتلاق رايونلىرىدا ئوتلاق چاسا باش سالجىسى ياشايدۇ. ھالبۇكى، كالىلاردا بۇلدىغان ئۇششاق سالجا تېرىقچىلىق ۋە تاغلىق رايونىلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان جايلاردا سالجىلارنىڭ تارقىلىشىمۇ، ماسلىشىش مۇھىتىمۇ  ئوخشاش بولمايدۇ، تولۇق ئېرىقلىق سالجا كۆپىنچە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمان بەلبېغىدا ياشايدۇ، كونسىننا قارىغۇ سالجىسى بولسا، كۆپ ھاللاردا ئورمان، چىملىق قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. يۇمشاق سالجىلار  يوشۇرۇن ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇۋا، چاڭگا، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تۇرار جايى يېقىن جايلاردا ياشايدۇ. 

قان شوراش ئادىتى 

سالجا-سالجا لىچىنكىسى، ئارا لېچىنكا، ئەركەك-چىشى يېتىلگەن قۇرت، قان شورىغۇچى خوجايىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپ خىل پارازىت ھالىتىدە ياشايدىغان سالجا ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تۈرىدىن 200 خىل، قۇشلار 120 ۋە ئاز ساندىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار قاتارلىقلار. بەدەنگە بۆسۈپ كىرەلەيدۇ. قاتتىق سالجا كۆپىنچە كۈندۈزى ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، قان شوراش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، يۇمشاق سالجا كۆپىنچە كېچىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، قان شوراش ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا، ئادەتتە بىر نەچچە مىنۇتتىن بىر نەچچە سائەتكىچە. سالجىنىڭ قان سۈمۈرۈش مىقدارى ناھايىتى زور، ھەر قايسى يېتىلىش مەزگىلىدە قان شورىغاندىن كېيىن كۆپۈپ نەچچە ئون ھەسسە چوڭيىپ كېتىدۇ، چىشى قاتتىق سالجا ھەتتا يەرشارىنىڭ يۈز نەچچە ھەسسىسىچىلىك چوڭىيىپ كېتىدۇ. 

ماكان مۇناسىۋىتى 

پارازىت سالجا پارازىت قىسمىنى دائىم بەلگىلىك دائىرىدە تاللايدۇ. ئادەتتە تېرىسى نېپىزراق، ئاسانلىقچە تاتىلاپ ھەرىكەتچان قىلغىلى بۇلىدىغان قىسىمنى تاللايدۇ. مەسىلەن : سالجا پارازىت ھايۋان ياكى ئادەمنىڭ بويۇن، قۇلاق، قولتۇق، يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپى، ئەۋرەت ۋە چات يىرىقى قاتارلىق جايلارنى پارازىت قىلىپ ياشايدۇ. كالىلاردا بۇلىدىغان ئۇششاق سالجا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كالىنىڭ بويۇن قىسمىنى پارازىت قىلىپ ياشايدۇ، پېرسىيە ئۆتكۈر گىرۋەكلىك سالجىسى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا  ئۆي قۇشلىرىنىڭ قانات، پۇت ۋە  قولتۇق قىسملىرىدا پارازىتلىنىپ ياشايدۇ. 

قىشتىن ئۆتۈش پائالىيىتى 

ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، نەملىك، تۇپراق، نۇرلىنىش دەۋرى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سالجا تۈرىنىڭ پەسىللىك ئازىيىپ- كۆپىيىشى ۋە ھەرىكەت ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىللىق رايونلاردا كۆپ خىل سالجا مەۋجۇت بۇلۇپ ياشايدۇ. مەسىلەن : پۈتۈن جىلغىلاردا سالجىنىڭ كۆپ ھەرىكەت قىلىش مەزگىلى 4-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان مەزگىل. ھەرىكەت قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى 5-ئاي ۋە 6-ئاينىڭ بېشىدا. لىچىنكا ۋە ئارا لېچىنكلارنىڭمۇ پائالىيەت پەسلى ئۇزۇنراق، باش باھار 4-ئايدىن ئۇدا 9-، 10-ئايلارغىچە داۋاملىشىدۇ، ئادەتتە ئىككى يۇقىرى پەللە بار. 

سالجا ۋىرۇس ئېلىپ كىلىدۇ. بەزى رايونلاردا سالجا بەدىنىدە بىر خىل خانتان ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرۈش مۇمكىن، بۇ ۋىرۇس پاشا ئارقىلىق يۇقۇم مەنبەسى بولىدۇ. قان شورىغاندا كۆپ ئاغرىق يوق، لېكىن باش تېرىسىگە سانجىلغاندا، قان تولۇش پەيدا قىلىدۇ، سۇلۇق ئىششىق، جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كېسلى ۋە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

كېسەللىك تۈرى

 مېڭە ياللۇغى؛ 

 قاناش ۋە قىزىش؛

 قايتىلىما يۇقىدىغان كېزىك؛

لىمنورخىس كېسىلى؛ 

باكتىريەلىك كېسلى؛

شەكىلسىز تەنچە كېسىلى؛

 زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى؛ 

مۇھىتىن پايدىلىنىپ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش؛ 

خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش؛ 

دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئبلىش؛

بىئولوگىك كونترول قىلىش؛ 

شەخسلەر ئۆزىنى ئۆزى قوغداش؛[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#