ئاق قىچا ئۇرۇقى

ئاق قىچا ئۇرۇقى

ئاق قىچا ئۇرۇقى بولسا  ئۆسۈملۈك ئاق قىچا بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق ئۇرۇقى خەردىل ياكى ئاق قىچا ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

 

ئۇيغۇرچە نامى ئاق قىچا ئۇرۇقى
ئەرەبچە نامى خەردىل، خەردەل ئەبيەز
ئىنگلىزچە White Mustard Seed
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە نامى 白芥子
پارسچە نامى خەردەل سەفىد
ئوردۇچە نامى رائى سەفىد،سەرسۇن سەفىد

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق قىچا ئۇرۇقىئاق قىچا ئۇرۇقى بولسا  ئۆسۈملۈك ئاق قىچا بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق ئۇرۇقى خەردىل ياكى ئاق قىچا ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. شار شەكىللىك، سىرتى كۈلرەڭگە مايىل ئاق رەڭلىك، تەمى ئاچچىق، پۇراقسىز  ، كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈككە تەۋە بۇلۇپ قۇرۇتۇپ،ئۇرۇقى ئاجرىتىۋېلىنىدۇ. رايونىمىزدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاسىيا، ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەردىنمۇ چىقىدۇ.  

خۇسۇسيىتى

تېرىنى قىزارتىش،  پارقىرىتىش، مېڭە، ئاشقازان ۋە باشقا ئەزالاردىكى ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى يوقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

تەبىئىتى

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

خاس تەسىرى

تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

ئەكىس تەسىرى

 ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ،

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

بىنەپشە رەڭلىك تۈك تەمرەتكىسى زامبۇرۇغى قاتارلىق زەمبۇرۇغلارنى تورمۇزلايدۇ.

1. ئاق قىچادىن 10 گرام، سامساقتىن 7 گرام، سىياداندىن 10 گرام، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلاردىن 15 گرام ئېلىپ مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا بەھەققە مەنپەت قىلىدۇ.

2. ئاق قىچىنى مۇئاپىق مىقتاردا ئىلىپ سوقۇپ ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ خېمىر قىلىپ چاپسا يانپاش بوغۇم ئاغرىقىغا ۋە تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈشكە مەنپەت قىلىدۇ.

3.قىچا ،ئاقىرقارھا ،سۆئىلەپ قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ 3 دانە تۇخۇم سېرىقىغا ئارلاشتۇرۇپ يىسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەكنى سەمرىتىدۇ.

4. بىرەر ئەزاغا قاپارتقۇ پەيدا بولغان بولسا، ئۈستىدىن قىچا ئۇرۇقىنى سوقۇپ سۈرتسە ئاۋۋال ئېچىشتۇرۇپ، كېيىن ئاغرىق توختىتىدۇ.

5. قاينىتىپ ۋاننا قىلىنسا سوغۇقتىن بولغان ھەيز توسۇلۇشنى داۋالايدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئاق قىچا ئۇرۇقىئۇرۇقى

مىقدارى

3~5 گرام

ساقلاش

قۇرۇتۇپ،ئۇرۇقى ئاجرىتىۋېلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

 كاسىنە،بادام يېغى،سىركە،

ئورۇنباسارى

ھەببى رىشات، زاغۇن ئۇرۇقى، ئادراسمان، چامغۇر ئۇرۇقى،

 قۇرسى خەردەل ، سىيادان ئوكۇلى

تېرىدىكى يىرىڭلىق قوتۇر،كونا جاراھەت، خانازىر، سەۋدا مەنبەلىك قاتتىق ئىششىقلار، پالەچ، لەقۋا، رىماتىزىم، يانپاش ئاغرىقى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، زۇكام، جىگەر ئاغرىقى، ئىشتىھاسىزلىق، تال ئاغرىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

 ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە %5.2  سىنالبىن(Sinalbin) ، مىروزىن (Myrosin) ، سىناپىنې (Sinapine)  ۋە %20 -%26 ماي بار.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=338

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=338

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#